ھەدىيە ۋە قۇربانلىق قىلىنىدىغان ھايۋانلارنىڭ ياش چەكلىمىسى توغرىسىدا

سوئال 106597

ھەدىيە ۋە قۇربانلىق قىلىنىدىغان ھايۋانلار ئۈچۈن بەلگىلەنگەن مۇئەييەن ياش چەكلىمىسى بارمۇ؟ ئۇ چەكلىمىگە يەتمىگەنلىرىنى بوغۇزلاش توغرا بولمامدۇ؟، ئاللاھ تائالانىڭ «ئۆمرى قىلغاندىن كېيىن ھەج قىلىشتىن بەھرىمەن بولغان ئادەم (يەنى ھەجدىن بۇرۇن ئۆمرە قىلىپ تاماملىغان ئادەم) نېمە ئوڭاي بولسا، شۇنى قۇربانلىق قىلسۇن» دېگەن ئايىتىنى قانداق چۈشىنىمىز؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

"شەرئى دەلىللەر ھەدىيە -قۇربانلىقتا، ئالتە ئايلىق قوي، بىر ياشقا كىرگەن ئۆچكە، ئىككى ياشقا كىرگەن كالا ۋە بەش ياشقا كىرگەن تۆگە يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى، يېشى بۇنىڭدىن كېچىك بولسا قۇربانلىق قىلىش ياكى ھەدىيە قىلىشقا يېتەرلىك بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مانا بۇ ئايەتتە بايان قىلىنغان: «نېمە ئوڭاي بولسا، شۇنى قۇربانلىق قىلسۇن» دېگەن سۆزنىڭ ئىزاھاتىدۇر، چۈنكى قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ دەلىللىرى بىر-بىرىنى چۈشەندۈرىدۇ.

ئاللاھ تائالا توغرىغا مۇۋەپپەق قىلغۇچىدۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابە كىراملارغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە سالامى بولسۇن".

"سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمىي تەتقىقات ۋە پەتىۋالار دائىمىي كومىتېتى. شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز، شەيخ ئابدۇراززاق ئەپىيپى، شەيخ ئابدۇللاھ غۇدەييان ۋە شەيخ ئابدۇللاھ بىن قەئۇد قاتارلىقلار. ["پەتىۋالار دائىمىي كومىتېتى" 11-توم 376-بەت].

مەرجەلەر

قۇربانلىق
ھەج ۋە ئۇمرە

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android