يەكشەنبە 19 شەۋۋال 1445 - 28 ئاپرىل 2024
Uygur

تۆگە قۇشى بوغۇزلانسا ئۇنىڭ گۆشىنى يېگىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

   تۆگە قۇشىنىڭ گۆشىنى يېگىلى بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   شۇنداق، تۆگە قۇشىنىڭ گۆشىنى يېگىلى بولىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۇنى بەندىلىرىگە نېمەت قىلىپ بەردى، ئاللاھ تائالا ئاسمان ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسىنى ئىنساننىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بويسۇندۇرۇپ بەردى.

    گۆشىنى يېگىلى بولىدىغان ھايۋانلارنىڭ سانىنى بېكىتىش قېيىن بولىدۇ، ئەسلى قائىدىدە: ھاراملىقى ئايرىلغان نەرسىلەردىن باشقا ھەممە نەرسىنىڭ ھالال ئىكەنلىكىدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ھارام نەرسىلەرنى مۇنداق بېكىتىش مۇمكىن بولىدۇ:

   بىرىنچى: چوشقا. بۇ قۇرئان، ھەدىس ۋە ئىجما بىلەن ھارام قىلىنغان.

   ئىككىنچى: شىر، يولۋاس، يىلپىز، بۆرە، ئېت قاتارلىق مەگەن چىشلىق يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىنى يېيىش ھارام بولىدۇ.

    ئۈچىنچى: بۈركۈت، قارچۇغا، قۇملۇق بۈركىتى، ئۇزۇن قانات بۈركۈت، سا قاتارلىق تىرناقلىق قۇشلارنى يېيىش ھارام بولىدۇ.

    ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەگەن چىشلىق يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ ۋە تىرناقلىق قۇشلارنى يېيىشتىن چەكلىگەن». [مۇسلىم رىۋايىتى 1934-ھەدىس].

    تۆتىنچى: ئېشەكنى يېيىش ھارام.

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «خەيبەر يىلى ۋاقىتلىق نىكاھتىن ۋە ئېشەكنىڭ گۆشىنى يېيىشتىن چەكلىگەن». [بۇخارى رىۋايىتى 5203-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى1407-ھەدىس].

   بەشىنچى: يىلان، چايان ۋە ساچقانغا ئوخشاش ئۆلتۈرۈشكە بۇيرىغان نەرسىلەرنى يېيىش ھارام.

   ئالتىنچى: پاسكىنا نەرسىلەرنى يېيىش ھارام.

   ھالاللىق ۋە ھاراملىقتا ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان ئەسلى قائىدە؛ پاكىزلىق ۋە پاسكىنىلىقتۇر. ئىمام شاپىئىيدىن بايان قىلىنىشچە: ئەسلى دېگەن كاتتا ۋە ئومۇم بولىدۇ، بۇنىڭدىكى ئەسلى دەلىل ئاللاھ تائالانىڭ: «پاسكىنا نەرسىلەرنى ئۇلارغا ھارام قىلدى»دېگەن ئايىتى ۋە «ئۇلار سەندىن ئۆزلىرىگە نېمىنى يىيىشنىڭ ھالال بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ، ئۇلارغا ئېيتقىنكى: سىلەرگە پاكىز نەرسىلەر ھالال قىلىندى» دېگەن ئايىتىدۇر.

   شۇنىڭغا ئاساسەن، تۆگە قۇشىنىڭ گۆشى شەكسىز ھالال بولىدۇ، پىقھى ئالىملىرى تۆگە قۇشىنىڭ گۆشىنىڭ ھالال ئىكەنلىكىگە بىر قانچە ئورۇندا دەلىل بايان قىلغان:

   ئا-بوغۇزلاش، (ھايۋانلارنى راھەتلەندۈرۈش زىكىر قىلىنغاندا)، پىقھى ئالىملىرى مۇنداق دەيدۇ: گەدىنى قىسقا ھايۋانلار گەدىنىدىن بوغۇزلىنىدۇ، تۆگە، تۆگە قۇشى ۋە ئۆردەككە ئوخشاش بوينى ئۇزۇن ھايۋانلار جان تومۇرىدىن بوغۇزلىنىدۇ، چۈنكى بۇنداق قىلىش جاننىڭ چىقىشىغا ئاسان بولۇش ئۈچۈندۇر.

   ب-ئېھراملىق كىشىنىڭ ئوۋلىغان ھايۋىنىنىڭ گۆشىنى يېگىلى بولمايدۇ. ئىمام شاپىئى مۇنداق دەيدۇ: "ئېھراملىق كىشى  تۆگە قۇشى ئوۋلىغان بولسا، ئۇنىڭ جازاسىغا تۆگە ئۆلتۈرۈش كېرەك بولىدۇ." ["ئەلئۇم" 2-توم 210-بەت].

   ج-بىر جۈزئىگە قەسەم قىلغان بولسا، ئۇنىڭ قالغان جۈزئىلىرى ھالال بولىدۇ. ئىبنى ھەزم مۇنداق دەيدۇ: "بىر كىشى تۇخۇم يېمەسلىككە قەسەم قىلغان بولسا، پەقەت توخۇ تۇخۇمى يېسە قەسىمى بۇزۇلىدۇ، ئەمما تۆگە قۇشىنىڭ ۋە باشقا قۇشلارنىڭ تۇخۇمىنى يېسە بۇنىڭ بىلەن قەسەم بۇزۇلمايدۇ. بۇ ئىمام ئەبۇ ھەنىپە، ئىمام شاپىئى ۋە ئەبۇ سۇلايمان قاتارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر. ["ئەلمۇھەللا" 6-توم 327-بەت].

    پائىدە: پەييۇمىي مۇنداق دەيدۇ: " تۆگە قۇشى دېگەن سۆز، بۇنىڭ ئەركەك ۋە چىشى ھەر ئىككىلىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ". ["مىسباھۇل مۇنىر" 615-بەت].

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد