شەنبە 23 رەبىئۇسسانى 1446 - 26 ئۆكتەبىر 2024
Uygur

ئىستىخارە نامىزى توغرىسىدا

سۇئال

ئىستىخارە نامىزى توغرىسىدا كۆپرەك مەلۇمات ئېلىشنى خالايمەن، قايسى ئايەتنى ئوقۇيمەن، قايسى دۇئانى ئوقۇيمەن، قانچە رەكەت ئوقۇيمەن، بۇنىڭ ئەجىر-ساۋابى قانداق بولىدۇ؟، بۇ ناماز ھەنبەلى، شاپىئى ۋە ھەنەپى مەزھەپلىرىدە ئوخشاش ئادا قىلىنامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

قىسقىچە جاۋاپ

ئىستىخارە نامىزى بىر ئىشنى قىلىشنى مەقسەت قىلىپ بۇنىڭدا ئىككىلىنىپ قالغان كىشى ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى بىلەن يولغا قويۇلغان، بۇنىڭ يولغا قويۇلىشىدىكى ھېكمەت بولسا ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇش، تېڭىرقاش ۋە ئەتراپقا قاراپ قىلىشتىن قۇتۇلۇپ ئاللاھ تائالاغا يۈزلىنىشتۇر. تۆت مەزھەپ ئۆلىمالىرى: ئىنسان بىر ئىشتا ئىككىلىنىپ توغرا يۆلۈنۈشنى بىلەلمىگەندە ئىستىخارە نامىزىنى قىلىشقا ئىتتىپاققا كەلگەن بولۇپ، دۇئا نامازدىن كېيىن بولىدۇ، بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىسنىڭ تەقەززاسىغا مۇۋاپىقتۇر.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ياخشىلىقتا ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى، سالامى ۋە بەرىكىتى بولسۇن.

ئىستىخارە نامىزى بىر ئىشنى قىلىشنى مەقسەت قىلىپ بۇنىڭدا ئىككىلىنىپ قالغان كىشى ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى بىلەن يولغا قويۇلغان، ئىستىخارە نامىزى توغرىسىدىكى سۆزىمىز سەككىز نۇقتا ئارىسىدا بولىدۇ، بۇلار:

1-ئىستىخارە نامىزىنى بىلىش. 2-ھۆكمىنى بىلىش. 3-ئۇنىڭ يولغا قويۇلىشىدىكى ھېكمەتنى بىلىش. 4-ئۇنىڭ سەۋەبىنى بىلىش. 5- ئىستىخارە نامىزى قىلىدىغان ۋاقىتنى بىلىش. 6- ئىستىخارە قىلىشتىن ئىلگىرى مەسلىھەت قىلىش. 7- ئىستىخارە نامىزىدا ئوقۇلىدىغان ئايەتلەرنى بىلىش. 8- ئىستىخارە نامىزىنىڭ ئورنىنى بىلىش.

   ئىستىخارە نامىزىنى  بىلىش.

ئىستىخارە دېگەن لۇغەتتە: بىر ئىشتا ياخشىنى تەلەپ قىلىش. شەرئى ئاتالغۇدا: ئاللاھدىن ياخشىنى تەلەپ قىلساڭ، ساڭا ياخشىنى بېرىدۇ دېيىلىدۇ، شىنى خدىنى ئالىملارنىڭ ئاتالغۇسىدا: ياخشىنى تەلەپ قىلىش يەنى: ھىممىتىنى ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ياخشى بولغان نەرسىنى تەلەپ قىلىشقا توغرىلاش بولۇپ، بۇ ئەڭ ياخشى يولدۇر. ناماز؛ ئىستىخارە توغرىسىدا كەلگەن دۇئالار بىلەن بولىدۇ.

ئىستىخارىنىڭ ھۆكمى.

ئالىم-ئۆلىمالار ئىستىخارە قىلىشنىڭ سۈننەت ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كېلىپ، بۇنىڭ سۈننەتتىن بولغان دەلىلىنى كەلتۈردى. جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە ئىشلىرىمىزنىڭ ھەممىسىدە ئىستىخارە قىلىشنى قۇرئان سۈرىلىرىنى تەلىم بەرگەندەك تەلىم بەرگەن. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار بىر ئىشنى قىلماقچى بولسا، ئالدى بىلەن ئىككى رەكەت نەپلە ناماز ئادا قىلىپ ئاندىن مۇنداق دېسۇن: ئى ئاللاھ! مەن سېنىڭ چەكسىز ئىلمىڭغا سېغىنىپ سېلىدىن ياخشىلىق سورايمەن، سېنىڭ تەڭداشسىز قۇدىرتىڭگە سېغىنىپ، سەندىن كۈچ-قۇۋۋەت سورايمەن، سېنىڭ ئۇلۇغ پەزلىڭدىن سورايمەن، سەن ھەر نەرسىگە قادىرسەن، مەن ئاجىزمەن، سەن ھەممىنى بىلىسەن، مەن بىلمەيمەن، سەن ھەممە غەيىپلەرنى بىلگۈچىسەن. ئى ئاللاھ! مېنىڭ بۇ  ئىشىم (ھاجىتىنى سورايدۇ)مېنىڭ دىنىم، دۇنيالىق ئىشلىرىم ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلىرىمدا ياكى ھازىردا ۋە كىلىچىكىمدە مەن ئۈچۈن ياخشى بولسا، ئۇنى قىلىشنى ماڭا تەقدىر قىلغىن، ئۇنى ماڭا ئاسان قىلىغىن، ئاندىن ئۇ ئىشتا ماڭا بەرىكەت ئاتا قىلغىن. ئى ئاللاھ! ئەگەر بۇ ئىش مېنىڭ دىنىم، دۇنيالىق ئىشلىرىم ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلىرىمدا ياكى ھازىردا ۋە كىلىچىكىمدە مەن ئۈچۈن زىيانلىق بولسا، ئۇ ئىشنى مەندىن يېراق قىلغىن، مېنى ئۇ ئىشتىن يېراق قىلغىن، نەدە بولسام ماڭا ياخشىلىقنى تەقدىر قىلغىن، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن مەندىن رازى بولغىن». [بۇخارى رىۋايىتى1166-ھەدىس].

 ئىستىخارە نامىزىنىڭ يولغا قويۇلىشىدىكى ھېكمەت.

بۇنىڭ يولغا قويۇلىشىدىكى ھېكمەت بولسا ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇش، تېڭىرقاش ۋە ئەتراپقا قاراپ قىلىشتىن قۇتۇلۇپ دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىنى جۇغلاش ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا يۈزلىنىشتۇر. ئىنسان بۇ ئىشتا پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى بولغان ئاللاھنىڭ ئېشىكىنى قېقىشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ناماز ۋە دۇئادىنمۇ ئۈنۈملۈك بىر ئىش يوق، ناماز بىلەن دۇئادا ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاش، مەدھىيلەش، ئاغزاكى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئاللاھغا ئىلتىجا قىلىش ئاندىن ئىستىخارە قىلىپ بولۇپ ئۇنىڭدىن دىلى ئېچىلغان، قەلبى راھەت بولغان ئىشنى قىلىشتۇر.

ئىستىخارىنىڭ سەۋەبى.

ئىستىخارە قىلىدىغان ئىشنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا: تۆت مەزھەپ ئالىملىرى شۇنىڭغا ئىتتىپاق كەلدىكى: ئىنسان ئىنسان توغرا يۆلىنىشنى تاپالمىغان ئىشتا ئىستىخارە قىلىدۇ، قىلماقچى بولغان ئىشى ئىبادەت، ياخشى ئىشلارنى قىلىش، گۇناھ-مەسىيەت ۋە مۇنكەر دېگەندەك ياخشىلىقىمۇ ئېنىق ۋە يامانلىقىمۇ ئېنىق بولغان ئىشلاردا ئىستىخارە قىلىشقا ھاجەت بولمايدۇ، لېكىن مۇشۇ يىلدا ھەج قىلىشقا ئوخشاش ۋاقىتقا مۇناسىۋەتلىك ئىبادەت بولسا، ئەتراپىنىڭ تىنىچسىز بولماقلىقى، پىتنە بولماقلىقى قاتارلىق ئەھۋاللاردا ۋە كىملەر بىلەن سەپەرداش بولۇش دېگەندەك ئىشلاردا ئىستىخارە قىلسا بولىدۇ. شۇنىڭغا ئاساسەن: پەرز، ۋاجىپ، ھارام، مەكرۇھ ئىشلاردا ئىستىخارىغا ئورۇن بولمايدۇ. ھەقىقەتەن ئىستىخار قىلىش دېگەن توغرا ۋە دۇرۇس ئىشلاردا بولىدۇ، ئەسلى توغرا بولغان ئىشتا ئىستىخارە قىلىنمايدۇ. ھەقىقەتەن ئىستىخارە دېگەن توغرا بولغان ئىككى ئىشنىڭ قايسىسىنى قىلىشتا ئىككىلىنىپ قالغاندا، ئۇنىڭ قايسىسىنى باشتا قىلىدۇ؟ قايسىسىنى قىلمايدۇ؟ دەپ ئىستىخارە قىلسا بولىدۇ.

ئەمما دۇرۇس ئىشلاردا ئىستىخارە قىلسا بولىدۇ.

   ئىستىخارىنى قاچان باشلايدۇ؟.

ئىستىخارە قىلغۇچىنىڭ زېھنى خالى بولىشى، مۇئەييەن بىر ئىشنى قىلىش ئىرادىسىگە كەلمىگەن بولىشى كېرەك. ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «بىر ئىشنى مەقسەت قىلسا» دېگەن، ئىستىخارە دېگەن دىلىغا تۇنجى قېتىم بىر ئىش كەلگەندە بولىدۇ، ئۇ كىشى ئۈچۈن دۇئا ۋە نامازنىڭ بەرىكىتى بىلەن ياخشى بولغان ئىش ئاشكارا بولىدۇ، ئەمما بىر كىشىنىڭ نەزىرىدە ئىش بېكىتىلگەن، ئۇنىڭ قىلىش ئىرادىسى ۋە كەسكىنلىكى كۈچەيگەن، كۆڭلى ئۇنىڭغا مايىل بولغان، ئۇنى قىلىشنى ياخشى كۆرگەن ۋە كەسكىن ئىرادە قىلغان ئىشقا بولغان مايىللىقى كۈچلۈك بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئۇ ئىشنىڭ توغرا تەرىپىنى بىلەلمەسلىكتىن ئەنسىرىسە ئىستىخارە قىلسا بولىدۇ.

ئىستىخارە دېگەن كۆڭلىدە كەسكىن قىلىش ئىرادىسى بولغان ئىش ئۈچۈن قىلىنىدۇ، ئادەتتە كۆڭلىگە كەلگەن، ئېتىبارغا ئېلىنمايدىغان ئىشلار ئۈچۈن ئىستىخارە قىلىش بولسا ۋاقىتنى زايە قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

 ئىستىخارە قىلىشتىن ئىلگىرى مەسلىھەت قىلىش.

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “ئىستىخارە قىلىشتىن ئىلگىرى تەجرىبىلىك، كۆيۈمچان، شەپقەتلىك، دىندار، ئىلىم-مەرىپەتلىك ياخشى كىشىلەردىن مەسلىھەت ئىلىش مۇستەھەپ بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَشَاوِرْهُمْ فِي الْأَمْرِ ‏تەرجىمىسى: «ئىشتا ئۇلار بىلەن مەسلىھەت قىلغىن»، مەسلىھەت سورىسا، ئۇ ئىشنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكى نامايەندە بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھدىن ئۇنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئىبنى ھەجەر ھەيسەمى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:”ئىككىلىنىشكە دۈچ كەلگەندە ئىستىخارە قىلىشتىن ئىلگىرى مەسلىھەت قىلىش كېرەك، چۈنكى مەسلىھەت بەرگۈچىنىڭ سۆزىگە ئىشەنچ قىلىش بولسا ئوي-پىكىرلىرى بۇزۇلۇپ تۇرىدىغان ۋە دۇنيا نېسىۋىسى غالىپ كىلىدىغان نەپسىگە ئىشەنچ قىلىشتىن كۈچلۈكتۇر. ئەگەر كۆڭلى قانائەت تاپقان، ئىرادىسى راستچىل ۋە باشقا مەنپەئەتلەردىن خالى بولسا مەسلىھەت قىلماستىن ئىستىخارە قىلىش كېرەك.

   ئىستىخارە نامىزىدا ئوقۇلىدىغان ئايەتلەر.

ئىستىخارە نامىزىدا ئوقۇلىدىغان ئايەتلەر توغرىسىدا ئۈچ تۈرلۈك قاراش بار:

1-ھەنەپى، مالىكى ۋە شاپىئى مەزھەپ ئالىملىرى مۇنداق دەيدۇ: “ئىستىخارە نامىزىنىڭ بىرىنچى رەكىتىدە پاتىھە سۈرىسىدىن كېيىن كاپىرۇن سۈرىسىنى ئوقۇيدۇ، ئىككىنچى رەكەتتە ئىخلاس سۈرىسىنى ئوقۇيدۇ، ئىمام نەۋەۋىي بۇنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: “بۇ نامازدا ئۇ ئىككى سۈرىنى ئوقۇشتىن بولغان مەقسەت: ئىخلاس، قىزىقىش، سەمىمىيەت، ئىشلارنى ئاللاھقا تاپشۇرۇش، ئاجىزلىقىنى نامايەندە قىلىش قاتارلىقلارغا مۇناسىپ كېلىدۇ. ئۇ ئىككى سۈرىگە يەنە قۇرئاندىن ياخشىلىق زىكىر قىلىنغان ئايەتلەرنى زىيادە قىلسىمۇ دۇرۇس بولىدۇ.

2-بەزى سەلەپ ئالىملىرى ئىستىخارە نامىزىدا پاتىھە سۈرىسىدىن كېيىن بىرىنچى رەكەتتە ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتىنى زىيادە قىلىشنى ياخشى دەپ قارىدى: مَا كَانَ لَهُمْ الْخِيَرَةُ سُبْحَانَ اللَّهِ وَتَعَالَى عَمَّا يُشْرِكُونَ. وَرَبُّك يَعْلَمُ مَا تُكِنُّ صُدُورُهُمْ وَمَا يُعْلِنُونَ. وَهُوَ اللَّهُ لا إلَهَ إلا هُوَ لَهُ الْحَمْدُ فِي الْأُولَى وَالْآخِرَةِ وَلَهُ الْحُكْمُ وَإِلَيْهِ تُرْجَعُونَ تەرجىمىسى: «ئاللاھ (مەخلۇقاتىدىن) خالىغىنىنى يارىتىدۇ، خالىغان ئادەمنى (پەيغەمبەرلىككە) تاللايدۇ، تاللاش ھوقۇقى ئۇلاردا ئەمەس. ئاللاھ پاكتۇر، ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەنلىرىدىن ئۈستۈندۇر، پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارنىڭ دىللىرىدا يوشۇرۇن تۇتقانلىرىنى ۋە (ئېغىزلىرىدا) دېگەنلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئۇ ئاللاھتۇر، ئۇنىڭدىن بۆلەك ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا مەنسۇپتۇر، ھۆكۈم چىقىرىش ئاللاھقا مەنسۇپتۇر، سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر» [سۈرە قەسەس 68-70-ئايەتكىچە].    ئىككىنچى رەكەتتە بولسا پاتىھە سۈرىسىدىن كېيىن ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتىنى ئوقۇيدۇ: وَمَا كَانَ لِمُؤْمِنٍ وَلا مُؤْمِنَةٍ إذَا قَضَى اللَّهُ وَرَسُولُهُ أَمْرًا أَنْ يَكُونَ لَهُمْ الْخِيَرَةُ مِنْ أَمْرِهِمْ وَمَنْ يَعْصِ اللَّهَ وَرَسُولَهُ فَقَدْ ضَلَّ ضَلالا مُبِينًا ‏ تەرجىمىسى: «ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغان چاغدا، ئەر ـ ئايال مۆمىنلەرنىڭ ئۆز ئىشىدا ئىختىيارلىقى بولمايدۇ (يەنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغان ئىكەن، ھېچ ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشىغا بولمايدۇ)، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلسا، ھەقىقەتەن ئۇ ئوپئوچۇق ئازغان بولىدۇ» [سۈرە ئەھزاپ 36-ئايەت].

3-ئەمما ھەنبەلى مەزھىبىدىكى ئالىملار ۋە باشقا پىقھى ئالىملىرى: ئىستىخارە نامىزىدا مۇئەييەن سۈرىنى قىرائەت قىلىش توغرىسىدا سۆز قىلمىدى.

  ئىستىخارە نامىزىنىڭ ئورنى.

ھەنەپى، مالىكى، شاپىئى ۋە ھەنبەلى مەزھەپ ئالىملىرى مۇنداق دەيدۇ: “دۇئا نامازدىن كېيىن بولىدۇ، بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان ھەدىسنىڭ تەقەززاسىغا مۇۋاپىقتۇر.[“پىقھى توپلاملىرى” 3-توم 241-بەت].

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ “چوڭ پەتىۋالار توپلىمى” 2-توم 265-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: “ئىستىخارە نامىزىدا دۇئا قىلىش مەسىلىسىدە، دۇئانى نامازنىڭ ئىچىدە قىلامدۇ ياكى نامازدىن سالام بەرگەندىن كېيىن قىلامدۇ؟ دېگەن سوئالغا جاۋاپ: ئىستىخارە نامىزىدا دۇئا قىلىش دۇرۇس بولىدۇ، بەزىلەر: سالامدىن ئىلگىرىمۇ ۋە كېيىنمۇ بولىدۇ دېگەن، سالامدىن ئىلگىرى دۇئا قىلىش ئەۋزەلدۇر، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سالامدىن بۇرۇن دۇئانى كۆپ قىلاتتى، ناماز ئادا قىلغۇچى دېگەن سالامدىن ئىلگىرى نامازدىن چىقمىغان بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا دۇئا قىلىش ياخشى بولىدۇ”.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى