بىرىنچى: مۇسۇلماننىڭ شەرىئەتنى ئىنچىكە ئەھكاملىرىغىچە بىلىشكە كۆڭۈل بۆلىشى بەك ياخشىدۇر، بۇنىڭدىنمۇ مۇھىم بولغان ئەھكاملاردىن بىلگەنلىرىگە ئەمەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشتۇر، "كۇنىيەت" بابىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بولغان نۇرغۇن مەسىلىلەر بار، بۇنىڭغا بەزى تەپسىلاتلارنى زىيادە قىلىش بىلەن ئاخىرى سورالغان سوئالغا جاۋاپ بولىدۇ:
1-كۇنىيەت دېگەن: پالانچىنىڭ ئاتىسى ياكى ئانىسى دېگەن سۆز بىلەن باشلانغان ئىسىملار بولۇپ، بۇ ئىسىمگە ۋە لەقەمگە ئوخشىمايدۇ.
2-كۇنىيەت دېگەن: ئىنسان ماختىلىنىدىغان ۋە ئىززەت-ئىكرام قىلىنىدىغان سۆز بىلەن بولىدۇ، بۇ ھەم ماختىلىنىدىغان ھەم سۆكىلىدىغان لەقەمگە ئوخشىمايدۇ.
3-ئەگەر بەزى ئىنسانلارنى پەقەت ناچار كۈنىيىتى بىلەنلا تونۇغىلى بولىدىغان بولسا ياكى بۇنىڭ بىلەن ئاتاشنىڭ پايدىسى بولسا ياكى ئىسمى شەرىئەتتە توغرا بولمايدىغان ئىسىملاردىن بولسا، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ناچار كۇنىيىتى بىلەن ئاتاشقا بولىدۇ مەسىلەن: "پاسىق، كاپىر، بىدئەتچى" دېگەندەك.
ئاللاھ تائالا بۇ توغرىدا مۇنداق دەيدۇ: تَبَّتْ يَدَا أَبِي لَهَبٍ وَتَبَّ تەرجىمىسى: «ئەبۇ لەھەبنىڭ ئىككى قولى قۇرۇپ كەتسۇن! (ئەمەلدە) قۇرۇپ كەتتى» [سۈرە مەسەد 1-ئايەت].
ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " ئەگەر كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ پەقەت مۇشۇ "پاسىق، كاپىر، بىدئەتچى" دېگەندەك ناچار كۇنىيىتى بىلەنلا تونۇلىدىغان بولسا ياكى ئىسمى ئوچۇق بايان قىلىنسا بىرەر پىتنە-پاسات بولۇپ قىلىشتىن ئەنسىرىسە، ئۇلارنى مۇشۇ سۆزلەر بىلەن كۇنىيەت قىلىش دۇرۇس بولىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان دا" ئەبۇ لەھەبنىڭ ئىككى قولى قۇرۇپ كەتسۇن! دېدى، ئەسلىدە ئۇنىڭ ئىسمى"ئابدۇل ئۇززا" ئىدى. بەزىلەر ئەبۇ لەھەب ئۆزىنىڭ بۇ كۇنىيىتى بىلەن تونۇلغاچقا شۇنداق ئاتالغان دېسە، يەنە بەزىلەر: ئۇنىڭ ئىسمى (ئابدۇل ئۇززا- ئۇززا دېگەن بۇتنىڭ قۇلى دېگەن بولغانلىقتىن) ئىسمىنى ئاتاش ياخشى كۆرەلمىدى، دەيدۇ.
ھەدىسلەردە "ئەبۇ تالىب" (تالىپنىڭ ئاتىسى) دېگەن كۇنىيەت تەكرار كېلىدۇ، ئەسلىدە ئەبۇ تالىپنىڭ ئىسمى: ئەبدۇ مەناپ ئىدى، سەھىھ ھەدىستە: "بۇ ئەبۇ رىغالنىڭ قەبرىسى" دەپ كەلگەن، بۇنىڭ ئوخشاشلىرى كۆپ. بۇنىڭ ھەممىسى بىز تەرجىمىدە زىكىر قىلغان شەرتلەر تولۇق بولغاندا بولىدۇ، ئەگەر شەرتلەر تولۇق بولمىسا ئىسىمغا ھېچ نەرسىنى زىيادە قىلمايدۇ". ["ئەل ئەزكار" 296 -بەت].
4-كۇنىيەتنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئىسمى بىلەن بولىشى كېرەك بولمايدۇ، بەلكى باشقا جانلىق ۋە جانسىز نەرسىلەرنىڭ ئىسمى بىلەن بولسىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن: "ئەبۇ تۇراپ"، ئەبۇ ھۇرەيرە دېگەنگە ئوخشاش.
5-كۇنىيەتلىنىدىغان ئىسىمنىڭ كۇنىيەتلەنگۈچىنىڭ بىرەر پەرزەنتىگە نىسبەت بېرىلىشى كېرەك بولمايدۇ، مەسىلەن: "ئەبۇ بەكىر سىددىق دېسەك، ئۇنىڭ ھېچ بىر پەرزەنتنىڭ ئىسمى بەكىر ئەمەس.
6-كۇنىيەتنىڭ كۈنىيەتلەنگۈچىنىڭ چوڭ بالىسىنىڭ ئىسمى بولىشى كېرەك بولمايدۇ، ئەگەر ئۇنداق بولۇپ قالسا ياخشى.
ھانىدىن بايان قىلىنىدۇكى، ئۇ ئۆزىنىڭ قەۋمى بىلەن بىرگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئەلچى بولۇپ كەلگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ قەۋمى ئارىسىدا ئەبۇل ھەكەم دەپ كۇنىيەتلىنىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنى چاقىرىپ ھەقىقەتەن ئاللاھ ھەكەمدۇر، ئۇ ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر، سەن ئەبۇل ھەكەم دەپ كۇنىيەتلەنمىگىن دېۋىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: قوۋمىم بىرەر ئىشتا كېلىشەلمەي قالسا، مېنىڭ يېنىمغا كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىپ قويسام، ھەر ئىككى تەرەپ مېنىڭ ھۆكمۈمگە رازى بولىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا: بۇ نېمىدېگەن ياخشى، پەرزەنتلىرىڭ بارمۇ؟ دېۋىدى، مەن: شۇرەيھ، مۇسلىم ۋە ئابدۇللاھ دەپ ئۈچ پەرزەنتىم بار دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام : ئۇلاردىن قايسى چوڭى؟ دېۋىدى، مەن: شۈرەيھ دېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇنداق بولسا سېنىڭ كۇنىيىتىڭ ئەبۇ شۇرەيھ بولسۇن، دېدى. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى4955 -ھەدىس. نەسائى رىۋايىتى 5387 -ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" كەلتۈرگەن.]
"دائىمىي كومىتېتى ئالىملىرىدىن" بىر كىشىنىڭ تۈنجى پەرزەنتى كىچىك ۋاقتىدا ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، ئۇ كىشىنى كىچىك پەرزەنتنىڭ ئىسمى بىلەن كۇنىيەتلەپ چاقىرسا توغرا بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇلار مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "ياخشىسى ئىنسان چوڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى بىلەن كۇنىيەتلىنىشى كېرەك، چوڭ ئوغلى ھايات بولسۇن ياكى ۋاپات بولۇپ كەتكەن بولسۇن بۇنىڭ پەرقى يوق، شۇ كۇنىيەت بىلەن چاقىرىلسا بولىدۇ، لېكىن چوڭ ئوغلى ھايات بولسۇن ياكى ۋاپات بولۇپ كەتكەن بولسۇن كىچىك ئوغلىنىڭ ئىسمى بىلەن كۇنىيەتلىنىپ ئۇنىڭ بىلەن چاقىرىلسىمۇ بۇنىڭغا گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇۋەپپەق قىلغۇچىدۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا دۇرۇت-سالاملار بولسۇن. پەتىۋادا: شەيخ ئابدۇل ئەزىز بىن باز، شەيخ ئابدۇراززاق ئەپىيپى، شەيخ ئابدۇللاھ بىن قەئۈد قاتارلىقلار. "دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" 11 -توم 487 -بەت.
7-كۇنىيەت ساھىبى كۇنىيتىنى ئەۋلادلىرىدىن قىزلىرىغا نىسبەت بەرسىمۇ بولىدۇ. ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " ئەر كىشىنى" پالانىڭ ۋە پالانىخاننىڭ ئاتىسى دەپ كۇنىيەتلەش، ئايالنى پالانچىنىڭ ۋە پالانىخاننىڭ ئانىسى دەپ كۇنىيەتلەش توغرا بولىدۇ، بۇنىڭ ھەممىسىدە چەكلىمە يوق دەپ بىلىمەن، ساھابىلاردىن، تابىئىنلاردىن ۋە سەلەپ ئالىملىرىدىن بولغان نۇرغۇن پەزىلەتلىك كىشىلەر "ئەبۇ پالانىخان دەپ كۇنىيەتلەنگەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە: ئوسمان ئىبنى ئەپپان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئەبۇ ئەمىر، ئەبۇ ئابدۇللاھ ۋە ئەبۇ لەيلا دەپ ئۈچ كۇنىيىتى بار ئېدى، ئەبۇ دەردا، ئايالى بولسا ئۇممۇ دەردا كۇبرا دەپ كۈنىيەتلەنگەن". [ئەل ئەزكار 296-بەت].
8-يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئەھكاملاردا ئەر-ئاياللار باراۋەر بولىدۇ.
9- كۇنىيەتلەنگەن بەزى كىشىلەرنىڭ پەرزەنتى بولمايدۇ، بۇ ئۇ كىشىنى كۇنىيەتلىنىشتىن چەكلىمەيدۇ.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن: ئەي ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئاياللىرىنىڭ ئارىسىدا مەندىن باشقا ھەممىسىنىڭ كۇنىيتى بار دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىز جىيەنىڭىز ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير بىلەن كۇنىيەتلىنىڭ دېدى»، شۇنىڭ بىلەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋاپات بولغانغا قەدەر ئابدۇللاھنىڭ ئانىسى دەپ كۇنىيەتلەنگەن. ئىمام ئەھمەد "ئەل مۇسنەد" 43-توم 291-بەت. مۇسنەدنى تەتقىق قىلغۇچىلار سەھىھ دېگەن. شەيخ ئەلبانى "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" 132-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن.
10-بەزى ۋاقىتتا ئەر-ئاياللار توي قىلغاندىن كېيىن پەرزەنتى تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى كۇنىيەتلىنىدۇ، بۇمۇ چەكلىنىدىغان ئىش ئەمەس.
ئا-ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پەرزەنتى تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى ئەبۇ ئابدۇراھمان (ئابدۇراھماننىڭ ئاتىسى) دەپ كۇنىيەتلەنگەن». [ھاكىم رىۋايىتى 3-توم 353-بەت. تەبرانى "ئەل كەبىر" 9-توم 10-بەت. ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ "پەتھۇل بارى" 10-توم 582-بەتتە كەلتۈرگەن].
ب-ئىمام بۇخارى "ئەدابۇل مۇپرەد" 848-ھەدىستە " پەرزەنتى تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن كۇنىيەتلىنىش: دېگەن باپتا، ئىبراھىم نەخەئىيدىن بايان قىلىدۇكى، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەلقەمەنى ئۇنىڭ پەرزەنتى تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى "ئەبا شىبىل"(شىبىلنىڭ ئاتىسى) دەپ كۇنىيەتلىگەن. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ"ئەدابۇل مۇپرەدنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرى" توپلىمى 848-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن.
11-قىز بولسۇن ياكى ئوغۇل بولسۇن، ئېمىۋاتقان ياكى يېڭىدىن تۇغۇلغان كىچىك بالىسى بىلەن كۇنىيەتلىنىشمۇ چەكلەنمەيدۇ.
ئۆلىمالار كىچىك پەرزەنتى بىلەن كۈنىيەتلىنىشنىڭ نۇرغۇن پايدىلىرىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ جۈملىسىدىن: شەخسىيىتىنى كۈچلەندۈرۈش، ناچار لەقەملەردىن يىراق بولۇش، ھەتتا كىچىك پەرزەنتى تۇغۇلۇپ قالسا ياشايدىغانلىقىدىن ياخشى پال ئېلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
كىچىك پەرزەنتى بىلەن كۇنىيەتلىنىشنىڭ توغرا بولىدىغانلىقى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدە ئىسپاتلاندى.
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەر ئارىسىدا ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل زات ئېدى، مېنىڭ ئەبۇ ئۇمەير دەپ چاقىرىدىغان بىر قېرىندىشىم بار ئىدى، (مەنمۇ ئۇنى ئېمىۋاتقان دەپ ئويلايمەن) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنىڭ ئۆيگە كەلگەندە ئۇنى كۆرسە: «ئەبۇ ئۇمەير-ئۇمەيرنىڭ ئاتىسى- نۇغەيرگە نېمە بولدى؟» دەپ ئەركىلىتىپ قوياتتى، ئۇنىڭ ئوينايدىغان قۇچقاچ ياكى بۇلبۇلغا ئوخشايدىغان نۇغەير ئىسىملىك بىر قۇشى بار ئىدى. [بۇخارى رىۋايىتى 5850 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2150 -ھەدىس].
ئىمام بۇخارى سەھىھۇل بۇخارىيدا: " كىچىك بالىنى كۇنىيەتلەش ۋە ئەر كىشىنى پەرزەنتى تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى كۇنىيەتلەشنىڭ بابى" دەپ بىر باپ كەلتۈرگەن.
ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىستە نۇرغۇن پايدىلار بايان قىلىنىدۇ: پەرزەنتى بولمىغان كىشىنى كۇنىيەتلەشنىڭ، كىچىك بالىنى كۇنىيەتلەشنىڭ توغرا بولىدىغانلىقى، بۇنىڭ يالغانچىلىق بولمايدىغان قاتارلىقلار". ["شەرھى مۇسلىم" 14 -توم 129 -بەت].
"پىقھى توپلاملىرى" 35 -توم170- -171 بەتتە مۇنداق كەلگەن: "ئۆلىمالار مۇنداق دەيدۇ: ئۇلار كىچىك پەرزەنتى تۇغۇلۇپ قالسا ياشايدىغانلىقىدىن ياخشى پال ئېلىپ ۋە ناچار لەقەمدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كىچىك پەرزەنتى بىلەن كۇنىيەتلىنەتتى".
ئىبنى ئابىدىن مۇنداق دەيدۇ: "ئەبۇ بەكىر ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئىسىملاردىكى كىچىك پەرزەنتى بىلەن كۇنىيەتلەنگەن بولسىمۇ، بەزى ئۆلىمالار بۇنى مەكرۇھ دەپ قارىغان، كۆپچىلىك ئۆلىمالار مەكرۇھ دېمىگەن، چۈنكى ئىنسانلار بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ياخشى پال ئېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ".
بۇنىڭ بىلەن سوئالنىڭ جاۋابى ئېنىق بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ، قىز بولسۇن ياكى ئوغۇل بولسۇن ئېمىۋاتقان كىچىك بوۋاقلار بىلەن كۇنىيەتلىنىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىدۇر، بەزى ساھابى ئەرلەر ۋە ئاياللار شۇنداق كۇنىيەتلەنگەن، بۇ چەكلەنمەيدىغان گۈزەل بىر ئىشتۇر.
ئاللاھ تائالا ھەممىدىن توغرىنى ياخشى بىلگۈچىدۇر.