جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

روزا تۇتۇپ، رامزاننىڭ كۈندۈزىدە ئايالى بىلەن بىرگە بولغان كىشىنىڭ كاپارىتى توغرىسىدا

سۇئال

   روزا تۇتۇپ، رامزاننىڭ كۈندۈزىدە ئايالى بىلەن بىرگە بولغان كىشىنىڭ كاپارىتى نېمە؟ ۋە يېمەك بېرىشنىڭ مىقدارى قانداق؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

    ئەر كىشى روزا تۇتۇپ رامزاننىڭ كۈندۈزدە ئايالىغا يېقىنچىلىق قىلغان بولسا، ئەر-ئايال ئىككەيلەننىڭ ھەر بىرىگە ئايرىم-ئايرىم كاپارەت كېلىدۇ، كاپارەت: مۇمىن قۇلدىن بىرنى ئازاد قىلىش، ئەگەر ئۇنى قىلالمىسا، ئايالمۇ رامىزان بولغاندىن كېيىن "ياق بولمايدۇ" دېمەستىن ئېرىگە ماسلىشىپ ئىش قىلغان بولسا، ئەر-ئايال ئىككىيلەننىڭ ھەر بىرى ئۈزۈلدۈرمەي ئىككى روزا تۇتۇشى كېرەك،(60 كۈندىن) ئەگەر بۇنى قىلالمىسا، ھەر بىرى ئاتمىش مىسكىنگە كۈنىگە شۇ شەھەر ئاھالىسى ئىستىمال قىلىدىغان ئوتتۇرىھال يېمەكلىكتىن كۈنىگە بىركەمبەغەلگە بىر يېرىم كىلو ئەتراپىدا ئاتمىش كۈن يېمەك بېرىدۇ، كاپارەتتە يېمەك بېرىش بولسا، قۇل ئازاد قىلىش ئاندىن ئىككى ئاي ئۈزمەي روزا تۇتۇش مۇمكىن بولمىغاندا بولىدۇ، ئەر-ئايال ئىككەيلەن بىرگە بولغان شۇ كۈندىكى روزىنىڭ قازاسىنى تۇتىدۇ، قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىپ، ئاللاھنىڭ تەرىپىگە قايتىپ، ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ، كەچۈرۈم سوراپ، بۇنداق ئىشنى ھەرگىز قىلمايدۇ، چۈنكى رامزاننىڭ كۈندۈزدە روزا تۇتقان ھالەتتە ئايالى بىلەن بىرگە بولۇش دېگەن چوڭ خاتالىق ھېسابلىنىدۇ، روزا تۇتۇش پەرز بولغان ھېچ بىر كىشىنىڭ بۇنداق قىلىشى توغرا بولمايدۇ. ["شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالار توپلىمى" 15/302].

   يۇقىرىدا بايان قىلىنغان دەلىلگە ئاساسەن كاپارەتتە؛ بىر كۈندە كەمبەغەلگە بېرىلىدىغان يېمەكنىڭ مىقدارى: گۈرۈچ ۋە ياكى باشقا يېمەكلىكلەردىن بولسۇن، بىر يېرىم كىلۇگىرام ئەتراپىدا بولىدۇ. 

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى