جدول المحتويات
بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولىشى دېگەن سۆزنىڭ مەنسى.
ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولىشى دېگەن: بەندىنىڭ ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى ئاللاھ تائالا غەزەپ قىلىدىغان ئىش-ھەرىكەتلەردىن يىراق بولىشى، بارلىق گۇناھ-خاتالىقلىرى ئۈچۈن سەمىمى تەۋبە قىلىشى، تائەت-ئىبادەت ۋە ياخشىلىق ئەمەللىرىگە يۈزلىنىشى قاتارلىقلار بولۇپ، ئاندىن مۇشۇ ياخشى ھالەتلەردىن كېيىن ۋاپات بولغان بولسا، بۇ ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولغانلىقىنىڭ ئالامىتىدىندۇر.
بۇ مەنانى ئىپادىلەيدىغان دەلىللەردىن: ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ تائالا بىر بەندىگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇ بەندىسىنى ئىشلىتىدۇ» دېگەندە، ساھابىلار: ئۇنى قانداق ئىشلىتىدۇ؟ دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ»، دېدى. [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى11625 -ھەدىس. تىرمىزى رىۋايىتى2142 -ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ"سەھى ھەدىسلەر توپلىمى" 1334 -كەلتۈرگەن].
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ تائالا بىر بەندىگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇ بەندىسىنى خىزمەتچى قىلىدۇ»دېگەندە، ساھابىلار: قانداق خىزمەتچى؟ دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ، ئاندىن ئۇ كىشىنى شۇ ھالەتتە ۋاپات تاپتۇرىدۇ» دېدى. [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 17330-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" 1114 -كەلتۈرگەن].
ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولغانلىقىنىڭ ئالامەتلىرىدىن سەكراتقا چۈشكەندە ئۇ كىشى ئۆزى بىلىدىغان ئالامەتلەر ۋە كىشىلەرگە نامايەندە بولىدىغان ئالامەتلەر بولىدۇ.
-ئاقىۋىتى ياخشى بولغان كىشى ئۈچۈن نامايەندە بولىدىغان ئالامەتلەر.
ئەمما ئاقىۋىتى ياخشى بولغان كىشى ئۈچۈن نامايەندە بولىدىغان ئالامەتلەر دېگەن: ئۇ بولسىمۇ بەندىگە ۋاپات بولىدىغان ۋاقىتتا، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ كىشىدىن رازى بولغانلىقى، ئۇ كىشىگە ئاللاھنىڭ ئىززەت-ھۆرمەت قىلىشى ۋە ئىكرامىغا ھەقلىق بولغانلىقىدىن بىشارەت بېرىلىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: انَّ الَّذِينَ قَالُوا رَبُّنَا اللَّهُ ثُمَّ اسْتَقَامُوا تَتَنَزَّلُ عَلَيْهِمُ الْمَلَائِكَةُ أَلَّا تَخَافُوا وَلَا تَحْزَنُوا وَأَبْشِرُوا بِالْجَنَّةِ الَّتِي كُنْتُمْ تُوعَدُونَ تەرجىمىسى: «شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھتۇر دېگەنلەر، ئاندىن توغرا يولدا بولغانلارغا پەرىشتىلەر چۈشۈپ: قورقماڭلار، غەم قىلماڭلار، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەننەت ئۈچۈن خۇشال بولۇڭلار دەيدۇ». [سۈرە پۇسسىلەت 30 -ئايەت].
بۇ بىشارەت مۆمىنگە سەكراتقا چۈشكەندە بولىدۇ. "تەپسىر ئىبنى سەئدى" 1256 -بەتكە قارالسۇن.
بۇنىڭ يەنە بىر دەلىلى: مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «كىمكى ئاللاھ تائالاغا ئۇچرىشىشنى ياقتۇرىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشى بىلەن ئۇچرىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ، كىمكى ئاللاھ تائالاغا ئۇچرىشىشنى ياقتۇرمايدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە ئۇچرىشىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ» دېگەندە، مەن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۆلۈم ئۆچ كۆرۈلىدۇ، بىز ھەممىمىز ئۆلۈمنى ياقتۇرمايمىزغۇ؟ دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىش ئۇنداق ئەمەس، لېكىن مۆمىنگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى، رازىلىقى ۋە جەننىتىي بىلەن خوش-بىشارەت بېرىلگەندە، مۆمىن ئاللاھ تائالاغا ئۇچرىشىشنى ياقتۇرىدۇ، كاپىرغا ئاللاھ تائالانىڭ ئازابى، ئۆچ كۆرۈشى بىلەن خۇشخەۋەر بېرىلگەندە، كاپىر ئاللاھ تائالاغا ئۇچرىشىشنى ياقتۇرمايدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئۇچرىشىشنى ئۆچ كۆرىدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى6507 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2683-ھەدىس].
ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھەدىسنىڭ مەنىسى: شەرىئەتتە ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان ياقتۇرۇش ۋە ئۆچ كۆرۈش دېگەن: سەكراتقا چۈشۈپ جان ھەلقۇمغا كېلىپ، تەۋبە قوبۇل بولمايدىغان ھالەتتە بولىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا سەكراتقا چۈشكەن كىشىگە بارىدىغان جايى نامايەندە بولىدۇ.
-ئاقىۋىتى ياخشى بولۇشنىڭ ئالامىتى.
ئەمما ئاقىۋىتى ياخشى بولۇشنىڭ ئالامەتلىرى بەك كۆپ بولۇپ ئالىم-ئۆلىمالار (ئاللاھ ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن) بۇنى ئىزدىنىپ بۇ توغرىدا كەلگەن دەلىللەرلەرگە كۆرە بېكىتكەن، ئۇ ئالامەتلەردىن:
-ۋاپات بولىدىغان ۋاقىتتا شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتىش: بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرىكى ئاخىرقى سۆزىدە: لائىلاھە ئىللەللاھۇ-ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق-دېگەن كىشى جەننەتكە كىردى». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 3116 -ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" 2673-ھەدىستە كەلتۈرگەن].
-ۋاپات بولىدىغان ۋاقىتتا پېشانىسىدىن تەر ئېقىپ تۇرغان ھالەتتە ۋاپات بولۇش: بۇ توغرىدا بۇرەيدە ئىبنى ھۈسەيب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «مۆمىننىڭ ئۆلۈمى پېشانىسىدىن تەر ئېقىش بىلەن بولىدۇ». [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 22513-ھەدىس. تىرمىزى رىۋايىتى 980-ھەدىس. نىسائى رىۋايىتى1828 -ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" كەلتۈرگەن.]
-جۈمە كۈنى ۋە كېچىسى ۋاپات بولۇش: بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان جۈمە كۈنىدە ياكى جۈمە كېچىسىدە ۋاپات بولسا ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى قەبرىنىڭ ئازابىدىن ساقلايدۇ». ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى6546 -ھەدىس. تىرمىزى رىۋايىتى 1074-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ: بۇ ھەدىس ھەممە يوللىرى بىلەن بولغاندا ھەسەن ياكى سەھىھدۇر دېگەن].
-ئاللاھ يولىدا غازات قىلىپ ۋاپات بولۇش: بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَا تَحْسَبَنَّ الَّذِينَ قُتِلُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ أَمْوَاتًا بَلْ أَحْيَاءٌ عِنْدَ رَبِّهِمْ يُرْزَقُونَ ، فَرِحِينَ بِمَا آتَاهُمُ اللَّهُ مِنْ فَضْلِهِ وَيَسْتَبْشِرُونَ بِالَّذِينَ لَمْ يَلْحَقُوا بِهِمْ مِنْ خَلْفِهِمْ أَلَّا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ ، يَسْتَبْشِرُونَ بِنِعْمَةٍ مِنَ اللَّهِ وَفَضْلٍ وَأَنَّ اللَّهَ لَا يُضِيعُ أَجْرَ الْمُؤْمِنِينَ تەرجىمىسى: «ئاللاھنىڭ يولىدا شېھىت بولغانلارنى ئۆلۈك دەپ گۇمان قىلمىغىن، بەلكى ئۇلار تىرىك بولۇپ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى رىزىقتىن بەھرىمەن قىلىنىدۇ (يەنى جەننەتنىڭ نېمەتلىرىدىن ئەتىگەن ـ ئاخشامدا مەڭگۈلۈك رىزىقلاندۇرۇلۇپ تۇرىدۇ)، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە بەرگەن پەزلىدىن خۇرسەندۇر، ئۆزلىرىنىڭ ئارقىسىدىن تېخى يېتىپ كەلمىگەن (يەنى شېھىت بولماي تىرىك قالغان) قېرىنداشلىرىغا (ئاخىرەتتە نە قورقۇنچ، دۇنيادىن ئايرىلغانلىقىغا) نە قايغۇ يوق ئىكەنلىكى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىشنى تىلەيدۇ، ئۇلار ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن نېمەت ۋە پەزلنى، مۆمىنلەرنىڭ ئەجرىنى ئاللاھنىڭ بىكار قىلىۋەتمەيدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىشنى تىلەيدۇ». [سۈرە ئال ئىمران 169-171 -ئايەتكىچە].
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەن كىشى شېھىت بولىدۇ، كىمكى ئاللاھ يولىدا ئۆلىدىكەن ئۇ كىشى شېھىت بولىدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى 1915-ھەدىس].
-ۋابا كېسىلىدە ۋاپات بولۇش: بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « ۋابا كېسىلى ھەر بىر مۆمىن ئۈچۈن شاھادەتتۇر». [بۇخارى رىۋايىتى2839-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1916-ھەدىس].
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: ۋابا كېسىلى توغرىسىدا سورىسام، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېدى: «ۋابا كېسىلى بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ خالىغان كىشىگە ئەۋەتىدىغان ئازابى بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۇنى مۆمىنلەرگە رەھمەت قىلىدۇ، ھەر قانداق بىر كىشى ۋابا كېسىلى بولۇپ قالغاندا، بۇنىڭغا سەۋېر قىلىپ ۋە ساۋاپ ئۈمىت قىلىپ ئۆز يۇرتىدا جىم تۇرسا، ئۆزىگە ئاللاھ تائالا تەقدىر قىلغاندىن باشقا نەرسىنىڭ يەتمەيدىغانلىقىنى بىلسە، ئەگەر شۇ ھالەتتە ۋاپات بولۇپ كەتسە، ئۇ كىشى ئۈچۈن شېھىتنىڭ ئەجىر-ساۋابىغا ئوخشاش ئەجىر-ساۋاپ بېرىلىدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى3474-ھەدىس].
-قورسىقى ئاغرىپ، ئېچى سۈرۈلۈپ ۋاپات بولۇش: بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى قورسىقى ئاغرىپ، ئېچى سۈرۈلۈپ ۋاپات بولسا ئۇ كىشى شېھىت بولىدۇ». مۇسلىم رىۋايىتى1915-ھەدىس].
-تام بېسىۋېلىش، سوغا غەرق بولۇپ كېتىش بىلەن ۋاپات بولۇش: بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «شېھىتلەر بەش تۈرلۈك بولىدۇ: ۋابا كېسىلىدە ئۆلگەن، قورسىقى ئاغرىپ ئۆلگەن، سۇغا غەرق بولۇپ ئۆلگەن، تام بېسىۋېلىپ ئۆلگەن ۋە ئاللاھ يولدا شېھىت بولۇپ ئۆلگەنلەر». [بۇخارى رىۋايىتى2829 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى1915-ھەدىس].
-بالا تۇغقانلىق سەۋەبىدىن ياكى ھامىلدار بولغانلىقى سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان ئايال: بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھامىلدار ھالەتتە ياكى بالا تۇغقان ھالەتتە ۋاپات بولغان ئايال شېھىتتۇر». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 3111-ھەدىس].
خەتتابى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇنىڭ مەنىسى ھامىلدار ھالەتتە ۋاپات بولغان ئايال دېمەكتۇر". [ "ئەۋنىل مەبۇد" ].
ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قورسىقىدىكى تۆرەلمىسى سەۋەبلىك ئۆلگەن ئايال شېھىتتۇر، ئۇ ئايالنى تۇغۇلغان بالىسى ئۈزۈلۈپ قالغان كىندىكىدىن تارتىپ جەننەتكە ئېلىپ ماڭىدۇ». [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى17341-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ" جىنازە" توغرىسىدىكى كىتابىدا39 -بەتتە كەلتۈرگەن].
-ئوتتا كۆيۈپ ئۆلۈپ كېتىش، بېقىنى ئاغرىپ ئۆلۈپ كېتىش، سىل كېسىلىدە ئۆلۈپ كېتىش: بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلۈش شاھادەتتۇر، ۋابا كېسىلىدە ئۆلۈپ كېتىش، سۇغا غەرق بولۇپ ئۆلۈپ كېتىش، قورسىقى ئاغرىپ ئۆلۈپ كېتىش شاھادەتتۇر، بالا تۇغقان ھالەتتە ۋاپات بولغان ئايالنى تۇغۇلغان بالىسى كىندىكىدىن تارتىپ جەننەتكە ئېلىپ بارىدۇ».
بەيتىل مۇقەددەسنىڭ مۇتەۋەللىسى ئەبۇل ئەۋامە دېگەن كىشى: "ئوتتا كۆيۈپ ئۆلۈپ كەتكەن بىلەن سىل كېسىلىدە ئۆلۈپ كەتكەننى زىيادە قىلىدى". شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ بۇنى: ھەسەن سەھىھ دېدى. "تەرغىب ۋە تەرھىبنىڭ سەھى ھەدىسلەر توپلىمى" 1396 -ھەدىسكە قارالسۇن ].
دىننى، مېلىنى، جېنىنى قوغداپ ئۆلۈپ كېتىش: بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مېلىنى قوغداپ ئۆلتۈرۈلگەن كىشى شېھىتتۇر، دىنىنى قوغداپ ئۆلتۈرۈلگەن كىشى شېھىتتۇر، جېنىنى قوغداپ ئۆلتۈرۈلگەن كىشى شېھىتتۇر». [تىرمىزى رىۋايىتى 1421-ھەدىس].
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئېدىم: «مېلىنى قوغداپ ئۆلتۈرۈلگەن كىشى شېھىتتۇر». [ بۇخارى رىۋرايىتى 2480 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى141-ھەدىس].
ئاللاھ يولىدا رىباتتا تۇرۇپ (چېگرا قاراۋۇللىقىدا تۇرۇپ) ئۆلۈپ كېتىش: بۇ توغرىدا سالمان پارىسى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر كىچە-كۈندۈز ئاللاھ يولىدا رىباتتا تۇرۇش (چېگرا قاراۋۇللىقىدا تۇرۇش) بىر ئاي قىيامدا تۇرۇپ، روزا تۇتقاندىن ياخشىدۇر، ئەگەر شۇ ھالەتتە ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ كىشىنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ ئەجىر-ساۋابى داۋاملىشىپ تۇرىدۇ، رىزقى ھەر تەرەپتىن كېلىپ تۇرىدۇ، قەبرىنىڭ ۋە قىيامەتنىڭ پىتنە-سىناقلىرىدىن ئەمىن بولىدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى1913-ھەدىس].
-ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولغانلىقىنىڭ ئالامەتلىرىدىن: ياراملىق ئەمەللەرنى قىلىۋاتقان ھالەتتە ۋاپات بولۇش: بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تەلەپ قىلىپ ئاخىرقى سۆزىنى لائىلاھە ئىللەللاھۇ(ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق)دېگەن سۆز بىلەن ئاخىرلاشتۇرسا، ئۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى جەننەتكە كىردى». [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 22813 -ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ "جىنازە" ناملىق ئەسىرىنىڭ 43 -بەتتە كەلتۈرگەن. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھنىڭ "جىنازە" ناملىق ئەسىرى 43 -بەتكە قارالسۇن].
بۇ ئىنساننىڭ تۈگەنجىسىنىڭ ياخشى بولغانلىقىدىن بىشارەت بېرىدىغان گۈزەل ئالامەتلەردۇر، شۇنداق بولسىمۇ لېكىن بىز مەلۇم بىر كىشىنى بۇ جەننەتكە كىرىدۇ دەپ كەسكىن بېكىتەلمەيمىز، پەقەت پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جەننەت بىلەن بىشارەت بەرگەن تۆت خەلىپە ۋە باشقا ساھابىلارنى مۇئەييەنلەشتۈرىمىز.
ئاللاھ تائالادىن ئاقىۋېتىمىزنىڭ ياخشى بولىشىنى، بىزگە ياخشىلىقنى رىزىق قىلىپ بېرىشىنى سورايمىز.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.