پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

رامزاننىڭ كۈندۈزدە جىنسى مۇناسىۋەت قىلىشقا ئالاقىدار بولغان ئالتە مەسىلە توغرىسىدا

سۇئال

ھەممەيلەنگە مەلۇملۇق، رامزاننىڭ كۈندۈزدە ئايالى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلغان كىشىنىڭ ھۆكمى: قۇل ئازاد قىلىش بۇنىڭغا قادىر بولالمىسا ئىككى ئاي ئۈزۈلدۈرمەي روزا تۇتۇش، بۇنىڭغا قادىر بولالمىسا ئاتمىش مىسكىنگە يېمەك بېرىشتىن ئىبارەتتۇر.

سوئال:

1-ئەگەر ئەر كىشى بىر قانچە كۈندە بىر قانچە قېتىم ئايالى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەتتە بولغان بولسا، ھەر كۈندە قىلغان جىنسى مۇناسىۋەتكە ئىككى ئايدىن روزا تۇتامدۇ ياكى بىر قانچە كۈن ئىچىدە قىلغان بىر قانچە قېتىملىق جىنسى مۇناسىۋەت ئۈچۈن ئىككى ئاي روزا تۇتسا كۇپايە قىلامدۇ؟.

2-ئەگەر رامزاندا كۈندۈزدە ئايالى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلغان كىشىگە يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھۆكۈملەرنىڭ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى بىلمەيدىكەن، پەقەت ھەر كۈندە ئايالى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەتتە بولسا، بۇنىڭ ئۈچۈن شۇ كۈنلۈك روزىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ دەپ بىلىدىكەن، بۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟.

3- بۇ مەسىلىدە جازا ئەر-ئايالغا ئوخشاش بولامدۇ؟.

4-ئاتمىش مىسكىنگە يېمەك بەرگەننىڭ ئورنىغا پۇل بەرسىمۇ توغرا بولامدۇ؟.

5-ئۆزى ۋە ئايالى ئۈچۈن بىر مىسكىنگە يېمەك بەرسىمۇ بولامدۇ؟.

6-ئەگەر يېمەك بېرىدىغان مىسكىننى تاپالمىسا، ھەر قايسى رايونلاردىكى خەيرىيەت ئورۇنلىرىغا يېمەكلىكنىڭ پۇلنى-قىممىتىنى ئەۋەتىپ بەرسىمۇ بولامدۇ؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى  ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

    روزا تۇتۇش پەرز بولغان كىشىلەر:

    بىرىنچى: ئۇ كىشى رامزاننىڭ كۈندۈزدە ئايالى بىلەن كۈندۈزدە بىر قېتىم ياكى بىر قانچە قېتىم جىنسى مۇناسىۋەت قىلغان بولسا، ئۇ كىشىگە بىر قېتىم كاپارەت بېرىش كېرەك بولىدۇ، ئەگەر بۇ كاپارەتنى ئادا قىلماي تۇرۇپ، يەنە باشقا كۈنلەردە كۈندۈزدە ئايالى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەتتە بولىدىكەن، جىنسى مۇناسىۋەت قىلغان ھەر بىر كۈنى ئۈچۈن بىردىن كاپارەت كېرەك بولىدۇ.

    ئىككىنچى: گەرچە ئۇ كىشى رامزاننىڭ كۈندۈزدە جىنسى مۇناسىۋەت قىلسا كاپارەت كېرەك بولىدىغانلىقىنى بىلمەستىن، ئايالى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلغان بولسىمۇ، جىنسى مۇناسىۋەت قىلغانلىقى ئۈچۈن كاپارەت كېرەك بولىدۇ.

   ئۈچىنچى: ئەگەر ئايالىمۇ ئېرىگە ماسلىشىپ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بولغان بولسا، ئايالىغىمۇ تولۇق كاپارەت كېرەك بولىدۇ، ئەمما ئايالى ئىختىيارسىز مەجبۇرلانغان بولسا، ئايالغا ھېچ نەرسە كېرەك بولمايدۇ.

    تۆتىنچى: يېمەكلىكنىڭ ئورنىغا پۇل بەرسە توغرا بولمايدۇ ۋە ئۇ كىشىدىن كاپارەت ئادا بولمايدۇ.

    بەشىنچى: ھەر كۈنلۈك كاپارەتكە ئۆزى ئۈچۈن بىر يېرىم كىلو ۋە ئايالى ئۈچۈن بىر يېرىم كىلودىن بىرنەرسە بەرسە توغرا بولىدۇ. بۇ ئاتمىش مىسكىندىن بىر مىسكىنگە بەرگەنلىك بولىدۇ-يەنى ياكى ھەر كۈنى مۇشۇ شەكىلدە بىر مىسكىنگە ئاتمىش كۈن يېمەك بېرىدۇ ياكى مۇشۇ مىقداردا ئاتمىش مىسكىنگە بىر قېتىم يېمەك بېرىدۇ.

    ئالتىنچى: كاپارەتنىڭ ھەممىسىنى بىر قېتىمدىلا بىر مىسكىنگە بېرىۋېتىش توغرا بولمايدۇ، شۇنىڭدەك كاپارەتنى خەيرىيەت ئورۇنلىرىغىمۇ بېرىشكە بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلار كاپارەتنى ئاتمىش مىسكىنگە تارقىتىپ بەرمەسلىكى مۇمكىن، مۇسۇلمان ئۆز ئۈستىدىكى كاپارەت ۋە باشقا مەسئۇلىيەتلەر بولسۇن ئۇنى ئەستايىدىل ئادا قىلىشقا تىرىشچانلىق قىلىشى كېرەك.

     ئاللاھ مۇۋەپپەق قىلسۇن. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

مەنبە: "سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات ۋە دىنى پەتىۋا كومىتېتى"10-توم 320-بەت