پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

دۇرۇس بولىدىغان ۋە دۇرۇس بولمايدىغان ھېيت-بايرام ۋە مۇراسىملار توغرىسىدا

سۇئال

ھازىرقى زاماندا بىز مۇھاجىرلار باشقا دىندىكى كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە خەلقئارالىق بىر جەمئىيەتتە ياشايمىز، مۇشۇ جەمئىيەتتە مەلۇم شەخسنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تۇغۇلغان كۈنى مۇراسىمى ۋە ئىسلامى شەكىلدىكى توي مۇراسىملىرىنى ئۆتكۈزسەك توغرا بولامدۇ؟ بىز ئىسلام دىنىنىڭ سىرتىدىكى ھېچقانداق مۇراسىم-پائالىيەتلەرگە قاتناشمايمىز، ھېچقانداق بىر دىنغا نىسبەت بېرىلمەيدىغان، شۇنداقلا بىرەر دىن بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان، "ھالوۋىييىن" ( (Halloween "كىرىيسمىس" (يېڭى يىل بايرىمى)، "ۋالنىتاين" (day Valentine) (ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى)، "مەسىيھىيە"، "ئەددىيسىيرا"، ئەددىيپالى"،"ئەلھىندوسىييىن" قاتارلىق مۇراسىم ۋە پائالىيەتلەرگە قاتناشساق بولامدۇ؟. ھېچ قانداق بىر دىن بىلەن باغلىنىشى بولمىغان بايرام-مۇراسىملارغا قاتناشسا بولامدۇ؟ مەن: daruliftaa.com ۋە  islamonline.net قاتارلىق تور بەتلىرىدە ئاددى مۇراسىملارنى ئۆتكۈزۈشكە مۇمكىن بولىدىكەن، ئەمما يىقىنقى ئون بەش يىلدىن بىرى پەرزەنتلىرىمنى قانائەتلەندۈرۈشۈم بەك قىيىن بولىۋاتىدۇ، بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا ئىلىپ بېرىلىۋاتقان مۇراسىملارنىڭ ھېچ بىرى ئىسلامى مۇراسىم ئەمەس، بۇنداق مۇراسىملار بىزنىڭ دىنىمىزدا قوبۇل قىلىنمايدۇ، بۇ مەسىلىلەرنى ئوچۇقلاشتۇرۇپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا،ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابى كىراملارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئاللاھ تائالا يولغا قويغان ئىسلام پىرىنسىپىدا توي مۇراسىملىرى ۋە باشقا دۇنياۋى پائالىيەتلەرنى ئىلىپ بېرىش چەكلەنمەيدۇ، بۇنىڭ شەرتى، بۇ پائالىيەت جەريانىدا ئىسلام دىنىدا چەكلەنگەن ئىشلار يۈز بەرمەسلىكى، يات ئەر-ئاياللار ئارىلىشىپ ئولتۇرماسلىقى، تۈرلۈك مۇزىكا-چالغۇلىرى بولماسلىقى تەلەپ قىلىنىدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مۇراسىملار ئاللاھ تائالاغا يىقىنلىشىدىغان ئىبادەتلەردىن بولماستىن بەلكى توپلىشىپ خۇرسەنلىك، خوشاللىقنى ئىپادىلەشتىن ئىبارەتتۇر. ئەسلىدە ئادەتتىكى ئىشلارنى قىلىش دۇرۇس، ئىبادەت بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، ئىبادەت چەكلىمە بولۇپ، دەلىل بىلەن يولغا قويۇلغاندا قىلىش دۇرۇس بولىدۇ.

ئىسلام دىنىمىزدا چەكلەنگەن مۇراسىم-پائالىيەتلەر بولسا؛ يېڭى يىل بايرىمى، ۋە ئانىلار بايرىمى دېگەنگە ئوخشاش كاپىرلارنىڭ دىنى شۇئارلىرىنى ئىپادىلەيدىغان مۇنكەر ئىشلار قىلىنىدىغان مۇراسىملاردىن ئىبارەتتۇر. بىز ھەرقانداق ئىشلىرىمىزدا غەيرى دىندىكىلەرگە ئوخشاپ قىلىشتىن قاتتىق چەكلەنگەن، بولۇپمۇ بۇنداق مۇراسىملار بىلەن ئاللاھ تائالاغا يىقىنلىشىش مەقسەت قىلىنىدىكەن بۇنىڭ جىنايىتى بەك چوڭ بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار بۇ مۇراسىمدا ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىش بىلەن بىدئەت-خۇراپاتنى بىرگە ئىپادىلەشتىن ئىبارەتتۇر.

سەئۇدى ئەرەبىستان دائىمى كومېتىتى ئالىملىرىدىن: بالىلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بايرام ئۆتكۈزۈشنىڭ ھۆكمى قانداق؟ بىز ئۇ كۈندە بايرام قىلغاندىن روزا تۇتۇشنى ياخشى دەپ قارايمىز، بۇ قاراش توغرىمۇ؟ دەپ سورىغاندا، ئۇلار جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "تۇغۇلغان كۈن مۇراسىمى، ياكى تۇغۇلغان كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن روزا تۇتۇشتىن ئىبارەت ئىشلار دىندا ئەسلى بولمىغان بىدئەت ئىشلاردىن ھېسابلىنىدۇ. مۇسۇلمان كىشى دىندا پەرىز قىلىنغان ئىبادەتلەرنى، ئۇنىڭدىن باشقا نەپلە ئىبادەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغا يىقىنلىشىشى كېرەك، ھەر ۋاقىت ئاللاھ تائالانىڭ ئاتا قىلغان چەكسىز نېمەتلىرىگە رەھمەت ئېيتىپ شۈكىر قىلىشى، يىللارنىڭ، ئايلارنىڭ ۋە كۈنلەرنىڭئۆتىشى بىلەن تىنىنىڭ سالامەتلىكى، ئائىلە، بالا-چاقىلىرى ۋە مال-مۈلكىنىڭ ئامانلىق بولغانلىقىغا ئاللاھ تائالا چەكسىز مەدھىيە ئېيتىشى كېرەك". شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز، شەيخ سالىھ ئەلپەۋزان، شەيخ بەكىر ئەبۇ زەيد قاتارلىقلار. "دائىمى كومېتىت پەتىۋاسى"2-توم 260- 261-بەتلەر].

ئۇنىڭدىن باشقا شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز ۋە شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھنىڭ: "تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇراسىم ئۆتكۈزۈشنىڭ ھۆكمى" توغرىسىدىكى 1027- 26804-نومۇرلۇق سوئاللاردىكى جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھنىڭ: "ئانىلار بايرىمى" توغرىسىدىكى 59905- نومۇرلۇق سوئالدىكى جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

بىدئەت بايراملار توغرىسىدا ئومۇمى چۈشەنچەناملىق 10070-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى