پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئات چاپتۇرۇش (بەيگە) مۇسابىقىسىغا گۆرە قويۇشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

   ئات چاپتۇرۇش (بەيگە) مۇسابىقىسىغا گۆرە قويۇشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

     ئات چاپتۇرۇش مۇسابىقىسى توغرا بولىدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇسابىقە قىلىش پەقەت ئوقيا ئېتىش، تۆگە ۋە ئات چاپتۇرۇشتا بولىدۇ» تىرمىزى رىۋايىتى 1700-ھەدىس. نىسائىي رىۋايىتى3585-ھەدىس، ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 2574-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى 2878-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن. بەدەل ياكى مۇكاپاتلىق مۇسابىقە قىلسا توغرا بولىدۇ.

    بۇ ھەدىس ئات چاپتۇرۇش مۇسابىقىسىغا مال چېقىم قىلىشنىڭ توغرا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ مالنى ئىككى تەرەپنىڭ بىر چىقارسۇن ياكى ھەر ئىككى تەرەپ چىقارسۇن ياكى سىرتقى تەرەپ دۆلەت ياگى شەخسلەر چىقارسۇن توغرا بولىدۇ.

     بۇ كىشىلەرنىڭ مۇسابىقىدا ئۇتۇپ چىققان شەخس ياكى ئۇتۇپ چىققان ئاتقا گۆرۈگە قويۇشىغا ئوخشىمايدۇ، بۇنداق قىلىش قىمار بولۇپ چەكلىنىدۇ، بۇنىڭ شەرىئەت دۇرۇس دەپ يولغا قويغان مۇسابىقە بىلەن  ھېچ ئالاقىسى يوق.

    ئۇتۇپ چىققان شەخس ياكى ئاتقا گۆرۈگە قويۇش نۇرغۇن رايون-شەھەرلەردە كەڭ تارقالغان ھارام ئىش بولۇپ، نۇرغۇن ماللار زايە بولغان ۋە كۆپ بايلىقلار چېچىلىپ كەتكەن.

    شېركەتنىڭ فۇندىدا گۆرەگە ھارام بولغان ماللار قويۇلىدىكەن، بۇ فۇندىدا خىزمەت قىلىش توغرا بولمايدۇ، بۇ يەردە خىزمەت قىلىش بولسا ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان ۋە ھاراق بىلەن بىرگە كەلتۈرگەن قىمارغا ياردەم بەرگەنلىك ھېسابلىنىدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا إِنَّمَا الْخَمْرُ وَالْمَيْسِرُ وَالْأَنْصَابُ وَالْأَزْلَامُ رِجْسٌ مِنْ عَمَلِ الشَّيْطَانِ فَاجْتَنِبُوهُ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ  تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، بۇتلار (يەنى چوقۇنۇش ئۈچۈن تىكلەنگەن تاشلار) غا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش شەيتاننىڭ ئىشى، پاسكىنا قىلىقلاردۇر، بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراق بولۇڭلار.» [سۈرە مائىدە 90-ئايەت].

    شەيخ ئابدۇلمەجىد سەلىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ھازىر ئۆتكۈزىلىۋاتقان گۆرۈگە قويۇش مەيلى ئات چاپتۇرۇش مۇسابىقىسىگە بولسۇن ياكى باشقا تۈرلەرگە گۆرۈگە قويۇش بولسۇن شەرىئەت ھارام قىلغان قىماردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنى توغرا دەيدىغانغا ھېچ بىر دەلىل يوق، بەلكى بىز بايان قىلغان ئايەتلەر ئۇنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ھەقىقەتەن شەرىئەت ھازىر مەۋجۇت بولغان گۆرەنىڭ ھەممە تۈرلىرىنى ئۆز ئېچىگە ئالغان قىمارنى ھارام قىلدى، بۇنىڭدىن بىز ھەر كۈنى نۇرغۇن بۇزۇقچىلىقلارنىڭ شەكىللىنىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز.

    گۆرۈگە قويغۇچىلارنىڭ نۇرغۇن ماللىرى زايە بولۇپ كېتىۋاتىدۇ، نې ئېسىل ئائىلىلەر ۋەيران بولاۋاتىدۇ، بۇ قىماۋازلارنىڭ كۆپ قىسمى ئوغۇرلۇق، بۇلاڭچىلىق ۋە قويمىچىلىق دېگەندەك تۈرلۈك جىنايەتلەرنى شەكىللەندۈرمەكتە، ھەتتا بەزىلىرى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدۇ، مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان قىمارغا ئېلىپ بارىدىغان ئىشلارغا قارىغان كىشىنىڭ ئاللاھنىڭ پەزلى، رەھمىتى ۋە ئاجايىپ ھېكمىتى بىلەن قىمارنى بەندىلەرگە ھارام قىلغانلىقىغا ئىمانى زىيادە بولىدۇ. شۇنىڭدەك ئاللاھ تائالا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان زىيان ۋە بۇزغۇنچىلىق كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن ھارام قىلدى. ["ئەزھەر پەتىۋالىرى" .

     دائىمىي كومىتېت پەتىۋا بۆلىمى ئالىملىرىدىن : بىزنىڭ ئارىمىزدا بىر بۆلۈك كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار ئوتتۇرا شەرق گېزىتى تەرىپىدىن چىقىرىلىدىغان تەنتەربىيە ژۇرنىلىنى سېتىۋالىدۇ، ئۇنىڭدىن بولغان مەقسەت:  ئات چاپتۇرۇش مۇسابىقىسىغا خاس بولغان تالونلارنى تولدۇرۇش ۋە ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىدە ئۇتۇق قازىنىدىغان ئاينى بېكىتىش، ئۇلار مۇكاپاتقا ئېرىشىش مەقسىتىدە بىر قانچە ژۇرنالدىن نۇرغۇن تالونلارنى تولدۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن مالنى زىيان تارتىدۇ، بۇ توغرىدا سىلەرنىڭ پەتىۋا بېرىشىڭلارنى سورايمىز، بىز ئاشۇ كىشىلەرگە بۇ ئىش توغرىسىدىكى شەرئى ھۆكۈمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن سىلەرنىڭ بۇ توغرىدىكى پەتىۋايىڭلارغا بەك ئېھتىياجلىق؟.  ئاللاھ سىلەرنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن، بىلىمىڭلار بىلەن مۇسۇلمانلارغا  مەنپەئەت بەرسۇن؟ دەپ سورالغاندا ، ئۇلار مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: " بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس، چۈنكى بۇ قىمارنىڭ تەركىبىگە كىرىدىغان ھارام بولغان گۆرەگە قويۇش ھېسابلىنىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا إِنَّمَا الْخَمْرُ وَالْمَيْسِرُ وَالْأَنْصَابُ وَالْأَزْلَامُ رِجْسٌ مِنْ عَمَلِ الشَّيْطَانِ فَاجْتَنِبُوهُ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ ‏ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، بۇتلار (يەنى چوقۇنۇش ئۈچۈن تىكلەنگەن تاشلار) غا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش شەيتاننىڭ ئىشى، پاسكىنا قىلىقلاردۇر، بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراق بولۇڭلار .» [سۈرە مائىدە 90 -ئايەت .

    ئۇ كىشىگە بېرىدىغان جاۋابىمىز، بۇ بولسا كىشىلەرنىڭ مال-مۈلكىنى ھەقسىز يېۋېلىشتىن ئىبارەتتۇر.  ئاللاھ تائالا مۇۋەپپەق قىلسۇن، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن".

   پەتىۋادا: شەيخ ئابدۇل ئەزىز بىن ئابدۇللاھ بىن باز، شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئالى شەيخ، شەيخ ئابدۇللاھ غۇدەييان، شەيخ سالىھ پوۋزان ۋە شەيخ بەكىر ئەبۇ زەيد قاتارلىقلار. "دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" 15 -توم 224 -بەت.]

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى