سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ئۆز دۆلىتىدىكى مۇسۇلمانلار بىلەن بىرگە روزا تۇتامدۇ ياكى باشقا دۆلەتتىكى ئاينى كۆرگەنلەر بىلەن بىر ۋاقىتتا روزا تۇتامدۇ؟

سۇئال

بەزى ئىسلام دۆلەتلىرىدە ئاي كۆرۈلگەن بولسىمۇ، مەن خىزمەت قىلىۋاتقان دۆلەتتە شەبان(بارات ئېيى) ۋە رامىزاننى تولۇق 30 كۈن ھېسابلايدىكەن، مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟. كىشىلەرنىڭ رامىزان ئېيى توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشىدىكى سەۋەب نېمە؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

سىز ئۆزىڭىز تۇرىۋاتقان يۇرتتىكى مۇسۇلمانلار بىلەن بىرلىكتە ئۇلار روزا تۇتسا روزا تۇتىسىز، ئۇلار ھېيت قىلسا ھېيت قىلىسىز. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: روزا، يۇرت ئەھلى روزا تۇتقان كۈندە، روزا ھېيت يۇرت ئەھلى ھېيت قىلغان كۈندە، قۇربان ھېيت كىشىلەر قۇربانلىق قىلغان كۈندە بولىدۇ. [تىرمىزى رىۋايىتى]. چۈنكى ئۆز-ئارا ئىختىلاپ قىلىش ياخشى ئەمەس. سىز ئۆزىڭىز تۇرىۋاتقان دۆلەت ياكى رايوندىكى كىشىلەر بىلەن بىرگە بولىسىز، شۇ يەردىكى مۇسۇلمانلار ھېيت قىلسا ئۇلار بىلەن بىرگە ھېيت قىلىسىز، ئەگەر ئۇلار روزا تۇتسا ئۇلار بىلەن بىرلىكتە روزا تۇتىسىز.

     ئەمما كىشىلەر ئارىسىدىكى ئىختىلاپنىڭ سەۋەبى بولسا: بەزى دۆلەت ۋە رايوندىكى كىشىلەر رامىزاننىڭ ھىلال ئېيىنى كۆرسە يەنە بەزى دۆلەت-رايوندىكى كىشىلەر كۆرەلمەيدۇ ياكى كۆرمەيدۇ. ئاينى كۆرگەن دۆلەت ۋە رايونلاردىكى مۇسۇلمانلارغا ئىشەنچ قىلغانلار ئۇلارنىڭ ئاي كۈرىشى بىلەن ئۇلار بىلەن بىرلىكتە روزا تۇتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاي كۆرگەنلىكىگە ئىشەنچ قىلالمىغانلار ئۇلار بىلەن بىرلىكتە روزا تۇتمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئارىسىدا ئىختىلاپ پەيدا بولىدۇ.

     ئاي كۆرگەن دۆلەت ۋە رايوندىكى كىشىلەر  ئاينى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن روزا تۇتىدۇ ياكى ھېيت قىلىدۇ. ئەمما بەزى دۆلەتلەر مەزكۇر دۆلەت ياكى رايوندىكى كىشىلەرنىڭ ئاي كۆرگەنلىكىگە سىياسى ياكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەر سەۋەبلىك ئىشەنچ قىلالمايدۇ ياكى قانائەتلەنمەيدۇ.

     بارلىق مۇسۇلمانلار ئاينى كۆرۈپ روزا تۇتۇشى ۋە ئاينى كۆرۈپ ھېيت قىلىشى  زۆرۈردۇر. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئەگەر رامىزاننىڭ ھىلال ئېيىنى كۆرسەڭلا روزا تۇتۇڭلار. ئەگەر شەۋۋالنىڭ ھىلال ئېيىنى كۆرسەڭلا روزا ھېيت قىلىڭلار. ئەگەر ھاۋا تۇتۇق بولۇپ ئاينى كۆرەلمىسەڭلار، ئاينى 30 كۈن ھېسابلاڭلار. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

     مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى ئاي كۆرۈلگەنلىككە قانائەت قىلسا، ئۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىرلىكتە روزا تۇتۇشى ياكى ھېيت قىلىشى لازىم بولىدۇ. لېكىن كىشىلەر ئىختىلاپ قىلىشىپ بىر-بىرىگە قانائەت قىلالمىغان ئەھۋال ئاستىدا، سىز  ئۆزىڭىز تۇرىۋاتقان دۆلەتتىكى مۇسۇلمانلار بىلەن بىرلىكتە روزا تۇتىسىز ياكى ھېيت قىلىسىز. مانا بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆۋەندىكى ھەدىسىگە ئەمەل قىلغانلىقتۇر: روزا، يۇرت ئەھلى روزا تۇتقان كۈندە، روزا ھېيت يۇرت ئەھلى ھېيت قىلغان كۈندە، قۇربان ھېيت كىشىلەر قۇربانلىق قىلغان كۈندە بولىدۇ. [تىرمىزى رىۋايىتى].

     ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خىزمەتچىسى كۇرەيب سەپەردىن قايتىپ كېلىپ شام ئەھلىنىڭ جۈمە كۈنىدە روزا تۇتقانلىقىنى بىلدۈرگەندە، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇ: بىز ئاينى شەنبە كېچىسىدە كۆردۇق، بىز دائىم ئاينى كۆرۈپ روزا تۇتىمىز ياكى ئاينى 30 كۈن تولۇقلايمىز، دەيدۇ. بۇ ۋەقەلىكتىن قارىغاندا، مەدىنە ئەھلى شام ئەھلىنىڭ ئاي كۆرگەنلىكى بىلەن ئۇلارغا ئەگىشىپ روزا تۇتمىغان چۈنكى شام بىلەن مەدىنىنىڭ ئارىلىقى ئۇزۇن شۇنداقلا  ئىككى يۇرتتا ئاينىڭ كۆرۈلۈش ۋاقتىمۇ پەرقلىق بولىدۇ. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ مەسىلىنى ئىجتىھادىي مەسىلە دەپ قارىغان.

    سۇئال سورىغۇچى قېرىندىشىم! سىز ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە باشقا ئالىملارنىڭ قارىشى بويىچە، سىز تۇرىۋاتقان دۆلەتتىكى كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە  روزا تۇتۇڭ ياكى ھېيت قىلىڭ. جانابى ئاللاھ سىزنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن.  تۈگىدى.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى