0 / 0
59108/شوال/1446 , 06/ئاپرېل/2025

ھارام كەسىپلەرنىڭ تۈرلىرى قايسى؟ ساھابىلەرنىڭ كەسىپ مەنبىيى قانداق ئىدى؟، ئۇنىڭ ئەڭ پەزىلەتلىك بولغىنى قايسى؟

سوئال: 107144

مەن ئاسپىرانتلىق ئوقۇشنى تاماملاپ ئادەم كۈچ بايلىقىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىلەرنى باشقۇرۇش كەسپىدە دىپلومغا ئېرىشتىم، بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك مبا  دىپلۇملىرىنىڭ قاتارىدىكى مەخسۇس بىر دىپلۇم، لېكىن ئاللاھ تائالا مېنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىپ ئىسلامنى لازىم تۇتقاندىن كېيىن بۇ خىزمەتنىڭ تازا پايدىسى بولمايدىغانلىقىنى تۆۋەندىكى ئىشلاردىن يەكۈنلىدىم:

1-بۇ تۈردىكى دىپلومغا ئېرىشكەنلەرگە خىزمەت پۇرسىتى كەڭرى، ھەممىسى دېگۈدەك جازانىگە ئالاقىدار توختاملارنى يېزىشنى لازىم تۇتىدۇ.

2-ئادەم كۈچ بايلىقىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خىزمىتىنىڭ كۆپ قىسمى ئەر-ئايال يېڭى خىزمەتچىلەرنى خزمەتكە تەيىنلەش بولۇپ، ئايال تۈنجى قېتىم خىزمەتكە تەكلىپ سۇنغاندا، مۇقابىلە قىلىش ئۈچۈن مەھرەمسىز كېلىدۇ، خىزمەتكە تەيىنلەنگەندىن كېيىن خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن مەھرەمسىز خالى ئورۇندا بىرگە ئىشلەش كېرەك بولىدۇ، ئادەم كۈچ بايلىقىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئۇنىڭدىن باشقىمۇ نۇرغۇن ئىشلىرى بار.

3-ئادەم كۈچ بايلىقىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ ھەممىسى ئارىلاش خىزمەت قىلىدىغان ئورۇن بولۇپ، ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئالدىدا گۈزەللىكلىرىنى نامايەندە قىلىپ تۇرىدۇ، مەن ئىسلام ئەخلاقىنى لازىم تۇتقان ۋە خىزمەتداشلىرىمنى دىنغا چاقىرىشتا ئۈلگە بولغان ئاساستا بۇ خىزمەتنى قىلسام توغرا بولامدۇ؟ ياكى بۇ خىزمەتتىن پۈتۈنلەي يىراقلىشىپ، ئىش ھەققى بۇنىڭدىن ئاز ۋە دەرىجىسى تۆۋەن بولسىمۇ مېنى بۇنداق ئىشلارغا يېتەكلىمەيدىغان باشقا خىزمەت تاپىمەنمۇ؟، ياكى بۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق چارە بارمۇ؟، پىتنە جەھەتتە بۇنىڭدىن تۆۋەن بولغان خىزمەت تۈرلىرى بولسا بايان قىلىپ بېرىڭلار، سىلەردىن:  ساھابىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئۈچۈن قانداق خىزمەتلەرنى قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىڭلار، بەزى كىشىلەر ماڭا: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئايلىق ئىشلىگەندىن تىجارەت قىلىشنى ئەۋزەل دېگەن دەيدۇ، بۇ سۆزنىڭ ئاساسى بارمۇ؟ ، بۇ سەھىھ ھەدىسمۇ؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى:  بەزى خىزمەتلەر بار جازانە بانكىلىرىدا خىزمەت قىلىش ۋە ھاراق ساتىدىغان دۇكانلاردا ئىشلەش دېگەندەك، بۇ ئىشنىڭ ئۆزى ھارام بولىدۇ، بەزى خىزمەتلەر بار ئۇ شۇ ئورۇندا شەرىئەتكە خىلاپ ئىش بولىدىغانلىقى ئۈچۈن يەنى ئەر-ئاياللار ئارىلىشىپ خىزمەت قىلىدىغان، شەرىئەتكە زىت كىلىدىغان كىيىملەرنى كىيىشنى شەرت قىلىدىغان، ساقالنى ئالدۇرىۋېتىدىغان ئىشلار بولۇپ، مۇسۇلماننىڭ بۇ ھەر ئىككى تۈردىكى خىزمەتنى قىلىشى توغرا بولمايدۇ.

بۇ خىزمەتلەر ھاراملىق جەھەتتىن پەرقلىق بولۇپ ئىككىنچى ئورۇندا بولىدۇ، گۇناھى كاتتا بولغىنى جازانە ئىشلىرىنى يېزىپ قالدۇرۇشتۇر، ئاندىن ھارام نەرسىلەرنى ساتىدىغان ياكى ئىشلەپ چېقىرىدىغان خىزمەتتۇر، ئاندىن خىزمەت ئورنى شەرىئەتكە زىت بولغان خىزمەتتۇر، ئاخىرقىسىغىمۇ سەل قاراش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ خىزمەتچىنىڭ دىنى ۋە ئەخلاقىغا تەسىرى بولىدۇ، بولۇپمۇ ئاياللار پىتنىسى بەك يامان بولۇپ، ئىسرائىل ئەۋلادلىرى ئېچىدىمۇ تۈنجى پىتنە ئاياللاردىن تارقالغان، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام خەۋەر بەرگەندەك، ئاياللارنىڭ پىتنىسى مۇسۇلمانغا ئەڭ زىيانلىق ۋە خەتەرلىك بولغان پىتنىدۇر.

ئەگەر سىلەرنىڭ شەھرىڭلاردا ئەر-ئاياللارنىڭ ئارىلىشىپ خىزمەت قىلىشى ئادەتكە ئايلانغان بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم خىزمەت قىلىدىغان ئورۇنمۇ بولمىسا، سىزنىڭ بۇ ئورۇندا خىزمەت قىلىشىڭىز پايدىلىق بولسا، بۇ مۇنكەرلەرنىڭ بەزىسىنى يوق قىلىش ۋە يەنە بەزىسىنى ئازلىتىشقا، كۈچىڭىزنىڭ يېتىشچە: باشقۇرۇش دائىرىڭىزدە خىزمەت قىلىۋاتقانلارغا نەسىھەت قىلىش، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن چەكلەيدىغان ئىشنى قىلسىڭىز  توي قىلمىغان بولسىڭىز توي قىلىپ ئاياللارنىڭ پىتنىسىدىن يىراق تۇرۇشنىڭ ۋە ئېھتىيات قىلىشنىڭ چارىسىنى قىلسىڭىز، ئۇ ئاياللارغا قارىمىسىڭىز، خالى جايدا يالغۇز بىرگە تۇرمىسىڭىز، ئۇلارغا قارىمىسىڭىز،  خىزمەتچى ئاياللار بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغان ۋاقىتتا مۇمكىن بولسا ئىشخانىنىڭ ئېشىكىنى ئېچىۋەتسىڭىز، ئاياللارغا يېقىن ئولتۇرمىسىڭىز ياخشى بولىدۇ.

بىزنىڭ قارىشىمىزچە سىزنىڭ ئۇ خىزمەتنى داۋام قىلىشىڭىز بەزى شەرئى مەنپەئەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە پايدىسى بولىدۇ، ياخشى كىشىلەرنىڭ بۇزۇقچىلىقنى ئازايتىشى خىزمەتنى تەرك قىلغاندىن ياكى ئۇ خىزمەتنى شەرىئەت قائىدىسى ۋە دىنى پرىنسىپلارغا رىئايە قىلمايدىغان كىشىگە تەرك قىلىشتىن ياخشىدۇر. ئەگەر بۇ خىزمەت تەرك قىلىنسا بۇزۇقچىلىق ئومۇملىشىپ ئىلگىرىكىدىنمۇ زىيادە بولىدۇ، ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش قېيىن بولىدۇ، نۇرغۇن ياخشى ئۇستازلار قىز-ئوغۇل ئارىلاش ئوقۇيدىغان مەكتەپ، ئۈنۋېرستېتلاردا خىزمەت قىلدى دەرس ئۆتتى، ئۇلارنىڭ ئىلمىدىن نۇرغۇن كىشىلەر پايدىلاندى ۋە كۆپ بۇزۇقچىلىقلار يوق بولدى، سىزنىڭ ئاشۇنداق سالىھ كىشىلەردىن بىرى بولىشىڭىزنى ئاللاھدىن ئۈمىت قىلىمىز.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە:  ئەگەر سىز بۇ خىزمەتكە كىرگەندىن كېيىن دىنىڭىزنى مۇھاپىزەت قىلىشقا قادىر بولالمىسىڭىز، تەدرىجى ھارام ئىشلارغا يۈرۈپ كېتىدىغان بولسىڭىز، ئۇ ۋاقىتتا سىزگە بۇ خىزمەتنى تەرك قىلىشتىن باشقا يول بولمايدۇ، كىمكى بىر ئىشنى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن تەرك قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى بىر ئىشنى ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇبارەك ھەدىسلىرىدە شۇنداق دېگەن.

ئىككىنچى:  ساھابىلەرنىڭ تۈرمۇش ئۈچۈن قىلغان كەسىپلىرى كۆپ ۋە تۈرلۈك بولۇپ ئەبۇ بەكرى سىددىق، ئوسمان ئىبنى ئەپپان ۋە ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋپ (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) قاتارلىق تىجارەت قىلغانلارمۇ بار، بەزىلەر زېمىن ئۆزىنىڭ بولسۇن ياكى ئىجارىگە ئېلىپ تېرىسۇن ياكى زېمىن ئىگىسىگە ئىشلىسۇن دىخانچىلىق قىلغان، مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارىلاردىن نۇرغۇن كىشى مۇشۇنداق قىلغان، بەزىلەر ياغاچچىلىق، تۆمۈرچىلىك دېگەندەك قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسپىنى قىلغان، بەزى دۆلەتكە ئالاقىدار بولغان تەلىم-تەربىيە، ئوقۇتقۇچىلىق، زاكات توپلاش، قازى-سوتچى بولۇش دېگەندەك خىزمەتلەرنى قىلغان، يەنە كۆپچىلىكنىڭ كەسپى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىپ غەنىمەت ئېلىش بىلەن بولغان.

لېكىن بۈگۈنكى كۈندە قول ھۈنەرۋەنچىلىك، سانائەت ئىشلەپ چېقىرىش بىلەن تەبى ھاياتنىڭ ئارىسىدا زور پەرق بار، شۇنداق بولسىمۇ كىشىلەرنىڭ بۈگۈنكى كۈنىدە ھەممە كەسىپلەر تېپىلىدۇ، ھەر ئىش كىشىلەر ئېيتقاندەك بولىدۇ.

ئۈچىنچى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئايلىق ئىشلىگەندىن تىجارەتنى ئەۋزەل كۆرگەنلىك توغرىسىدا سۆزلىگەن سەھىھ ھەدىسى يوق، بۇ مەسىلىدە ئالىملار ئارىسىدىمۇ ئىختىلاپ بار، بەزىلەر تىجارەت قىلىشنى ئەۋزەل دېسە، بەزىلەر دىخانچىلىق قىلىشنى ئەۋزەل دەيدۇ، يەنە بەزىلەر قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە ئىشلەپ چېقىرىش كەسپىنى ئەۋزەل دەيدۇ.

تىجارەت قىلىشنىڭ ئەۋزەللىكى توغرىسىدا ھەدىس بايان قىلىنغان بولسىمۇ لېكىن ئۇ ھەدىس سەھىھ ئەمەس، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «رىزقىمنىڭ ئوندىن توققۇزى تىجارەتتە قىلىنغان» [زەئىپ ھەدىسلەر توپلىمىدا3402 -كەلتۈرۈلگەن].

ئەمما قول ھۈنەرۋەنچىلىك، ئىشلەپ چېقىرىش ۋە تىجارەت قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى توغرىسىدا راپى ئىبنى خەدىج رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن قايسى كەسىپنى بەك ياخشى؟ دەپ سورالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىنساننىڭ ئۆز قولى بىلەن تېپىپ يېگىنى  ئەڭ ياخشى كەسىپتۇر». [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 17265 -ھەدىس. مۇسنەدنى تەتقىق قىلغۇچىلار ھەسەن دېگەن. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "تەرغىيبنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" 1691 -كەلتۈرگەن].

مىقداد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىنسان ئۆز قولى بىلەن ئىشلەپ يېگەندىنمۇ لەززەتلىك، پاك تائام يېمىدى، ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى داۋۇد ئەلەيھىسسالام ئۆز قولى بىلەن ئىشلەپ يەيتتى». [بۇخارى رىۋايىتى1966 -ھەدىس].

ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئالىملار ئەڭ ئەۋزەل كەسىپ توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشتى، ماۋەردى مۇنداق دەيدۇ: "كەسىپلەرنىڭ ئاساسى:  دىخانچىلىق، تىجارەت، ئىشلەپ چېقىرىش، بۇ شاپىئى مەزھىپىدىكى ئالىملارنىڭ كەسىپلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى تىجارەت دېگەن قارىشىغا ئوخشاپ قالىدۇ، مېنىڭ قارىشىمدىكى ئەڭ كۈچلۈك قاراش:  دىخانچىلىقتۇر، چۈنكى ئۇ ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۇل قىلىشقا ئەڭ يېقىندۇر.

ئىمام نەۋەۋىي ئىلگىرى بايان قىلىنغان مىقداد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىگە ئەگەشتۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: "توغرىسى: كەسىپلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئىنساننىڭ ئۆز قولى بىلەن قىلغان ئىشىدۇر، دىخانچىلىق بولسا ئەڭ پاك كەسىپ چۈنكى بۇ قولى بىلەن قىلىشنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، ئۇنىڭدا ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۇل قىلىش بار، ئادەم بولسۇن ياكى ھايۋان بولسۇن ئومۇمغا پايدىسى بار، ئادەتتە زېمىندىن چىققان نەرسىلەر ھەقسىزمۇ يېيىلىدۇ.

مەن دەيمەنكى:  ئۆز قولى بىلەن قىلغان ئىشلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى جىھاد قىلىپ كاپىرلارنىڭ ماللىرىنى غەنىمەت ئېلىشتۇر. بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كۆپچىلىك ساھابىلەرنىڭ كەسپىدۇر، بۇ ئەڭ شەرەپلىك، ئېسىل كەسىپتۇر، ئۇنىڭدا ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئالى قىلىش بولىدۇ، دىن دۈشمەنلىرىنىڭ سۆزىنى خار قىلىش بولىدۇ ۋە ئاخىرەتلىك مەنپەئەتمۇ بولىدۇ.

ئۆز قولى بىلەن ئىش قىلمىغان كىشىگە بىز يۇقىرىدا بايان قىلغاندەك دىخانچىلىق قىلىش ياخشى بولىدۇ.

مەن دەيمەنكى: كەسىپلەر ئاساسەن پايدىسى باشقىلارغا يېتىدىغان نەرسىگە قۇرۇلىدۇ، دىخانچىلىقنىڭ پايدىسى ھەممىگە يېتىدۇ. قول ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ پايدىسىمۇ ھەممىگە يېتىدۇ، كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجلىق نەرسىلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ.

توغرىسى: ئەھۋاللارنىڭ، شەخسلەرنىڭ پەرقلىق بولىشى بىلەن كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىمۇ پەرقلىق بولىدۇ.

ھەممىدىن ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر". [ "پەتھۇل بارى" 4 -توم 304 -بەت].

شۇنىڭغا ئاساسەن:  دىخانچىلىقنى بىلىدىغان كىشىگە نىسبەتەن بۇنى قىلىش ھەممىدىن ياخشى بولىدۇ. يەنە بەزى كىشىلەر ئۈچۈن ھۈنەر سانائەت ياخشى بولىدۇ. يەنە بەزىلەر ئۈچۈن تىجارەت قىلىش ياخشى بولىدۇ. ھەر كىشى ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا كۆرە ئىش قىلسا بولىدۇ.

ھەر بىر ئىنسان ئۆزىگە مۇناسىپ كېلىدىغان ۋە ياخشى قىلالايدىغان ئىشىغا قارىسۇن. بۇ ئىش بىلەن ئۆزىگە ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈشكە تىرىشچانلىق قىلسۇن. ئاللاھ تائالا ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلسۇن.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android
ھارام كەسىپلەرنىڭ تۈرلىرى قايسى؟ ساھابىلەرنىڭ كەسىپ مەنبىيى قانداق ئىدى؟، ئۇنىڭ ئەڭ پەزىلەتلىك بولغىنى قايسى؟ - ئىسلامى سۇئال -جاۋاپ