يەكشەنبە 19 شەۋۋال 1445 - 28 ئاپرىل 2024
Uygur

ئاياللار بىلەن سۆزلىشىشنىڭ ئەدەپلىرى توغرىسىدا

سۇئال

   ئاياللار بىلەن سۆزلىشىشنىڭ ئەدەپلىرى ئومۇمەن تۆۋەندىكى ھالەتلەردە بولىدۇ: ئىلىم-سېتىم، خىزمەت ئۈچۈن ئايرىم سۆھبەت ئېلىش، مەلۇم بىر مەسىلىنى چۈشەندۈرگەندەك، مۇشۇنداق ھالەتلەردە تىكىلىپ قارىماسلىقنىڭ ھۆكمى، ئومۇمەن قانداق ۋاقىتتا تىكىلىپ قاراش دۇرۇس بولىدۇ؟، بۇنى تەپسىلى قانائەتلىنەرلىك بايان قىلىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    مەھرەم بولمايدىغان يات ئاياللار بىلەن سۆزلىشىش ياكى ھاجەت بىلەن بولىدۇ ياكى ھاجەتسىز بولىدۇ:

    ئەگەر سۆزلىشىش ھاجەتسىز بولسا، بۇنىڭ بىلەن ئايالنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاش ياكى ئايالنىڭ نازاكەت بىلەن سۆز قىلىشىدىن ھۇزۇرلىنىش ھاسىل بولىدۇ، بۇنداق قىلىش ھارامدۇر، تىلنىڭ ۋە قۇلاقنىڭ زىناسىدۇر. بۇ توغرىدا خەۋەر بېرىپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئادەم ئەۋلادلىرىغا زىنادىن بولغان نېسىۋىسى  پۈتۈلگەن بولۇپ ئۇنى چوقۇم تاپىدۇ: ئىككى كۆزنىڭ زىناسى قاراش بىلەن، ئىككى قۇلاقنىڭ زىناسى ئاڭلاش بىلەن، تىلنىڭ زىناسى سۆزلەش بىلەن، قولنىڭ زىناسى تۇتۇش بىلەن، پۇتنىڭ زىناسى شۇ تەرەپكە مېڭىش بىلەن، دىلنىڭ زىناسى تەلپۈنۈش ۋە ئىشتىھا قىلىش بىلەن، ئەۋرەت بۇنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ ياكى رەت قىلىدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى2657-ھەدىس].

    ئەمما ئايال بىلەن سۆزلىشىشكە ھاجەت بولۇپ قالسا بۇنىڭدىكى ئەسلى قائىدە دۇرۇسلۇق، لېكىن بۇنداق ۋاقىتتىمۇ تۆۋەندىكى ئەدەپلەرگە رىئايە قىلىش كېرەك: 

   1-سۆزنى ھاجەت مىقدارىدا، مەقسەت قىلىنغان ئىشقا ئالاقىدار دائىرىدە قىلىش، سۆزنى كېڭەيتىپ تېمىنىڭ ئەتراپىغا چېقىپ كەتمەسلىك كېرەك.   قېرىندىشىم! سىز ساھابىلارنىڭ ئاياللار بىلەن سۆزلىشىشنىڭ ئەدەپلىرىنى بىزنىڭ بۈگۈنكى ئاھۋالىمىز بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئويلىنىپ بېقىڭ، مۇناپىقلارنىڭ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا بۆھتان چاپلىغانلىق ۋەقەلىكى توغرىسىدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا مۇنداق دەيدۇ: «سەپۋان بىن مۇئەتتەل سۇلەمىي كېيىن زەكۋانىيغا مەنسۇپ بولغان ساھابە قوشۇننىڭ ئارقىسىدا بولغان بولۇپ، تاڭ يورىغاندا مېنىڭ چۈشكەن ئورنۇمدا يىراقتىن ئۇخلاپ قالغان ئادەمنىڭ كۆلەڭگىسىنى كۆردى، مېنى كۆرگەن ۋاقىتتا مېنى تونىدى، چۈنكى ئۇ كىشى ھىجاپلىنىشتىن ئىلگىرى مېنى كۆرگەن ئىدى، ئۇ كىشىنى مېنى تونۇپ ئىستىرجا ئېيتقاندا ( ئىننا لىللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئۇن)ئۇنىڭ ئاۋازىدىن ئويغاندىم، شارپام بىلەن يۈزۈمنى ئورىدىم، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! ئۇ كىشى ماڭا بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلمىدى، مەن ئۇنىڭ ئىستىرجادىن باشقا سۆزىنى ئاڭلىمىدىم، ئۇ تۆگىنى چوكلاندۇردى، مەن تۆگىگە مىندىم، شۇنىڭ بىلەن مەن مىنگەن تۆگىنى ھەيدەپ قوشۇننىڭ چۈشكەن يېرىگە كەلدۇق». [بۇخارى رىۋايىتى 4141-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى2770-ھەدىس].
   ئىراقى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ (مەن ئۇنىڭ ئىستىرجادىن باشقا سۆزىنى ئاڭلىمىدىم) دېگىنى ئۇ سۆزنى تەكرار ئېيتىپ ماڭدى دېگەنلىكى ئەمەس، ھەقىقەتەن ئۇ كىشى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا سۆز قىلمىغان، لېكىن ئۆزىگە سۆز قىلغان، ئۆنلۈك ئاۋازدا قىرائەت قىلغان، ياكى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئاڭلىغۇدەك زىكىر قىلغان دېگەندەك ئىشلارمۇ يۈز بەرمىگەن، بەلكى بۇ ئىشنىڭ سۆز قىلىشنىڭ ناھايىتى كاتتا بولغانلىقىدىن ئەدەپ بىلەن ئۆزىنى ساقلىغان ھالەتتە جىمجىت ماڭغان". ھەر قانداق جايدا بولسۇن زۆرۈر ئىشلار سەۋەبىدىن يات ئاياللار بىلەن يالغۇز قالغاندا خۇددى سەپۋان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سۆزمۇ قىلماي، بىر نەرسىمۇ سورىماي تۆگىنى چوكلاندۇرغاندەك، ئەدەپ بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك". ["تەرھىت تەسرىيب" 8-توم 53-بەت].

   2-كۈلكە-چاقچاقتىن ساقلىنىش كېرەك. بۇنىڭدىن ساقلانماسلىق ئېسىللىك ۋە ئەدەپنىڭ جۈملىسىدىن ئەمەس.

   3-تىكىلىپ قاراشتىن ساقلىنىش، ئىمكان قەدەر قارىماسلىققا تېرىشىش كېرەك، سۆز قىلىش مەقسىتىدە كۆزى چۈشۈپ كېتىپ قالسا ئاللاھ خالىسا بۇنىڭدا گۇناھ بولمايدۇ.

   4-ھەر ئىككى تەرەپتىن سۆزدە نازاكەت بولماسلىقى لازىم، سۆزنى مۇلايىم ياكى ئاۋازنى ئىنچىكە قىلىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىق، ھەر بىر تەرەپ ئادەتتىكى نورمال سۆز قىلىش ئۇسلۇبىنى قوللىنىش كېرەك. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىغا سۆز قىلىشنىڭ ئەدەپلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:  ﴿فَلَا تَخْضَعْنَ بِالْقَوْلِ فَيَطْمَعَ الَّذِي فِي قَلْبِهِ مَرَضٌ وَقُلْنَ قَوْلًا مَعْرُوفًا﴾ تەرجىمىسى: «سىلەر (يات ئەرلەرگە سۆز قىلغاندا) نازلىنىپ سۆز قىلماڭلار، (نازلىنىپ سۆز قىلساڭلار) دىلىدا كېسەل بار ئادەم (سىلەرگە قارىتا) تەمەدە بولۇپ قالىدۇ، (گۇماندىن خالىي) ياخشى سۆزنى سۆزلەڭلار.»

[سۈرە ئەھزاب 32-ئايەت].

   5-ئەر-ئايال ھەر ئىككى تەرەپنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىدىن ھېسابلىنىدىغان ئىشقى-مۇھەببەتكە ئىشارىت قىلىدىغان مەنا ۋە لەپزىلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالغان سۆزلەرنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

   6-قارشى تەرەپكە تەسىر قىلىدىغان ئۇسلۇپلاردا مۇبالىغە قىلماسلىق كېرەك، بەزى كىشىلەر باشقىلار بىلەن سۆزلىشىش ئارىسىدا قول ھەرىكىتى، يۈز ھەرىكىتىنى قوللىنىدۇ ياكى شىئېر، مىسال ياكى تۇيغۇلۇق ئىبارىلەرنى ئىشلىتىدۇ، بۇ شەيتاننىڭ ئىككى جىنىسنىڭ ئارىسىغا ھارامنىڭ يولىنى ئېشىكىنى ئېچىشىدۇر.

    ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "شائىرلار يات ئاياللار بىلەن سۆزلىشىش، سۆز قىلىش ۋە قاراشنى كەسكىن گۇناھ بولىدۇ دەپ قارىمايدۇ، بۇ شەرىئەتكىمۇ ۋە ئەقىلگىمۇ توغرا كەلمەيدۇ، بۇ ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە مايىل بولىشىدىن ئىبارەت تۇغما تەبىئىتىگە قارشى تۇرغانلىق، نۇرغۇن كىشىلەر مۇشۇ سەۋەپتىن ئۆزىنىڭ دىنى ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىدا پىتنىگە چۈشۈپ كەتكەن".  ["رەۋزەتۇل مۇھىببىين" 88-بەت.]

    بۇ مەسىلە توغرىسىدا 1497-، 59873- ۋە 102930- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىدا تەپسىلى بايان قىلىندى. يەنە تور بېتىمىزدە ئاياللار بىلەن سۆزقىلىشنىڭ ئەدەپلىرىگە ئالاقىدار بولغان پەتىۋالار بار، شۇنىڭغا مۇراجىئەت قىلىش لازىم.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى