پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

تىببى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە تۇغماس چىقسا، ئەمما داۋالانسا ساقىيىش ئېھتىماللىقى بار بولسا، بۇنى توي قىلىشنى تەلەپ قىلغان يىگىتكە دېيىشى كېرەكمۇ؟

سۇئال

   توي قىلىشقا پۈتۈشكەن ئارىلىقتا، دوختۇرغا كۆرۈنسەم، دوختۇر ماڭا: سىز تۇغماس ئىكەنسىز، لېكىن ھازىر بۇنىڭ ئىلاجى بار، داۋالانسىڭىز ئوڭشىلىسىز دېدى، مەن بۇ ئىشنى توي قىلىدىغان يىگىتكە چوقۇم دېيىشىم كېرەكمۇ ياكى بۇنى بىلدۈرمىسەممۇ بولامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

     تۇغماسلىق نىكاھتا ئەيىب ھېسابلىنامدۇ؟ دېگەن مەسىلىدە پىقھى ئالىملىرى ئىككى تۈرلۈك قاراشتا بولدى:

    بىرىنچى قاراش: كۆپچىلىك ئالىملار تۇغماسلىق نىكاھتا ئەيىب ھېسابلانمايدۇ دېدى. ئەمما ھەسەن بەسەرى رەھىمەھۇللاھ: تۇغماسلىقنى نىكاھنى ئەمەلدىن قالدۇرىۋېتىدىغان ئەيىپلەردىن ھېسابلىدى. ئىمام ئەھمەد: ئەر كىشى تۇغماس بولسا تويدىن بۇرۇن بۇ ئىشنى ئوچۇق بايان قىلىشى كېرەك بولىدۇ، دېدى.

    ئىككىنچى قاراش: ئەر-ئايالنى بىر-بىرىدىن يىراقلاشتۇرىدىغان، كۆيۈنۈش، مۇھەببەت قاتارلىق نىكاھتىن بولغان مەقسەت ھاسىل بولمايدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئەيىب بولۇپ، بۇ ئەر-ئايالنىڭ تاللاش ئىختىيارلىقىدىكى ئىشتۇر. بۇ قاراشنى ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ بېكىتكەن ۋە ئىسپاتلىغان، مۇشۇ دەۋرىدىكى ئىبنى ئۇسەيمىن قاتارلىق بىر قىسىم ئالىملارمۇ بۇ قاراشقا مۇۋاپىق كەلگەن. ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ: "مېنىڭ قارىشىمچە، تۇغماسلىق ئەر ۋە ياكى ئايال ئۈچۈن ئايرىلىپ كېتىش ئىختىيارلىقى بولغان ئەيىب ھېسابلىنىدۇ، دېگەن". 

   يەنە مۇنداق دەيدۇ: "توغرا بولغىنى، نىكاھتىن بولغان مەقسەتنى يوق قىلىۋېتىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئەيىب ھېسابلىنىدۇ، ھەقىقەتەن نىكاھنىڭ مۇھىم مەقسەتلىرىدىن: ئايالدىن خىزمەت، پەرزەنت قاتارلىق تەرەپلەردىن ھوزۇرلىنىشتۇر، ئەگەر بۇنىڭدىن چەكلىنىدىغان ئىش بولۇپ قالسا، ئۇ ئەيىب ھېسابلىنىدۇ، شۇنىڭغا ئاساسەن ئەر ياكى ئايال تۇغماس بولسا، بۇ ئەيىب ھېسابلىنىدۇ". ["شەرھىل مۇمتى."12-توم 220-بەت].

    بۇ قاراشنىڭ كۈچلۈك قاراش ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى دەلىللەر ئىلگىرى بايان قىلىندى، شۇنىڭدەك 43496 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىندى.

    111980- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدىمۇ، ئەيىب ياكى كېسەللىك تۇيۇقسىز بولۇپ قالغان بولسا، بۇ داۋالانسا ساقىيىدىغان ياكى ئاستا-ئاستا يوق بولىدىغان بولسا، بۇنى توي قىلىدىغان يىگىتكە دېيىش كېرەك بولمايدۇ. لېكىن تۇغماسلىقتىن ئىبارەت بۇ ئىشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى، پەرزەنتلىك بولۇشنىڭ نىكاھنىڭ ئاساسلىق مەقسەتلىرىدىن ئىكەنلىكىنى نەزەرگە ئالغاندا، ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى ئوچۇق ئاشكارا خەۋەر قىلىش زۆرۈر بولىدۇ.

    بۇ مەسىلىدە ئىنسان ئالدى بىلەن ئۆزىنى بۇ ئورۇنغا قويۇشى كېرەك، ئەگەر ئايالى تۇغماس بولۇپ بۇنى ئۇنىڭدىن يوشۇرسا ئۇ رازى بولمايدىغان بولسا، بۇ ئەيىب ھېسابلىنىدۇ، شۇنىڭدەك ئەر تۇغماس بولسىمۇ نۇنى ئايالىدىن يوشۇرماي ئوچۇق بايان قىلىش كېرەك. كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى ياقتۇرسا، ئۇ كىشىمۇ كىشىلەرگە شۇنداق مۇئامىلە قىلسۇن.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى