پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

دائىم دورا ئىستىمال قىلىپ تۇرىدىغان بىمار رامىزان روزىسىنى قانداق تۇتىدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

    يۈرەك كېسىلى بولغان بىر كىشى، دائىم دورا ئىستىمال قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، يەنى ھەر سەككىز سائەت ياكى ئالتە سائەتتە بىر قېتىم دورا ئىستىمال قىلىشى كېرەك بولسا، ئۇ كىشىدىن رامىزان روزىسىنى تۇتۇش ساقىت بولامدۇ؟ يەنى پەرىز روزىنى تۇتمىسىمۇ بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

    شۇنداق، ئۇ كىشىدىن رامىزان روزىسى ساقىت بولىدۇ، يەنى ئۇ كىشى پەرىز روزىنى تۇتمىسىمۇ بولىدۇ، ھەر بىر كۈنلۈك روزىسى ئۈچۈن بىر كەمبەغەلگە يېمەك بېرىدۇ، ياكى ئوتتۇز كەمبەغەلنى توپلاپ، ھەر بىرىگە سەككىز يۈز گىرام ئەتراپىدا گۈرۈچ بەرسىمۇ بولىدۇ، گۆش بىلەن بەرسە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، ئەگەر رامزاننىڭ كېچىلىرىدىن بىرىدە ئۇلارغا ئىپتارلىق ياكى سوھۇرلۇق بەرسىمۇ بولىدۇ ياكى رامىزاندىن كېيىن ئۇلارغا بىر قېتىم چۈشلۈك تاماق بەرسىمۇ بولىدۇ، بۇنىڭ قايسىسىنى قىلسا، توغرا بولىدۇ.

    پەزىلەتلىك شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار توپلىمى.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى