جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ئەر كىشىگىمۇ ئىددەت تۇتۇش كېرەك بولامدۇ؟ دېگەنلىك توغرىسىدا

104777

تارقاتقان ۋاقىت : 06-09-2022

كۆرگۈچىلەر : 770

سۇئال

    ئەر كىشى قانداق ۋاقىتتا ئىددەت تۇتىدۇ بۇنىڭدىكى ھېكمەت نېمە؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    ئەر كىشىگە ئىددەت كەتمەيدۇ، ھەقىقەتەن ئىددەت دېگەن ئاياللارغا خاس بولىدۇ، ئايال تالاق قىلىنىپ ئىددەت تۇتسۇن ياكى ئېرى ۋاپات بولۇپ ئىددەت تۇتسۇن ئوخشاش.

     ئەر كىشى تالاق قىلغان تۆتىنچى ئايالىنىڭ ئىددىتى توشمىغۇچە يەنە بىر يەنى بەشىنچى ئايال بىلەن توي قىلالمايدۇ، شۇنىڭدەك ئايالىنىڭ ئىددىتى توشمىغۇچە ئۇ ئايالنىڭ بىر تۇغقان ھەمشىرىسى، دادا تەرەپ ياكى ئانا تەرەپ ھاممىسى بىلەن توي قىلىشى چەكلىنىدۇ، بۇنى ئىددەت دەپ ئاتاش كېرەك بولمايدۇ.

    ھەتتاب رەھىمەھۇللاھ"مەۋاھىبۇل جەلىيل"  4 -توم 140 -بەتتە مۇنداق دېگەن: " ئەر كىشى تۆتىنچى ئايالىنى تالاق قىلىۋەتكەندە ياكى بىر ئايالنىڭ ھەمشىرىسىنى ياكى بىر نىكاھتا جۇغلاش توغرا بولمايدىغان ئايالنى تالاق قىلىۋەتكەندە توي قىلىشتىن چەكلىنىدىغان ۋاقىتنى ئىددەت دەپ ئاتاش ئەسلى ئەمەس، بۇ شەرىئەت ئاياللارغا بېكىتكەن ئىددەتنىڭ قاتارىغا كىرگۈزۈۋېلىش توغرا بولمايدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

    "پىقھى توپلاملىرى"  29 توم  306 -بەتتە مۇنداق كەلگەن: "ئەركىشىنىڭ ئىددەت مۇددتىنى توغرىسىدا: پىقھى ئالىملىرى ئەركىشىگە ئىددەت كېرەك بولمايدۇ دېگەن قاراشتا بولۇپ، ئەر كىشى ئايالى بىلەن ئايرىلغاندىن كېيىن ئۇ ئايالنىڭ ئىددىتىنىڭ تۈگىشىنى كۈتمەستىن توي قىلسا توغرا بولىدۇ ، لېكىن ئەر كىشى تالاق قىلىۋەتكەن ئايالىنىڭ ئاتا تەرەپ ۋە ئانا تەرەپ ھاممىسى بىلەن ياكى بىر تۇغقان ھەمشىرىسى بىلەن ياكى ئىككىسىنى بىر نىكاھتا جۇغلىسا دۇرۇس بولمايدىغان يىقىنلىرى بىلەن توي قىلىشى توغرا بولمايدۇ. شۇنىڭدەك تۆتىنچى ئايالىنى تالاق قىلىۋېتىپ يەنە بىر ئايال بىلەن توي قىلماقچى بولسا، ئايالىنى رەجئى تالاق قىلغان بولسا ئىددىتى تۈگۈگىچە كۈتىدۇ، بۇنىڭدا ئالىملار بىردەك، ھەنەپى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا بائىن تالاق بولغان بولسىمۇ كۈتىدۇ دەيدۇ، ئەمما كۆپچىلىك ئالىملار بائىن تالاق بولغان بولسا كۈتمەيدۇ دەيدۇ. بۇ ھالەتتە ئەر كىشىنى توي قىلىشتىن چەكلەش دېگەن لۇغەت تەرەپتىن بولسۇن ياكى ئالىملارنىڭ ئىشتىلىش تەرىپىدىن بولسۇن گەرچە ئىددەتنىڭ مەنىسىنى ئىپادىلىسىمۇ ئەمەلىيەتتە  ئىددەت دەپ ئاتالمايدۇ.

    نەپراۋىي مۇنداق دەيدۇ: "ھەقىقى ئىددەت دېگەن ئايالنى توي قىلىشتىن چەكلەش دېمەكتۇر، بۇ مۇددەت ئەر كىشىنى تۆتىنچى ئايالىنى تالاق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ئايالنىڭ ئىددىتى ئاخىرلىشىپ بولغىچە ئەر كىشىنى يەنە بىر ئايال بىلەن توي قىلىشتىن چەكلەپ قويىدۇ، بۇ لۈغەت تەرەپتىن بولسۇن ياكى شەرئى تەرەپتىن بولسۇن ئىددەت دەپ ئاتالمايدۇ، چۈنكى شەرىئەتتە  ئېھراملىق ھالەت ۋە كېسەللىك ھالەت دېگەندەك نىكاھ قىلىش چەكلىنىدىغان نۇرغۇن ئورۇنلار بار بولۇپ بۇمۇ ئىددەت دەپ ئاتالمايدۇ".

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى