پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

سۈنئى تىرناق بىلەن تاھارەت ئېلىش ۋە بۇنىڭ بىلەن ناماز ئادا قىلىش توغرىسىدا

سۇئال

   جىسىمدىكى كالتۇسىيۇم ماددىسىنىڭ ئازلىقى سەۋەبىدىن يېڭىدىن تىرناق چىقمىغانلىقى ئۈچۈن كېسىلگەن تىرناقنىڭ ئورنىغا دائىم قولدا تۇرىدىغان سۈنئى تىرناق قويۇش بىلەن تاھارەت ئىلىپ، ناماز ئادا قىلسا توغرا بولامدۇ؟.  بۇ  ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    جىسىمدىكى كالتۇسىيۇم ماددىسىنىڭ ئازلىقى سەۋەبىدىن يېڭىدىن تىرناق چىقمىغانلىقى ئۈچۈن كېسىلگەن تىرناقنىڭ ئورنىغا دائىم قولدا تۇرىدىغان سۈنئى تىرناق قويسا بولىدۇ. ئەمما زىننەت ئۈچۈن بولسا توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا 21724 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    بۇ تىرناقلار بىلەن ناماز ئادا قىلسا بولىدۇ، لېكىن تاھارەت ئالغاندا  ۋە يۇيۇنغاندا ئۇنىڭ ئاستىغا سۇ يېتىشى ئۈچۈن ئۇنى ئېلىۋېتىش شەرت قىلىنىدۇ.

    دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى5 -توم218 - بەتتە مۇنداق كەلگەن: "سۈركىگەن سىرنىڭ تىرناقنىڭ ئۈستىدە ۋەزنى بولسا، تاھارەت ئېلىشتىن بۇرۇن ئۇنى ئېلىۋەتمىسە تاھارەت دۇرۇس بولمايدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ۋەزنى بولمىسا، بۇ خېنىگە ئوخشاش بولسا بۇنىڭ بىلەن تاھارەت دۇرۇس بولىدۇ،".

بۇ سىر بىلەن بولغاندا شۇنداق، سۈنئى تىرناق دېگەننى ئەلۋەتتە ئېلىۋېتىشقا بولىدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

ئۇنىڭغا ئالاقىدار تىمىلار