ئالتۇن سودىگەرلىرىنىڭ ئالتۇننى توپ باھادا ئېلىپ، پۇلىنى بۆلەپ، بۆلەپ ئۆتەشنىڭ ھۆكمى نېمە؟.

سوئال 112037

مەن ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەرنى سېتىش ئورنىدا خىزمەت قىلىمەن، بىز ئالتۇننى ئەكەلگۈچىلەردىن توپ باھادا ئالىمىز، ئۇنىڭ پۇلىنى بۆلەپ، بۆلەپ ئۆتەيمىز، مۇشۇ تىجارەتنى قىلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق قىلىدۇ، ئالتۇننى بۇ شەكىلدە ئېلىپ سېتىش ھالالمۇ ياكى ھاراممۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەرنى ئېلىپ-سېتىش ئىشى سوئالدا بايان قىلىنغاندەك بولسا، بۇ شەكىلدە تىجارەت قىلىش ھارام بولىدۇ، توپ سېتىۋالغان ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرى ئۈچۈن بۆلەپ ئۆتەيدىغان پۇل ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياكى ئۇ ئىككىسىنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان قەغەز پۇللاردىن بولسا بۇ نېسى شەكىلدە جازانە قىلىشنىڭ جۈملىسىدىندۇر، بۇ شەكىلدە قىلىنغان تىجارەتتە سېتىۋالغان مال بىلەن ئۇنىڭغا ئۆتەيدىغان پۇلنىڭ جىنسى بىر بولسا، بۇ ئوخشاش تۈردىكى نەرسىنى كەم-زىيادە سېتىش جازانىسى بولىدۇ. ئەمما تۈرى بىر بولماي، پۇلىنى مۇددەتكە بۆلەپ ئۆتەيدىغان بولسا بۇ نېسى شەكىلدىكى جازانە بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلغۇچىدۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

"سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات، پەتىۋا كومىتېتى "شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز، شەيخ ئابدۇرەززاق ئەپىيپى، شەيخ ئابدۇللاھ غۇدەييان ۋە شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى قەئۇد قاتارلىقلار. ["دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى"13-توم  476-بەت].

مەرجەلەر

پۇل ئالماشتۇرۇش
جازانە توغىرسىدا

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android