شەنبە 9 رەبىئۇل ئەۋۋەل 1440 - 17 نويابىر 2018
Uygur

ئىسلام دىنىنىڭ يۈكسەكلىكى توغرىسىدا

سۇئال

غەيرى مۇسۇلمانلارغا ئىسلام دىنىنىڭ يۈكسەكلىكى ۋە شۇنداقلا ئاسانلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان دىن ئىكەنلىكىنى قانداق چۈشەندۈرىمىز؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

ئىسلام دىنى بولسا، مېھرى-شەپقەت، كۆيۈمچانلىق، كەڭ قورساقلىق ۋە ئەپۇچانلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان دىن بولۇپ، ئاللاھ تائالا بۇ ئۈممەتنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا بۇيرۇمايدۇ، ياخشىلىق قىلغان كىشى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، يامانلىق قىلغان كىشى قىلمىشىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:﴿لَا يُكَلِّفُ اللَّـهُ نَفْسًا إِلَّا وُسْعَهَا ۚ لَهَا مَا كَسَبَتْ وَعَلَيْهَا مَا اكْتَسَبَتْ﴾ تەرجىمىسى: ئاللاھ ھېچكىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ. كىشىنىڭ قىلغان ياخشىلىقىنىڭ ساۋابى ئۆزىگىدۇر، يامانلىقىنىڭ جازاسىمۇ ئۆزىگىدۇر. [سۈرە بەقەرە 286-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

ئاللاھ تائالا ئىسلام ئۈممىتىدىن قېيىن، مۇشەققەتلىك بولغان، ئىنسانلارنىڭ تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشلارنى ئۇلارنىڭ زىممىسىدىن كۆتۈرىۋەتتى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: هُوَ اجْتَبَاكُمْ وَمَا جَعَلَ عَلَيْكُمْ فِي الدِّينِ مِنْ حَرَجٍ تەرجىمىسى: ئاللاھ (دىنغا پەيغەمبەرنى سىلەرگە خاس قىلدى).سىلەرگە دىندا ھېچقانداق مۈشكۈللۈكنى قىلمىدى يەنى سىلەرنى سىلەر تاقەت قىلالايدىغان ئىشلارنى قىلىشقا تەكلىپ قىلمىدى. [سۈرە ھەج 78-ئايەت].

مۇسۇلماندىن خاتالىق، ئۇنتۇلۇپ قىلىش ۋە مەجبۇرلىنىش سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن ئىشلار ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئەپۇ قىلىنىشى ئۈمىد قىلىنىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: رَبَّنَا لَا تُؤَاخِذْنَا إِن نَّسِينَا أَوْ أَخْطَأْنَا تەرجىمىسى: پەرۋەردىگارىمىز! ئەگەر بىز ئۇنتۇساق ياكى خاتالاشساق (يەنى بىز ئۇنتۇش ياكى سەۋەنلىك سەۋەبىدىن ئەمرىڭنى تولۇق ئورۇنلىيالمىساق)، بىزنى جازاغا تارتمىغىن. [سۈرە بەقەرە 286-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

ئاللاھ تائالا مۇسۇلماندىن بىلمەسلىكتىن خاتا قىلغان ئىشى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى قەستەن خاتا قىلغان ئىشى ئۈچۈن ھېساب ئالىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ فِيمَا أَخْطَأْتُم بِهِ وَلَـٰكِن مَّا تَعَمَّدَتْ قُلُوبُكُمْ تەرجىمىسى: سىلەر سەۋەنلىكتىن قىلىپ سالغان ئىشلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن قەستەن قىلغان ئىشىڭلاردا سىلەرگە گۇناھ بولىدۇ. [سۈرە ئەھزاب 5-ئايەت].

ئاللاھ تائالا ناھايىتى مېھرىبان، كۆيۈمچان بولغاچقا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۈممەتكە ئاسان ۋە كەڭرى بولغان توغرا دىن بىلەن ئەۋەتتى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يُرِيدُ اللَّـهُ بِكُمُ الْيُسْرَ وَلَا يُرِيدُ بِكُمُ الْعُسْرَ تەرجىمىسى: ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ. [سۈرە بەقەرە 185-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: شۈبھىسىزكى، دىن ئاساندۇر، ھېچ كىشى دىننى چىڭىتىۋالمىسۇن، ئەگەر چىڭىتىۋالسا ئۇ كىشى مەغلۇب بولىدۇ، توغرا بولغان ۋە ئاللاھ تائالا تەرىپىگە يېقىنلاشتۇرىدىغان ئەمەللەرنى قىلىش ئارقىلىق ئەجىر-ساۋابلار بىلەن خۇش-بىشارەت ئىلىڭلار. [بۇخارى رىۋايىتى39-ھەدىس].

شەيتان ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ ئەشەددى دۈشمىنى، ئىنسانغا پەرۋەردىگارىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ، گۇناھ-مەسىيەتلەرنى ئۇنىڭغا چىرايلىق كۆرسىتىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:اسْتَحْوَذَ عَلَيْهِمُ الشَّيْطَانُ فَأَنسَاهُمْ ذِكْرَ اللَّـهِ ۚ أُولَـٰئِكَ حِزْبُ الشَّيْطَانِ ۚ أَلَا إِنَّ حِزْبَ الشَّيْطَانِ هُمُ الْخَاسِرُونَ تەرجىمىسى: ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن شەيتان غەلىبە قىلدى، شەيتان ئۇلارغا ئاللاھنىڭ زىكرىنى ئۇنتۇلدۇردى، ئۇلار شەيتاننىڭ قوشۇنىدۇر، بىلىڭلاركى، شەيتاننىڭ قوشۇنى زىيان تارتقۇچىلاردۇر. [سۈرە مۇجادىلە 19-ئايەت].

ئىنسان كۆڭلىدىن كەچكەن ئىشلارنى ئەمەلىيىتىدە قىلمىسىلا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى ئەپۇ قىلىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا مېنىڭ ئۈممىتىمدىن، كۆڭلىدىن كەچكەن گەپ-سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتلەرنى، سۆزلىمىسە ياكى ئىشلىمىسە ئۇلارنى كەچۈرىدۇ.[مۇسلىم رىۋايىتى127-ھەدىس].

گۇناھ-مەسىيەت سادىر قىلغان كىشى ئۆز خاتالىقىنى ئاللاھ تائالا يوشۇرغاندىن كېيىن ئۇنى باشقىلارغا سۆزلەپ يۈرمەسلىكى كېرەك. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مېنىڭ ئۈممەتلىرىمدىن خاتالىقلىرىنى ئاشكارا قىلمىغانلار ئەپۇ قىلىنىدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى2990-ھەدىس].

ئىنسان خاتالىق سادىر قىلغاندىن كېيىن تەۋبە قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: كَتَبَ رَبُّكُمْ عَلَىٰ نَفْسِهِ الرَّحْمَةَ ۖ أَنَّهُ مَنْ عَمِلَ مِنكُمْ سُوءًا بِجَهَالَةٍ ثُمَّ تَابَ مِن بَعْدِهِ وَأَصْلَحَ فَأَنَّهُ غَفُورٌ رَّحِيمٌ تەرجىمىسى: پەرۋەردىگارىڭلار بەندىلىرىگە رەھمەت قىلىشنى (ئۇلارغا ئېھسان قىلىش يۈزىسىدىن) ئۆز ئۈستىگە ئالدى، سىلەردىن كىمكى بىلمەستىن بىرەر يامانلىق قىلىپ قويۇپ، ئاندىن كېيىن تەۋبە قىلسا ۋە ئەمەلىنى تۈزىسە، ئاللاھ ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا مەغپىرەت قىلىدۇ ۋە رەھىم قىلىدۇ، دېگىن. [سۈرە ئەنئام 54-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

ئاللاھ تائالا كەرەملىك، سېخى زات بولغاچقا بەندىسىنىڭ ياخشىلىقىنى زىيادە قىلىدۇ، خاتالىقىنى ئەپۇ قىلىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالادىن بايان قىلغان ھەدىس قۇدىسيدا مۇنداق دەيدۇ: ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ياخشىلىق، يامانلىقنى يازدى، ئاندىن بۇنىڭ جازا-مۇكاپاتىنى بايان قىلدى، كىمكى بىر ياخشىلىق قىلىشنى مەقسەت قىلىپ، ئۇنى قىلالمىسا، ئاللاھ تائالا ئۆز ھوزۇرىدا ئۇ كىشى ئۈچۈن تولۇق بىر ياخشىلىق يازىدۇ، ئەگەر ئۇ كىشى ياخشىلىقنى مەقسەت قىلىپ ئۇنى ئەمەلدە روياپقا چىقارسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشى ئۈچۈن ئۆز ھوزۇرىدا ئون ياخشىلىقتىن يەتتە يۈزگىچە ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ياخشىلىق يازىدۇ، كىمكى بىر يامانلىقنى مەقسەت قىلىپ، ئۇنى قىلمىسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشى ئۈچۈن ئۆز ھوزۇرىدا تولۇق بىر ياخشىلىق يازىدۇ، ئەگەر يامانلىقنى مەقسەت قىلىپ ئۇنى قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشى ئۈچۈن بىر يامانلىق يازىدۇ. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس. بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى "كىتابۇ رەقائىق ناملىق ئەسەرنىڭ 81-بىتىدە كەلتۈرگەن].

شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم ئەتتۇۋەيجىرىنىڭ: "ئىسلام دىننىڭ ئاساسى" ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىندى.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى

كۆز قاراش ئەۋەتىش