پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئىقتىسادى ياخشى بولغان ئايال يولدىشى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلسا بولامدۇ؟

سۇئال

يولدىشى كەمبەغەل بولۇپ، ئايالىنىڭ ئىقتىسادى ياخشى بولسا، ئايالى يولدىشى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلسا دۇرۇس بولامدۇ؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

قۇربانلىق قىلىش ئەر-ئاياللار ئۈچۈن ئوخشاش يولغا قويۇلغان، قايسىسىنىڭ ئىقتىسادى يار بەرسە، شۇنىڭغا قۇربانلىق قىلىش مۇستەھەپ بولىدۇ، ئەگەر ئايال قۇربانلىق قىلغان بولسا، بۇ قۇربانلىق ئۆزى ۋە ئائىلىسى ئۈچۈن بولۇپ، يولدىشىمۇ بۇنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ.

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: قۇربانلىق پۈتۈن ئائىلە ئۈچۈن بولامدۇ ياكى ئائىلىدە بالاغەتكە يەتكەن ھەر بىر كىشى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىش كېرەكمۇ؟. قۇربانلىق قاچان قىلىنىدۇ؟. قۇربانلىق قىلىدىغان كىشى قۇربانلىق قىلىشتىن ئىلگىرى چاچ، تىرناقلىرىنى ئالماسلىق كېرەكمۇ؟ ئەگەر ئايال ھەيىزدار بولۇپ قالغان بولسا قانداق قىلىدۇ؟، سەدىقە بىلەن قۇربانلىقنىڭ ئارىسىدىكى پەرق نېمە؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "قۇربانلىق قىلىش ئالاھىدە تەكىتلەنگەن سۈننەت بولۇپ ئەر-ئاياللار ئۈچۈن ئوخشاش يولغا قويۇلغان، ئەر قۇربانلىق قىلسا ئۆزى ۋە ئائىلىسى ئۈچۈن بولىدۇ، ئايال قۇربانلىق قىلسىمۇ ئۆزى ۋە ئائىلىسى ئۈچۈن بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر يىلى سېمىز ئىككى قوچقارنى قۇربانلىق قىلاتتى، بىرىنى ئۆزى ۋە ئائىلىسى ئۈچۈن يەنە بىرىنى ئۆزىنىڭ بارلىق مۆمىن ئۈممىتى ئۈچۈن قىلاتتى. قۇربانلىق قىلىش ۋاقتى، ھەر يىلى قۇربان ھېيت كۈنى ئۇنىڭدىن كىيىنكى ئۈچ كۈن ئىچىدە بولىدۇ، سۈننەت بويىچە قۇربانلىق قىلغۇچى ئۆلتۈرگەن ئۇلاغنىڭ گۆشىدىن يەيدۇ ۋە ئۇرۇغ-تۇغقان، خولۇم-خوشنىلىرىغا ھەدىيە قىلىدۇ، كەمبەغەللەرگە سەدىقە قىلىدۇ. قۇربانلىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان كىشىنىڭ زۇل ھەججە ئېيى كىرگەندىن كىيىن تاكى قۇربانلىقنى قىلىپ بولغىچە ئۆزىنىڭ چاچ، تىرناق ۋە باشقا مويلىرىنى ئىلىشى توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سىلەردىن بىرىڭلار قۇربانلىق قىلىشنى مەقسەت قىلسا زۇل ھەججە كىرگەندىن باشلاپ قۇربانلىقنى قىلىپ بولغىچە ئۆزىنىڭ چاچ، تىرناق ۋە باشقا مويلىرىدىن بىر نەرسە ئالمىسۇن. [بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابىدا ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن نەقىل قىلغان].

قۇربانلىق قىلىشقا ۋەكىل قىلىنغان ياكى باشقىلارنىڭ قۇربانلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان كىشىلەر چاچ، تىرناقلىرىنى ئالسا بولىدۇ، ئۇلار ئەمەلىيەتتە قۇربانلىق قىلغۇچىنىڭ ئۆزى ئەمەس. چۈنكى ۋەكىل دېگەن قۇربانلىق قىلغۇچىنىڭ ئەۋەتكەن ئادىمى، شۇنىڭ قۇربانلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان كىشى قۇربانلىق قىلغۇچىنىڭ ئۆزى ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ ئۈچۈن مەزكۇر ئىشىنى ئىجرا قىلغۇچىدىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھ ھەممەيلەننى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن". تۈگىدى. ["ئىبنى باز پەتىۋالار توپلىمى" 18-توم 38-بەت].

ئايال يولدىشى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، يولدىشىنىڭ رۇخسىتى بىلەن بولىشى كېرەك، ئىبادەتتە ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن باشقىلارنىڭ رۇخسىتىنى ئىلىپ ئاندىن قىلىش كېرەك. چۈنكى قۇربانلىق دېگەن ئىبادەت بولۇپ، ئىبادەتتە نېيەتنىڭ بولىشى مۇھىمدۇر.

ئاللاھ تائالاھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى