شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

تور سەھىپىلىرىدە ئېلان تارقىتىش توغرىسىدا

سۇئال

  مېنىڭ ئايرىم تور بىتىم بولۇپ، كىشىلەرنىڭ تۈرلۈك ئېلانلىرىنى قوبۇل قىلىمەن ۋە ئۇنى تارقىتىمەن، بەزىدە قاراپ باقسام  بەزى تور بەتلەردە ئاياللارنىڭ رەسىمى پەيدا بولۇپ قالىدۇ، ئۇنىڭ بەزىسى ئىسلامى تور بەت، يەنە بەزىسى ھارام نەرسىلەر بولمىغان پاكىزە تور بەت، شۇنداقتىمۇ مەن مۇشۇنداق ئېلانلارنى تارقاتسام توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

     تور بەتتە ئېلان تارقاتسىڭىز بولىدۇ، تارقىتىدىغان ئېلانلار شەرئى پىرىنسىپلارغا ئۇيغۇن بولىشى كېرەك، يالىڭاچ ئاياللارنى سۈرىتى بولماسلىقى، چەكلەنگەن ناخشا-مۇزىكا بولماسلىقى، ھاراق، چوشقا گۆشى قاتارلىق ھارام نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشقا چاقىرمايدىغان بولىشى، جازانە بانكىلارنىڭ تاۋارلىرىنى بازارغا سالىدىغان بولماسلىقى، بۇزۇقچىلىق ۋە شەكلىك ئورۇنلارغا ساياھەتكە بېرىش چاقىرمايدىغان بولىشى كېرەك.

    قېرىندىشىم! شۇنى ئېسىڭىزدە تۇتىشىڭىز كېرەككى، سىز قىلىۋاتقان بۇ ئىشىڭىزدا مۇسۇلمانلارنىڭ ئەخلاقى، مال-مۈلكى ۋە يۈز-ئابرۇيىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان بولۇڭ، ئېلانلارنى تارقاتقاندا ئاللاھنىڭ كۈزۈتۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئويلىغىنىڭىزدا ئامانەتنى ساقلىغان ۋە تولۇق ئادا قىلغان بولىسىز، ئەمما سىز كەمچىلىك سادىر قىلىپ، تور بەتتە ھارام نەرسىلەرنى تارقىتىشقا، جەمئىيەتتە بۇزۇقچىلىق پەيدا قىلىشقا ياردەم بەرسىڭىز، سىز ئۇ ۋاقىتتا ئىشقا سەل قارىغان ۋە ئامانەتنى زايە قىلىپ خىيانەت قىلغان بولىسىز.  ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‏يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا لَا تَخُونُوا اللَّهَ وَالرَّسُولَ وَتَخُونُوا أَمَانَاتِكُمْ وَأَنْتُمْ تَعْلَمُونَ‏ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە خىيانەت قىلماڭلار، سىلەرگە قويۇلغان ئامانەتلەرگە بىلىپ تۇرۇپ خىيانەت قىلماڭلار.» [سۇرە ئەنپال 27-ئايەت].

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى