پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزاندىكى ئەھۋاللىرى

سۇئال

رامىزان ئېيى كېرىشى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇسۇلمانلارغا يەتكۈزىدىغان قانداق مۇھىم تەۋسىيەلەر بار؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھقا خاستۇر.

ئاللاھ تائالا رامزان ئېيى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: رامىزان ئېيىدا قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىدى، قۇرئان ئىنسانلارغا يېتەكچىدۇر، ھىدايەت قىلغۇچى ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەردۇر، سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا رامىزان روزىسىنى تۇتسۇن؛ كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە (يەنى مۇساپىر) بولۇپ (تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن. ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ، (ئاغزىڭلار ئوچۇق يۈرگەن كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلىش بىلەن رامىزان روزىسىنىڭ) سانىنى تولدۇرۇشۇڭلارنى، سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقىغا ئاللاھنى ئۇلۇغلىشىڭلارنى، (ئۇنىڭ ئىنئاملىرىغا) شۈكۈر قىلىشىڭلارنى خالايدۇ . بەقەرە سۈرىسى185-ئايەت. بۇ مۇبارەك ئاي تائەت-ئىبادەتنىڭ مەۋسۇمى، ياخشىلىق ۋە بەرىكەتكە تولغان بۈيۈك بىر ئايدۇر. بۇ ئاي ناھايىتى ئۇلۇغ، سېخىيلىققا تولغان ئايدۇر . بۇ ئايدا قىلىنغان ياخشىلىقلارغا ھەسسىلەپ ئەجىر بېرىلىدۇ. گۇناھ-مەسىيەتلەرگىمۇ ھەسسىلەپ جازا بېرىلىدۇ. بۇ ئايدا جەننەتنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىپ، دوزاخنىڭ ئىشىكلىرى ئېتىلىدۇ . گۇناھكار بەندىلەرنىڭ ئاللاھغا قىلغان سەمىمى تەۋبىسى قوبۇل قىلىنىدۇ.

بەرىكەت ۋە ياخشىلىققا تولغان بۇ مۇبارەك ئاي، ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىدىندۇر. سىلەرگىلا خاس قىلىنغان ۋە ياخشىلىققا ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن تۈرلۈك سەۋەپلەرنى نېمەت ۋە پەزىلەت قىلىپ بەرگەن رەببىڭلارغا كۆپ تەشەككۈر ئېيتىڭلار . بۇنىڭغا ئوخشىغان ئېسىل ۋاقىت، پەزىلەتلىك پەسىللەرنى غەنىمەت بىلىپ، تائەت-ئىبادەت قىلىش، چەكلەنگەن-ھارام ئىشلاردىن ساقلىنىش ئارقىلىق دۇنيادا پاكىزە ياشاش ئاخىرەتتە بەختكە ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىڭلار.

سەمىمى راستچىل مۇسۇلماننىڭ كۆزقارىشىدا ئايلارنىڭ ھەممىسى ئىبادەتنىڭ پەسلى، ھاياتىنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن بولسىمۇ، لېكىن رامزان ئېيىدا مۇسۇلماننىڭ ياخشىلىققا بولغان ئىرادىسى كۈچىيىدۇ، قەلبى ئىبادەتكە جۇش ئۇرىدۇ ۋ ە ئاللاھ تەرەپكە يۈزلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ چەكسىز پەزلى-مەرھەمىتى بىلەن روزا تۇتقۇچى مۆمىنلەرگە بۇ ئېسىل ئايدا نەچچە ھەسسە ساۋاپ بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرىگە ھېسابسىز مۇكاپات بېرىدۇ. بۇ ئاينىڭ كۈنلىرى ئۆتكەن كۈنلەرگە ئوخشىمايدۇ، بۇ مۇبارەك كۈنلەر ناھايىتى تىز ئاخىرلىشىپ گوياكى بىرقانچە مىنۇتتەك ھېس قىلىنىدۇ . ھەقىقەتەن بىز ئۆتكەن يىلى رامزاننى كۈتۈۋالغان ۋە كىيىن ۋىدالاشقان ئىدۇق، يەنە ھېچ قانچە ۋاقىت ئۆتمەستىن يەنە بىر رامزاننى كۈتۈۋالدۇق، بۇ ئۇلۇغ ئايدا ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ئالدىرىشىمىز ۋە بۇ ئاينى ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا تولدۇرۇشقا تىرىشىشىمىز، ئاللاھغا ئۇچراشقاندا بىزنى بەختكە ئېرىشتۈرىدىغان ئىشلار بىلەن تاماملىشىمىز كېرەك.

رامىزان ئېيىغا قانداق تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك؟

رامىزان ئېيىغا تەييارلىق قىلىش بولسا نەپسىنى مۇراجىئەت قىلىش، شاھادەت كەلىمىلىرىنىڭ تەقەززاسىنى تولۇق روياپقا چىقارمىغانلىقى ياكى پەرز ئەمەللەرنى تولۇق ئادا قىلغان- قىلمىغانلىقى ياكى شەھۋەتلىرىگە ئەگىشىپ شەكلىك ئىشلارنى تەرك قىلمىغانلىقىغا ئاساسەن ھېساب ئېلىش  بىلەن بولىدۇ.

مۇسۇلمان رامزاندا ئىماننىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدە بولىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ يۈرۈش-تۇرۇش، ئىش-ھەرىكەتلىرىنى توغرىلىشى كېرەك. ئىمان تائەت-ئىبادەت بىلەن زىيادە بولىدۇ، گۇناھ-مەسىيەت بىلەن كېمىيىدۇ. مۇسۇلماننىڭ روياپقا چىقىرىدىغان دەسلەپكى مەجبۇرىيىتى ئۆزىنىڭ يالغۇز بىر ئاللاھنىڭ بەندىسى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بولۇپ، ئۆز نەپسىدە ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچقانداق ھەقىقى ئىبادەت قىلىنغۇچىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بېكىتىشى، ئومۇمى ئىبادەتلەرنى پەقەت بىر ئاللاھ ئۈچۈنلا قىلىشى لازىم. ھەر بىر مۇسۇلمان ئۆزىگە يەتكەن پۈتۈن ئىشلار ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلىشى بىلەن بولغانلىقىغا ئىشەنچ قىلىشى كېرەك.

مۇسۇلماندىن، شاھادەت كەلىمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بۇزىدىغان بارلىق ئىشلاردىن چەكلىنىشى، دىندا يوق بولغان بىدئەت-خوراپاتلىقنى پەيدا قىلىشتىن ساقلىنىشى، مۇھەببەت-نەپرەت قارىشىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى تەقەززا قىلىنىدۇ. يەنى مۆمىنلەرنى ياخشى كۆرۈش-مۇھەببەت قىلىش، كاپىر-مۇناپىقلارنى ئۆچ كۆرۈش-نەپرەتلىنىش، مۇسۇلمانلارنىڭ غەلبىسىدىن خۇرسەن بولۇش، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلارغا ئەگىشىش، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن كىيىنكى توغرا يول تۇتقۇچى خەلىپىلەرنىڭ يولىدا مېڭىش، ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭغانلارنى ياخشى كۆرۈش، بۇ كىشىلەرنى ئۇلار قايسى رەڭدىن ۋە قايسى تۇپراقتىن بولىشىدىن قەتئىي نەزەر مۇداپىئە قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

مۇسۇلمان ئۆز نەپسىدىن تائەت-ئىبادەتلەرنى تولۇق ئادا قىلمىغانلىقىغا ئاساسەن ھېساب ئېلىشى كېرەك. ( يەنى بەش ۋاقىت نامازنى تولۇق جامائەت بىلەن ئادا قىلماسلىق، ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتمەسلىك، خولۇم-خوشنىلارنىڭ، ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ ۋە مۇسۇلمانچىلىقنىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلماسلىق، سالامنى ئاشكارا قىلماسلىق، ياخشىلىققا بۇيرۇپ-يامانلىقتىن چەكلىمەسلىك، ھەقىقەتكە تەۋسىيە قىلماسلىق، سەۋىرچانلىققا ئۈندىمەسلىك، يامانلىقتىن ساقلىنىپ، تائەت-ئىبادەت قىلماسلىق ۋە ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا سەۋرچانلىق بىلەن بويسۇنماسلىققا ئوخشىغان ئىشلاردىن ھېساب ئېلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ).

مۇسۇلمان نەپسىنى گۇناھ-مەسىيەت ئۆتكۈزگەنلىك، شەيتانى شەھۋەتلىرىگە ئەگەشكەنلىكىدىن ھېساب ئېلىپ، بۇنداق ئىشلارنى داۋاملاشتۇرۇشتىن چەكلىنىشى كېرەك.

گۇناھ-مەسىيەت چوڭ -كېچىك بولسۇن، كۆزنى ئاللاھ قاراشتىن چەكلىگەن نەرسىلەرگە قاراشتىن، قۇلاقنى چەكلەنگەن ناخشا-مۇزىكا، غەيۋەت-شىكايەتلەرنى ئاڭلاشتىن، پۇتنى ئاللاھ رازى بولمايدىغان يوللارغا مېڭىشتىن، قولنى ئاللاھ رازى بولمايدىغان نەرسىلەرنى تۇتۇشتىن، نەپسىنى ئاللاھ ھارام قىلغان جازانى يېيىش، پارا ئېلىش ياكى ئۇنىڭدىن باشقا كىشىلەرنىڭ مال-مۈلكىنى ناھەق ئىستىمال قىلىۋېلىشقا ئوخشىغان ئىشلاردىن چەكلىشى لازىم.

ئاللاھنىڭ كېچىدە خاتالىق سادىر قىلغۇچىلارنىڭ تەۋبە قىلىۋېلىشى ئۈچۈن كۈندۈزى رەھمەت قولىنى ئېچىپ تۇرىدىغانلىقى، كۈندۈزدە خاتالىق سادىر قىلغۇچىلارنىڭ تەۋبە قىلىۋېلىشى ئۈچۈن كېچىدە رەھمەت قولىنى ئېچىپ تۇرىدىغانلىقىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈشىمىز لازىم. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: سىلەرگە رەھمەت قىلىنىشى ئۈچۈن، ئاللاھ قا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار. پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە ۋە تەقۋادارلار ئۈچۈن تەييارلانغان، كەڭلىكى ئاسمان - زېمىنچە كېلىدىغان جەننەتكە ئالدىراڭلار. تەقۋادارلار كەڭچىلىكتىمۇ، قىسىنچىلىقتىمۇ ئاللاھ يولىدا (پۇل- مال) سەرپ قىلىدىغانلار، (ئۆچ ئېلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق) ئاچچىقىنى يۇتىدىغانلار، (يامانلىق قىلغان ياكى بوزەك قىلغان) كىشىلەرنى كەچۈرىدىغانلاردۇر. ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ . تەقۋادارلار يامان بىر گۇناھ قىلىپ قالسا ياكى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلسا ئاللاھ نى ياد ئېتىدۇ، گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، گۇناھنى كەچۈرىدىغان ئاللاھ تىن باشقا كىم بار؟ ئۇلار قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرمايدۇ . ئۇلارنىڭ (يەنى يۇقىرىقى خىسلەتلەرگە ئىگە كىشىلەرنىڭ) مۇكاپاتى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بولغان مەغپىرەت ۋە ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردۇر. بۇ يەرلەردە ئۇلار مەڭگۈ قالىدۇ. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئېرىشىدىغان ساۋابى نېمىدېگەن ياخشى! . سۈرە ئال-ئىمران132-133-134-135-136- ئايەتلەر. ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: « (ئى مۇھەممەد! مېنىڭ تىلىمدىن) ئېيتقىنكى، (گۇناھلارنى قىلىۋېرىپ) ئۆزلىرىگە جىنايەت قىلغان بەندىلىرىم! ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن (خالىغان ئادەمنىڭ) جىمى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر. سۈرە زۇمەر 53-ئايەت . ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: كىمكى بىرەر يامانلىق ياكى ئۆزىگە بىرەر زۇلۇم قىلىپ قويۇپ، ئاندىن ئاللاھ تىن مەغپىرەت تەلەپ قىلسا، ئۇ ئاللاھ نىڭ مەغپىرەت قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان ئىكەنلىكىنى كۆرىدۇ . سۈرە نىسا 110-ئايەت .

رامزاننى كۈتۈۋېلىشىمىز ئۈچۈن ئۆز نەپسىمىزدىن مۇشۇنداق ھېساب ئىلىپ، ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ كەچۈرۈم تەلەپ قىلىشىمىز كېرەك. ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇ ئېيتقاندەك: "ئەقىللىق كىشى ئۆز نەپسىدىن ھېساب ئېلىپ ئاخىرەت ئۈچۈن ئەمەل قىلىدۇ، نادان-جاھىل كىشى نەپسىنى ھاۋايى-ھەۋەسلىرىگە ئەگەشتۈرۈپ ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئارزۇ قىلىدۇ".

ھەقىقەتەن رامىزان ئېيى مەنىۋى ۋە روھانى پايدا-غەنىيمەتكە ئېرىشىدىغان مۇبارەك ئاي بولۇپ، ماھىر تىجارەتچى پايدىسىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن تىجارەت مەۋسۇملىرىنى چىڭ تۇتقانغا ئوخشاش، رامزاندىن ئىبارەت بەرىكەتلىك ئاينى كۆپ ئىبادەت قىلىش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، كىشىلەرنى ئەپۇ قىلىش، باشقىلارغا خەير-ئېھسان قىلىش، پېقىر-مىسكىنلەرگە سەدىقە قىلىشقا ئوخشىغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ئارقىلىق پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىشىمىز لازىم.

رامىزان ئېيىدا جەننەتنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ، دوزاخنىڭ ئىشىكلىرى ئېتىلىدۇ، شەيتانلارغا تاقاق-كىشەن سېلىنىدۇ، ھەر كېچىسى ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن بىر چاقىرغۇچى: "ياخشىلىقنى تەلەپ قىلغۇچى ياخشىلىققا يۈزلەنگىن، يامانلىقنى تەلەپ قىلغۇچى يامانلىقتىن قول ئۈزگىن دەپ نىدا قىلىدۇ".

مۇسۇلمان قېرىنداشلار! ئاللاھنىڭ ياخشى بەندىلىرىدىن بولۇش ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىپ، سەلەپ-سالىھلارنىڭ يولىدا ماڭساق، رامىزان ئېيىنى گۇناھلىرىمىز كەچۈرۈم قىلىنغان، ياخشى ئەمەللىرىمىز قوبۇل قىلىنغان ھالەتتە ئاخىرلاشتۇرىمىز.

بىلىڭلاركى رامىزان ئېيى ھەممە ئايلارنىڭ ياخشىسى ۋە ئەۋزىلىدۇر. بۇ ھەقتە ئىبنى قەييۇم رەھىمۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " ئاللاھ ياراتقان نەرسىلەرنىڭ ئارىسى پەزىلەت-شەرەپتە پەرقلىق بولغاندەك، رامىزان ئېيىمۇ باشقا ئايلاردىن پەرقلىق، ئاخىرقى ئون كېچىسىمۇ باشقا كېچىلەردىن پەزىلەت-شەرەپتە يۇقىرىدۇر". (زادۇل مىئاد 1-توم 56-بەت).

رامىزان ئېيىنىڭ باشقا ئايلاردىن بولغان ئارتۇقچىلىقى تۆت تۈرلۈك ئىشتا ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ:

1- رامزاندا شەبى قەدىر كېچىىسى بولۇپ بۇ كېچە يىلنىڭ باشقا كېچىلىرىدىن پەزىلەتلىكتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن شەبى قەدرىدە نازىل قىلدۇق . شەبى قەدرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟. شەبى قەدرى (شەرەپ ۋە پەزىلەتتە) مىڭ ئايدىن ئارتۇقتۇر. پەرىشتىلەر ۋە جىبرىئىل شۇ كېچىدە پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرى بىلەن (زېمىنغا ئاللاھ تەقدىر قىلغان) بارلىق ئىش ئۈچۈن چۈشىدۇ . شۇ كېچە تاڭ يورۇغانغا قەدەر پۈتۈنلەي تىنچ - ئامانلىقتىن ئىبارەتتۇر. قەدەر سۈرىسى . بۇ كېچىدە قىلىنغان ئىبادەت باشقا مىڭ ئايدا قىلغان ئىبادەتتىن ياخشى ۋە ئەۋزەلدۇر.

2- بۇ كېچىدە كىتابلارنىڭ ئەڭ ئالى ۋە تاكامۇللاشقىنى پەيغەمبەرلەرنىڭ سەردارىغا چۈشۈرۈلدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: رامىزان ئېيىدا قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىدى، قۇرئان ئىنسانلارغا يېتەكچىدۇر، ھىدايەت قىلغۇچى ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەردۇر سۈرە بەقەر 158-ئايەت. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: روشەن قۇرئان بىلەن قەسەم قىلىمەن. بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن مۇبارەك كېچىدە (يەنى شەبى قەدرى كېچىسىدە) نازىل قىلدۇق، بىز ھەقىقەتەن ئىنسانلارنى (قۇرئان بىلەن) ئاگاھلاندۇرغۇچى بولدۇق. ئۇ كېچىدە ھەر بىر ھېكمەتلىك (يەنى ھېكمەتنىڭ تەقەززاسى بويىچە قىلىنغان) ئىش (يەنى بەندىلەرنىڭ رىزقى، ئەجىلى ۋە باشقا ئەھۋالى) ئايرىلىدۇ . (شۇ كېچە تەقدىر قىلىنغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى) بىزنىڭ دەرگاھىمىزدىن بولغان ئىشتۇر، بىز ھەقىقەتەن (ئىنسانلارغا پەيغەمبەرلەرنى) ئەۋەتكۈچى بولدۇق . سۈرە دۇخان 2-3-4-5- ئايەتلەر». ۋاسىلە ئىبنى ئەسقەئ رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ سەھىپىلىرى رامزاننىڭ ئەۋۋىلىدە چۈشۈرۈلگەن، رامزاندىن ئالتە كۈن ئۆتكەندە تەۋرات چۈشۈرۈلگەن، ئون ئۈچ كۈن ئۆتكەندە ئىنجىل چۈشۈرۈلگەن، ئون سەككىز كۈن ئۆتكەندە زەبۇر چۈشۈرۈلگەن، قۇرئان-كەرىم رامزاندىن يىگىرمە تۆت كۈن ئۆتكەندە چۈشۈرۈلگەن. [ ئىمام ئەھمەد ۋ ە تەبەرانى رىۋايەت قىلغان. شەيخ ئالبانى سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى ناملىق ئەسىرىدە ياخشى ھەدىس دەپ كۆرسەتكەن ].

3-بۇ ئايدا جەننەتنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ. دوزاخنىڭ ئىشىكلىرى ئېتىلىدۇ. شەيتانلارغا تاقاق-كىشەن سېلىنىدۇ. ئەبى ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: رامزان ئېيى كىرگەندە جەننەتنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىپ، دوزاخنىڭ ئىشىكلىرى ئېتىلىدۇ، شەيتانلارغا تاقاق-كىشەن سېلىنىدۇ. [ بىرلىككە كەلگەن ھەدىس ].

ئەبى ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن: رامزان ئېيى كىرگەندە رەھمەتنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ، دوزاخنىڭ ئىشىكلىرى ئېتىلىدۇ، شەيتانلار زەنجىرلەر بىلەن باغلىنىدۇ. [ نەسائىي رىۋايەت قىلغان] .

ئىبنى خۇزەيمىنىڭ رىۋايىتىدە: رامزاننىڭ ئەۋۋەلقى كېچىسىدە شەيتانلارغا تاقاق-كىشەن سېلىنىدۇ، جىنلار قوغلىنىدۇ، دوزاخنىڭ ئىشىكلىرى ئېتىلىپ بىرىمۇ ئېچىلمايدۇ، جەننەتنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىپ بىرىمۇ يىپىلمايدۇ، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن بىر چاقىرغۇچى: ياخشىلىقنى تەلەپ قىلغۇچى ياخشىلىققا يۈزلەنگىن، گۇناھ مەسىيەتكە يۈزلەنگۈچى يامانلىقتىن قول ئۈزگىن دەپ نىدا قىلىدۇ . ئاللاھ ھەر كېچىسى نۇرغۇن كىشىلەرنى دوزاختىن ئازات قىلىدۇ. [ تىرمىزى ۋ ە ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان ].

ھازىرقى ۋاقىتتا رامزان ئېيىدىمۇ كۆپلىگەن يامانلىق ۋە گۇناھ-مەسىيەتلەرنىڭ يۈزبىرىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز، شەيتانلارغا زەنجىر-تاقاقلار سېلىنغاندىن كىيىن نېمە ئۈچۈن بۇ ئىشلار يۈزبىرىدۇ؟. بۇنىڭ جاۋابى: ھەقىقەتەن بۇنداق ئىشلار روزىنىڭ ئەدەپلىرىگە رىئايە قىلغان، شەرتلىرىنى ئېسىدە تۇتقان كىشىلەردىن ئاساسەن سادىر بولمايدۇ ياكى زەنجىر-تاقاقلار بىلەن قوغلاندى بولغان بەزى شەيتانلار باغلانسىمۇ بۇنىڭ ئىچىگە ھەممە شەيتانلار كىرمەيدۇ. بۇنىڭدىن مەقسەت قىلىنىدىغىنى بۇ ئايدا يامانلىق قىلغۇچىلار باشقا ئايلارغا نىسبەتەن ئازلاپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن شەيتانلارنىڭ ھەممىسى باغلىنىپ ھېچقانداق گۇناھ-مەسىيەت يامانلىق يۈز بەرمەيدۇ دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى بۇنىڭ يۈزبىرىشى شەيتانلاردىن باشقىمۇ پەسكەش كىشىلەر، ناچار ئادەتلەر ۋە ئىنسانىي شەيتانلارنىڭ سەۋەبلىرىدىن گۇناھ-مەسىيەت ۋە ناچار قىلمىشلار يۈز بېرىدۇ. (پەتھۇلقەدىر 4-توم 145-بەتكە قارالسۇن).

4- بۇ ئايدا قىلىنىدىغان ئىبادەتلەر كۆپ بولۇپ، روزا تۇتۇش، تەراۋىھ نامىزى ئوقۇش، ئىپتارلىق بېرىش، ئېتىكاپ قىلىش، سەدىقە قىلىش ۋە قۇرئان-كەرىمنى كۆپ ئوقۇش قاتارلىق بەزى ئىبادەتلەر باشقا ئايلاردا تېپىلمايدۇ . پەرۋەردىگارىمىز بولغان ئاللاھدىن ھەممەيلەننى بۇ مۇبارەك ئايغا مۇۋەپپەق قىلىشنى، روزا تۇتۇش، تەراۋىھ ئوقۇش، تائەت-ئىبادەتلەرنى قىلىش ۋە چەكلەنگەن ئىشلاردىن ساقلىنىشقا ياردەم بېرىشىنى سورايمىز.

ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا چەكسىز ماختاشلار بولسۇن.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى