خرىستىئانلار بولسۇن ياكى مۇشرىك-كاپىرلار بولسۇن ئۇلارنىڭ ھېچ بىرىنىڭ ھېيت-بايرام پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش توغرا بولمايدۇ.
ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بارلىق ئالىم-ئۆلىمالارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن ھەر قانداق بىر مۇسۇلماننىڭ مۇشرىكلارنىڭ ھېيت-بايراملىرىغا قاتنىشىشى توغرا بولمايدۇ.
مۆتىۋەر تۆت مەزھەپ ئالىملىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ كىتابلىرىدا بۇنى ئوچۇق بايان قىلدى.
ئىمام بەيھەقىي سەھىھ ئىسناد بىلەن ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلغان ئەسەردە ئۇ زات مۇنداق دەيدۇ: «مۇشرىكلارنىڭ ھېيت-بايرام كۈنلىرىدە ئۇلار كەنىسە، چېركاۋ ۋە باشقا ئىبادەت ئورۇنلىرىغا كىرمەڭلار، ھەقىقەتەن ئۇ يەردە ئۇلارغا ئاللاھنىڭ غەزىبى چۈشىدۇ».
ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ ھېيت-بايرام كۈنلىرىدە، ئۇلاردىن يىراق بولۇڭلار».
ئىمام بەيھەقىي ياخشى ئىسناد بىلەن ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلغان ئەسەردە، ئۇ زات مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ئەجەملەرنىڭ يۇرتىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئۇلارنىڭ نورۇز ۋە قۇتلۇقلاش پائالىيىتىگە قاتناشسا، ئۇلارغا ئوخشاش پائالىيەت قىلسا، ۋاپات بولغىچە ئۇلارغا ئوخشاش ياشىسا، ئۇ كىشى قىيامەت كۈنىدە ئۇلار بىلەن بىرگە توپلىنىدۇ». ["ئەھلى زىممە توغرىسىدىكى ھۆكۈملەر" 1 -توم 723-724 -بەت].
مۇشرىكلارنىڭ ھېيت-بايراملىرىنى تەبرىكلەشنىڭ ھۆكمى ئۈچۈن 947 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.