يەكشەنبە 19 شەۋۋال 1445 - 28 ئاپرىل 2024
Uygur

بانكا ئارقىلىق مۇددەتكە بۆلۈپ بېرىش يولى بىلەن ئوي سېتىۋېلىش توغرىسىدا

سۇئال

   ئاتام ۋاپات بولدى، ئائىلىدىكى ھەمشىلىرىمنىڭ مەسئۇلىيىتى ماڭا چۈشتى، بىز كىرالىق ئۆيدە ئولتۇراتتۇق، ئۆي ئىگىسىگە ئۆي لازىم بولغانلىقى ئۈچۈن بىزنى ئۆيدىن كۆچۈرمەكچى بولدى، مەن ھەمشىرىلىرىمگە ئىسلامى بولمىغان بانكا ئارقىلىق مۇددەتكە بۆلۈپ بېرىدىغان ئۆي سېتىۋېلىشنى قارار قىلدىم، بىز تۇرىۋاتقان ئورۇندا ئىسلامى بانكا يوق، بۇ ئىشىم جازانە قاتارىغا كىرەمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: بانكا ئارقىلىق بىر نەرسە سېتىۋېلىشنىڭ ئىككى خىل شەكلى بار: بىرىنچى: بانكا پەقەت يەتكۈزۈپ بەرگۈچى بولىدۇ، خېرىدار بانكىدىن سېتىۋالىدىغان نەرسىنىڭ پۇلىنى قەزىر ئالىدۇ ياكى بانكا ئۇ كىشىگە ۋاكالىتەن بەرگەن قەرزنى زىيادىسى بىلەن قايتۇرۇش باراۋىرىدە ئۆتەيدۇ. مالنىڭ پۇلى مىڭ تىلى بولسا، بانكىغا مۇددەتكە بۆلۈپ مىڭ ئىككى يۈز تىلى ئۆتەيدۇ، بۇ شەكىلدە مۇئامىلە ھارام بولىدۇ، چۈنكى بۇنىڭ ھەقىقىتى جازانىدىن ئىبارەت پايدا ئېلىش يولى بىلەن قەزر بېرىشتۇر.

    ئىككىنچى: بانكا مالنى ئۆزى سېتىۋالىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن خېرىدارغا نېسى سېتىش يولى بىلەن ئەسلى سېتىۋالغان باھادىن يۇقىرى باھادا ساتىدۇ، بۇنىڭدا بىر نەرسە بولمايدۇ. بۇ سېتىۋالغان نەرسىنى پايدىسىغا سېتىش دېيىلىدۇ، لېكىن بانكىنىڭ مالنى سېتىۋالماي تۇرۇپ خېرىدار بىلەن سودا كېلىشىمى قىلىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئىنساننىڭ ئۆزى ئىگە بولمىغان نەرسىنى سېتىشتىن چەكلەنگەنلىكى توغرىسىدا دەلىل ئىسپاتلانغان.

    پەقەت خىرىداردىن ئۇ مالغا ئىگە بولغاندا سېتىۋېلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا ۋەدە ئالسا بولىدۇ، لېكىن بۇ ۋەدە كەسكىن كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. يەنى بۇ ۋەدىگە ئەمەل قىلىش لازىم كەلمەيدۇ.

    شۇنىڭغا ئاساسەن: ئەگەر بانكا ئۆينى ئۆزى سېتىۋېلىپ سىزگە مۇددەتكە بۆلۈپ بېرىش يولى بىلەن ساتسا بۇنىڭدا مەسىلە يوق، لېكىن ئۆينى سېتىۋالماي، سىزگە ئۆي سېتىۋالىدىغان پۇلنى بېرىپ ياكى سىزگە ۋاكالىتەن تۆلەپ قويۇپ بۇ پۇلنى سىزدىن مۇددەتكە بۆلۈپ زىيادىسى بىلەن قايتۇرىۋالىدىغان بولسا بۇ ئۇچۇقلا جازانە بولىدۇ. جازانە توغرىسىدا كەلگەن قاتتىق ئازاب ھېچ كىشىگە مەخپى ئەمەس.

   ئىككىنچى: قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ ئۆيگە بولغان ئېھتىياجى جازانىنى دۇرۇس قىلىدىغان زەرۈرەت ھېسابلانمايدۇ، چۈنكى يېتىدىغان زىياننى ئىجارە يولى بىلەن ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى