يەكشەنبە 20 زۇل قەئەدە 1446 - 18 ماي 2025
Uygur

ئاخىرقى سەپتە يالغۇز تۇرۇپ ناماز ئوقۇشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

بىر كىشى ناماز ئوقۇش ئۈچۈن مەسچىتكە كىرگەندە جامائەت نامازغا تۇرغان بولۇپ، ئالدىدىكى سەپلەر توشۇپ كەتكەن بولسا، ئۇ كىشى ئاخىرقى سەپتە يالغۇز تۇرۇپ نامازنى ئادا قىلامدۇ ياكى ئالدىدىكى سەپتىن ناماز ئۇقۇۋاتقان كىشىدىن بىرنى تارتىپ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ناماز ئادا قىلامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئىمام ئەھمەدنىڭ مەزھىپىدىكى مەشھۇر قاراشتا ۋە باشقا تەتقىقاتچى ئالىملارنىڭ قارىشىغا كۆرە ئاخىرقى سەپتە يالغۇز ناماز ئادا قىلغۇچىنىڭ نامىزى توغرا بولمايدۇ.

ئىبنى ئۈسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن:  بۇ مەسىلە توغرىسىدا سورالغاندا، بۇ مەسىلىگە تەپسىلى جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "بۇ مەسىلىدە ئىككى تۈرلۈك قاراشتا توختىلىمىز:

بىرىنچى:  ئاخىرقى سەپتە يالغۇز ناماز ئادا قىلسا دۇرۇس بولامدۇ ياكى بولمامدۇ؟.

ئىككىنچى: ئەگەر دۇرۇس بولمايدۇ دېسەك، ئالدىدىكى سەپ توشۇپ كەتكەن بولسا قانداق قىلىدۇ؟.

بىرىنچى ئورۇنغا كۆرە، بۇ توغرىدا ئالىملار پەرقلىق قاراشتا بولدى:

بەزى ئالىملار ئاخىرقى سەپتە ئۆزۈر بىلەن بولسۇن ياكى ئۈزۈرسىز بولسۇن يالغۇز ناماز ئادا قىلسا دۇرۇس بولىدۇ دېدى، لېكىن بەزى ئالىملار ئۆزۈرسىز يالغۇز ناماز ئادا قىلىشنى مەكرۇھ دەپ ئوچۇق بايان قىلدى، بۇ ئىمام مالىك، ئىمام ئەبۇ ھەنىپە ۋە ئىمام شافىئى قاتارلىق ئۈچ ئىمامنىڭ قارىشىدۇر.

ئۇلار بۇنىڭغا ئايالنىڭمۇ سەپنىڭ ئاخىرىدا يالغۇز تۇرۇپ ناماز ئادا قىلسا دۇرۇس بولىدىغانلىقىنى دەلىل قىلىپ: شەرىئەت ھۆكۈملىرىدە ئەر-ئايال ئوخشاش دېدى.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەبۇ بەكرەتە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئالدىنقى سەپكە كېلىشتىن بۇرۇن رۇكۇ قىلىپ ناماز ئادا قىلغاندا ئۇ نامازنى قايتىدىن ئوقۇشقا بۇيرۇمىغان. ئەبۇ بەكرەتە رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ ھەدىسى. [بۇخارى رىۋايىتى 783 -ھەدىس].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ناماز ئوقۇۋېتىپ ئارقىسىدىن ئايلاندۇرۇپ ئوڭ تەرىپىگە كەلتۈرگەن. [بۇخارى رىۋايىتى 117 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 763 -ھەدىس].

نامازنىڭ مەلۇم بىر قىسمىدا يالغۇز ئادا قىلىش دۇرۇس بولىدىكەن، نامازنىڭ ھەممىسىنى يالغۇز ئادا قىلىشمۇ دۇرۇس بولىدۇ، ئەگەر سەپنىڭ ئارقىسىدا يالغۇز ناماز ئادا قىلىش باتىل بولىدىغان بولسا ئېدى، ئىمامنىڭ ئالدىدا تۇرۇشى باتىل بولغان بولاتتى، يەنى  نامازنىڭ ھەممىسىمۇ ياكى مەلۇم بىر قىسمىمۇ باتىل بولاتتى.

ئاخىرقى سەپتە يالغۇز ناماز ئادا قىلىشتىن چەكلەنگەنلىك توغرىسىدىكى ھەدىستە:  بۇ چەكلىمە ئاخىرقى سەپتە نامازنى يالغۇز ئادا قىلسا نامازنىڭ مۇكەممەل بولمايدىغانلىقى بىلدۈرىدۇ. بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «تاماق ھازىر بولغاندا ناماز يوق» دېگەن ھەدىسىگە ئوخشاش دېدى. [ [مۇسلىم رىۋايىتى 560-ھەدىس].

بەزى ئالىملار:  ئاخىرقى سەپتە يالغۇز ئوقۇلغان ناماز توغرا بولمايدۇ دەيدۇ، بۇ ئىمام ئەھمەدنىڭ ۋە ھەنبەلى ئالىملىرىنىڭ مەشھۇر قارىشىدۇر. بۇ ھەنبەلى مەزھىپىدىكى يەككە قاراشلاردىن ھېسابلىنىدۇ. ئىمام ئەھمەدتىن بولغان يەنە بىر رىۋايەتتە يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۈچ ئىمامنىڭ قارىشىغا مۇۋاپىق دۇرۇس بولىدۇ دېگەنلىكى بايان قىلىنغان.

بۇلار كەلتۈرگەن قاراشلىرىغا نەقلى ۋە ئەقلى دەلىللەرنى بايان قىلدى:

نەقلى دەلىلدىن: ئەلى ئىبنى شەيبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە:  ئۇ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاخىرقى سەپتە يالغۇز ناماز ئادا قىلىۋاتقان بىر ئادەمنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «نامازنى باشقىدىن ئوقۇغىن، ئاخىرقى سەپتە يالغۇز ناماز ئادا قىلسا توغرا بولمايدۇ».  [ ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 15862 -ھەدىس. بۇ ھەسەن ھەدىس بولۇپ، بۇنىڭ سەھىھ ئىكەنلىكىنى كۈچلاندۇرىدىغان باشقا ھەدىسلەر بار.

ئەقلى دەلىلدىن: جامائەت دېگەن:  توپلىشىش دېمەكتۇر، بۇ مەلۇم ئورۇندا بولىدۇ، ھەرىكەت بىلەن بولىدۇ، ھەرىكەتلەر ئىقتىدا قىلغۇچىلارنىڭ ئىمامغا ئەگىشىشىگە ئاساسەن بولىدۇ، ماكان بولسا ئۇلارنىڭ سەپلەردە جۇغلىشىشىدۇر، ئەگەر بىز ئۇلارنىڭ بەزىسىنىڭ بەزىسىدىن ئايرىلىشىنى دۇرۇس دېسەك جۇغلىشىشنىڭ ھەيئىتى قانداق بولىدۇ...

ئۇلار دۇرۇس بولىدۇ دېگەن ئالىملارنىڭ ئايال ئەرلەرنىڭ سىپىنىڭ ئاخىرىدا يالغۇز تۇرۇپ ناماز ئوقۇسا دۇرۇس بولىدۇ دېگەن دەلىلگە جاۋاپ بېرىپ:  سۈننەتتە بۇنداق تۇرۇش ئايالنىڭ نامازدىكى خۇسۇسىيىتى دەپ كەلگەن. ئەنەس رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىمام بولدى، مەن ۋە يەنە بىر يېتىم بالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كەينىدە سەپ تۈزدۇق، ياشانغان ئايال بىزنىڭ كەينىمىزدە تۇرۇپ ناماز ئوقۇدى» دەپ كەلگەن. [بۇخارى رىۋايىتى234-ھەدىس. مۇسلىم  رىۋايىتى658 -ھەدىس].

چۈنكى ئۇ ئايال بولغانلىقى ئۈچۈن سەپتە ئەرنىڭ يېنىدا تۇرۇشى توغرا بولمايدۇ.

ئەبۇ بەكرەتە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىگە كەلسەك، ئۇ نامازنىڭ ئاز بىر قىسمىدا يالغۇز بولدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: «بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنداق قىلمىغىن» دېدى.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسگە كەلسەك، ئۇ سەپنىڭ كەينىدە تۇرمىدى بەلكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سول تەرىپىدىن ئۇڭ تەرىپىگە ئوتتى.

ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ يەردىكى چەكلىمىدىن نامازنىڭ مۇكەممەل بولىشىدىن چەكلەش مەقسەت قىلىنىدۇ دېگەن سۆزى رەت قىلىنىدىغان سۆزدۇر، چۈنكى چەكلەشتىكى ئەسلى مەۋجۇتلۇقنى چەكلەشتۇر، مەۋجۇتلۇقىنى چەكلەش مۇمكىن بولمىغاندا، ئۇنىڭ سەھىھ بولىشىنى چەكلەيدۇ، ئۇمۇ مۇمكىن بولسا، مۇكەممەللىكنى چەكلەيدۇ.  «ئاخىرقى سەپتە يالغۇز ناماز ئوقۇش توغرا بولمايدۇ» دېگەن ھەدىستە، چەكلىمىنى نامازنىڭ سەھىھ بولىشىنى چەكلەيدۇ دېگەن قايتۇرۇش مۇمكىن بولىدۇ، بۇنىڭ ناماز سەھىھ بولمايدۇ دېگەنگە قارىتىش ۋاجىپ بولىدۇ.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىسكە ئوخشاش ئۇلارنىڭ كەلتۈرگەن: «تاماق ھازىر بولغاندا ناماز يوق» دېگەن ھەدىسى ئىككى تەرەپتىن توغرا بولمايدۇ:

بىرىنچى: بۇ ھەدىستىكى ئىللەت: قەلىپنىڭ ھازىر بولغان تاماق بىلەن مەشغۇل بولۇپ قىلىشىدۇر، قەلىپنىڭ ھازىر بولغان تاماق بىلەن مەشغۇل بولىشى نامازنىڭ باتىل بولىشىنى لازىم تۇتمايدۇ، ۋەسۋەسە توغرىسىدىكى ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك:  «شەيتان ناماز ئوقۇۋاتقان كىشىنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئۇنى ئەسلىگىن، بۇنى ئەسلىگىن، ھېچ نەرسىنى ئەسلىيەلمىگەندە، ئۆزىنىڭ قانچە رەكەت ناماز ئوقۇغانلىقىنى بىلەلمەيدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى 608-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى389-ھەدىس].

ئىككىنچىسى: «ئاخىرقى سەپتە يالغۇز ناماز ئوقۇش توغرا بولمايدۇ»دېگەن ھەدىستە، بۇنىڭدىن نامازنىڭ توغرا-سەھىھ بولىشىنى چەكلەپ قويۇدىغانلىقى مەقسەت قىلىنغانلىقىنى ئوچۇق بايان قىلدى، ئۇ بولسىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇ كىشىنى نامازنى يېڭىدىن باشلاشقا بۇيرىغانلىقىدۇر. بۇمۇ سەپتە يالغۇز ناماز ئوقۇشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ۋابىسە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاخىرقى سەپتە يالغۇز ناماز ئوقۇۋاتقان ئادەمنى كۆرۈپ ، ئۇ كىشىنى نامازنى قايتىدىن ئوقۇشقا بۇيرىغان». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 682-ھەدىس. تىرمىزى رىۋايىتى230-ھەدىس].

بۇنىڭ بىلەن سەپنى مۇكەممەل قىلىشنىڭ ۋاجىپلىقى توغرىسىدىكى ۋە ئاخىرقى سەپتە يالغۇز ناماز ئوقۇغان كىشىنىڭ نامىزى باتىل بولىدۇ دېگەن قاراش كۈچلۈك بولىدۇ، ئۇ كىشىگە سەپنى مۇكەممەل قىلىشتىن ئىبارەت بولغان ۋاجىپنى تەرك قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇ نامازنى قايتىدىن ئوقۇشى كېرەك بولىدۇ.

لېكىن بۇ ۋاجىپمۇ باشقا ۋاجىپلارغا ئوخشاش ئورنىدىن ئۆتۈپ كەتكەندە ياكى ئۇنى ئادا قىلىشتىن شەرئى تەرەپتىن ياكى ئەمەلى تەرەپتىن ئاجىز كەلگەندە چۈشۈپ كېتىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎فَاتَّقُوا اللَّهَ مَا اسْتَطَعْتُم تەرجىمىسى: «كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشچە ئاللاھدىن قورقۇڭلار» [سۈرە تەغابۇن 16-ئايەت].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنى بىر ئىشقا بۇيرۇسام ئۇنى كۈچۈڭلەرنىڭ يېتىشچە ئادا قىلىڭلار» [بۇخارى رىۋايىتى 7288-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى1337-ھەدىس].

سەپنىڭ قايسى تەرىپىدە ئورۇن تاپسا سەپنىڭ شۇ تەرىپىگە كېرىپ ناماز ئادا قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ، ئەگەر سەپنىڭ ھېچ قايسى تەرىپىدە بوش ئورۇن تاپالمىسا ئۇ كىشىدىن بۇ ۋاجىپ چۈشۈپ كېتىدۇ، شۇنىڭدەك، ئۇ كىشى ئۈچۈن شەرئى بىر ئورۇن بولمىسىمۇ ۋاجىپ ئۇ كىشىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ.

بىرىنچىسىنىڭ مىسالى: ئەگەر ئالدىدىكى سەپ تولۇق توشۇپ كەتكەن بولۇپ، بوش ئورۇن تاپالمىسا، ئاخىرقى سەپتە يالغۇز ناماز ئوقۇيدۇ، چۈنكى ئاجىز كېلىش بىلەن ۋاجىپ چۈشۈپ كېتىدۇ.

ئىككىنچىسىنىڭ مىسالى: ئايال ئەرلەر بىلەن بىرگە بولغاندا، ئاخىرقى سەپتە ئۆزى يالغۇز ناماز ئوقۇيدۇ، بۇ ھەدىستە ئىسپاتلانغان. بۇ ھەدىستە ئوچۇق بايان قىلىنغانلىقى ئۈچۈن بۇنى ئاخىرقى سەپتە يالغۇز ناماز ئادا قىلغان ئەر كىشىگە قىياس قىلىش ھەرگىز توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئەمەلى ئۈزۈر دېگەن شەرئى ئۈزۈرگە ئوخشاشتۇر.

بۇنىڭدىن شۇ ئېنىق بولىدۇكى: ئەر كىشى مەسچىتكە كىرگەندە ئالدىدىكى سەپ توشۇپ بوش ئورۇن تاپالمىغاندا، ئالدىغا ئۆتۈپ ئىمامنىڭ  ئوڭ تەرىپىدە تۇرىدۇ ياكى ئۆزى بىلەن بىرگە تۇرۇشى ئۈچۈن ئالدىدىكى سەپتىن بىر كىشىنى كەينىگە تارتىپ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرىدۇ، ياكى ئاخىرقى سەپتە جامائەتتىن ئايرىلىپ ئۆزى يالغۇز ناماز ئوقۇيدۇ، ياكى سەپنىڭ ئاخىرىدا كېيىن كىشىلەر بىلەن جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇيدۇ.

ئەمما ئالدىغا چېقىپ ئىمامنىڭ يېنىدا تۇرۇش مەسىلىسىدە:

1-ئۇ كىشى ئالدىغا ئۆتۈپ ئىمامنىڭ يېنىدا تۇرۇشى ۋە شۇ ئورۇندا ھەرىكەت قىلىشى، ئىمامنىڭ ئۆزىگە ئىقتىدا قىلغان جامائەتتىن پەرقلىنىش ئۈچۈن ھەدىستە بايان قىلىنغان  بويۇنچە ئايرىم تۇرۇشتىن ئىبارەت سۈننەتكە خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ. بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىدا تۇرغانلىقىغا قىياس قىلىنمايدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى 413-ھەدىس]. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېيىن كېلىپ تۇرغان بولسىمۇ ئۇ ئىمامدۇر، ئۆزىنىڭ ئورۇن باسارىنىڭ يېنىدا تۇردى، شۇنىڭدەك، ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭمۇ كەينىدىكى سەپكە قايتىشى مۇمكىن بولمايتتى، شۇنىڭدەك جامائەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئۇنىڭ تەكبىرلىرىنى جامائەتكە يەتكۈزەتتى.

2-كېيىن كەلگەن كىشى سەپتە ئورۇن يوق، ئىمامنىڭ يېنىدىكى بوش ئورۇنغا ئۆتۈشى ئۈچۈن سەپتە تۇرغان جامائەتلەرنىڭ ئۈستىدىن ئاتلاپ ئۇلارغا ئەزىيەت يەتكۈزىدۇ.

3-ئۆزىدىن كېيىن كېلىدىغان كىشى بىلەن بولىدىغان سەپنى يوقۇتۇپ قويىدۇ، ئەگەر ئۇ كىشى ئاخىرقى سەپتە يالغۇز تۇرۇپ قالسا ئۇنىڭدىن كېيىن كېلىدىغان ئۇنىڭ بىلەن سەپ بولىدۇ.

ئەمما ئۆزى بىلەن بىرگە تۇرۇش ئۈچۈن ئالدىدىكى سەپتىن بىر كىشىنى تارتىپ تۇرۇشتا مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك ئاگاھلاندۇرۇشقا دۇچ كېلىدۇ:

بىرىنچى: ئالدىنقى سەپتە بوش ئورۇن چېقىرىپ قويىدۇ، «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سەپلەرنى تولۇق قىلىشقا بۇيرۇپ، شەيتانغا بوشلۇق قويۇشتىن چەكلىگەن» [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 5691-ھەدىس. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 666-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

ئىككىنچى: ئالدىدىكى سەپتىن كەينىگە تارتقان كىشىنى يۇقىرى ئورۇندىن تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈرۈش ئارقىلىق زۇلۇم قىلغان بولىدۇ.

ئۈچىنچى: كەينىگە تارتقان كىشىنىڭ نامىزىغا تەشۋىش پەيدا قىلىدۇ، بەلكى ئۇ كىشى نامازدا خاپا بولىشى ۋە ئاچچىقلىشى مۇمكىن.

بۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاخىرقى سەپتە يالغۇز ناماز ئوقۇغان كىشىنى كۆرگەندە ئۇنىڭغا دېگەن: «ئۇلار بىلەن بىرگە سەپكە كىرسەڭ ياكى ئالدىڭدىكى كىشىدىن بىرىنى تارتىپ بىرگە تۇرساڭ بولمامدۇ» دېگەن ھەدىسىگە قايتۇرغىلى بولمايدۇ، چۈنكى بۇ ھۆججەتلىككە يارىمايدىغان زەئىپ ھەدىستۇر. [ تەبرانى "ئەلئەۋسەت" 8-توم 374-بەتتە كەلتۈرگەن، ھەيسەمى: بەك زەئىپ دېگەن].

ئەمما ئۇ كىشىنىڭ جامائەتنى تەرك قىلىپ سەپنىڭ كەينىدە ئۆزى يالغۇز ناماز ئادا قىلىشى، جامائەت بىلەن بىرگە ناماز ئادا قىلىشقا قادىر بولۇپ تۇرۇپ جامائەتكە قىتىلماسلىقتەك بىر ۋاجىپنى تەرك قىلغان بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاسىيلىققا چۈشۈپ قالىدۇ.

ئەمما ئۇ كىشىنىڭ ئاخىرقى سەپتە يالغۇز تۇرۇپ جامائەت بىلەن ئادا قىلغان نامىزى بولسا، كۈچى يەتكەن مىقداردا ۋاجىپنى ئادا قىلىشتۇر، جامائەت بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇغان كىشىگە مۇنداق ئىككى ئىش لازىم بولىدۇ:

بىرى: جامائەتنىڭ ئىچىدە ناماز ئوقۇش.

ئىككىنچىسى: ئۇلار بىلەن سەپتە بىرگە تۇرۇش، بۇ ئىككى ئىشنىڭ بىرى مۇمكىن بولمىسا يەنە بىرى مۇمكىن بولىدۇ.

ئەگەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئاخىرقى سەپتە يالغۇز ناماز ئوقۇمىغىن» دېگەن ئومۇم ئەمەسمۇ، بۇ ھەدىستە نامازنىڭ تامام بولىشى ياكى تامام بولماسلىقى تەپسىلى بايان قىلىنمىغان تۇرسا؟ دېيىلسە، بۇنىڭ جاۋابى: بۇ سەپنى تولۇقلاشتىن ئىبارەت ۋاجىپنى تەرك قىلىپ سەپنىڭ كەينىدە ناماز ئادا قىلغان كىشىنىڭ نامىزىنىڭ باتىل ئىكەنلىكىنى، ئەگەر سەپكە كېرىشكە قادىر بولالمىسا، ئۇ، ۋاجىپنىڭ چۈشۈپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇ ھەدىسى ئۆزى قادىر بولالمايدىغان بىر ئىش بىلەن نامىزىنى باتىل قىلىشى مۇمكىن بولمايدۇ.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تۆۋەندىكى ھەدىسى بۇ ھەدىسكە ئوخشايدۇ: «پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇمىغان كىشىنىڭ نامىزى ناماز بولمايدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى 756/ مۇسلىم 394 رىۋايىتى].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «تاھارەتسىز كىشىنىڭ نامىزى ناماز بولمايدۇ».[ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 9137-ھەدىس. ئەبۇ داۋۇد رىۋايتىى 101-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايتىى 399 -ھەدىس].

ئەگەر بۇ ھەدىس سەھىھ بولسا، پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇشقا قادىر بولالمىغان ياكى تاھارەت ئىلىشقا قادىر بولالمىغان كىشى پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇماي ياكى تاھارەت ئالماي شۇ ھالەتتە ناماز ئوقۇسا، ئۇ كىشىنىڭ نامىزى دۇرۇس بولىدۇ، لېكىن ئۇ كىشى قۇرئان كەرىمدىن پاتىھە سۈرىسىگە باراۋەر كېلىدىغان ئايەت ئوقۇغان بولسا ياكى قۇرئان ئوقۇيالمىسا ئاللاھقا زىكىر ئېيتقان بولسا ۋە تاھارەت ئىلىشتىن ئاجىز كەلسە تەيەممۇم قىلسا دۇرۇس بولىدۇ.

جاۋاپنىڭ خۇلاسىسى: سەپنى تولدۇرۇپ تۇرۇش ۋاجىپ، ئەگەر بىر كىشى سەپ توشۇپ بولغاندا كەلگەن بولسا، ئاخىرقى سەپتە تۇرۇپ جامائەت بىرگە ناماز ئوقۇيدۇ، ئىمامنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ناماز ئوقۇش ئۈچۈن ئالدىغا چىقمايدۇ ياكى ئۆزى بىلەن بىرگە تۇرغۇزۇش ئۈچۈن ئالدىدىكى كىشىنى تارتمايدۇ ۋە جامائەت بىلەن بىرگە ناماز ئادا قىلىشنىمۇ تەرك قىلمايدۇ.

ئۇ كىشى ئۈزۈرلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن سەپنىڭ كەينىدە يالغۇز تۇرۇپ جامائەت بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇيدۇ. بۇ شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە، شەيخ ئابدۇرەھمان سەدى ۋە بۇ شەكىلدە ناماز ئوقۇشنى مۇتلەق دۇرۇس دېگەنلەرنىڭ قارىشىدۇر.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى