مەدھىيە
ئاللاھقا بولسۇن .
ھارام بولسا ئۇنى قىلغۇچى جازالىنىدىغان ھەمدە ئۇنىڭدىن ئاللاھ چەكلىگەنلىكى ئۈچۈن
ئۆزىنى تارىتقۇچى مۇكاپاتلىنىدىغان نەرسە . ھالال بولسا ئۇنى قىلسا گۇناھ
بولمايدىغان ، شۇنىڭدەك ئۇنى قىلماسلىق بىلەن گۇناھ بولمايدىغان نەرسە ، بىراق بىر
كىشى ئۇنى قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا بولغان ئىتائەتمەنلىكىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت
قىلسا ، ئۇنداقتا بۇ نىيەت ئۈچۈن ئۇ مۇكاپاتلىنىدۇ .
بىر نەرسىنى ھالال قىلىش ۋە ھارام قىلىش بولسا ئاللاھنىڭ ھوقۇقى .خەلقلەر باركى ،
ئۇلار ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىنى ھالال قىلىدۇ ، ھەمدە بەزى خەلقلەر باركى ،
ئۇلار ئاللاھ ھالال قىلغان نەرسىنى ھارام قىلىدۇ . ۋە شۇنىڭدەك بەزى خەلقلەر ئاللاھ
بەلگىلىمىگەن ئىبادەتلەرنى پەيدا قىلدى ھەمدە ئۇ چەكلەنگەنىدى . دىننىڭ ئاساسى
پىرىنسىپى بولسا ، ھالال بولسا ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسى رۇخسەت قىلغان نەرسە ،
ھەمدە ھارام بولسا ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسى چەكلىگەن نەرسە . دىن بولسا ئاللاھ ۋە
ئۇنىڭ ئەلچىسى بەلگىلىگەن نەرسە . ھىچكىمنىڭ ئاللاھ ئۆز ئەلچىسىگە ئەۋەتكەن توغرا
يولنىڭ چەكلىمىلىرىدىن چىقىپ كىتىش ھوقۇقى يوق .
ئاللاھ مۇنداق دىگەن : بذمئنعث توغرا يولذمدذر،شذ يولدا مئثعثلار،نا توغرا
يوللاردا ماثماثلار،ظذلار سعلةرنع الله نعث يولعدعن ظايرعؤئتعدذ،( الله نعث ظةمرعنع
تذتذص دوزاختعن)ساقلعنعشعثلار ظىحىن،الله سعلةرضة بذ ظعشلارنع تةؤسعية قعلعدذ .
[ ئەنئام( چاھارپايلار) : 153 ]
ئاللاھ ئەنئام سۈرىسى ، ئەئېراف سۈرىسى ۋە باشقىلىرىدا ، ئاللاھ ئۇ سەۋەولىك
مۇشرىكلارنى سۆككەن نەرسىلەرنى تىلغا ئالدى ، يەنى ئۇلار بەھىيرە ، سائىبەلەرگە
ئوخشاش ئاللاھ ھارام قىلمىغان نەرسىنى ھارام قىلدى ؛ ھەمدە بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈشكە
ئوخشاش ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىنى ھالال قىلىشتى ، ۋە ئاللاھ رۇخسەت قىلمىغان بىر
دىننى بىكىتىشتى . شۇڭا ئاللاھ مۇنداق دىدى : ظذلارنعث اللة رذخسةت قعلمعغان
نةرسعلةرنع دعن قعلعص بئكةتكةن مةبذدلعرع بارمذ؟
ھەمدە ئۇلار ھارام قىلىنغان نەرسىلەرنى ئىبادەتلەر قىلىۋىلىشتى ، مەسىلەن ، شىرىك
قىلىش ، بۇزۇق ئىشلار ، مەسىلەن ، كەبىنىڭ ئەتراپىدا يالىڭاچ تاۋاپ قىلىش
قاتارلىقلار .
پېشىۋا مۇھەممەد سالىھ مۇنەججىد