سەيشەنبە 17 مۇھەررەم 1446 - 23 ئىيۇل 2024
Uygur

سەھۋەنلىك سەجدىسىنىڭ سەۋەبلىرى توغرىسىدا

سۇئال

   ناماز ئادا قىلغۇچى نامازدا سەھۋەنلىك سەجدىسىنى قاچان قىلىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

قىسقىچە جاۋاپ

نامازدا سەۋەنلىك سەجدىسىنىڭ سەۋەبلىرى ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ، ئۇ: زىيادە قىلىش، كام قىلىش ۋە شەك قىلىشتىن ئىبارەت. ئەگەر نامازنىڭ ۋاجىپلىرىدىن بىرەرسى تەرك قىلىنسا، سەۋەنلىك سەجدىسى سالامدىن بۇرۇن قىلىنىدۇ. ياكى نامازنىڭ رەكەتلىرىنىڭ سانىدا شەكلىنىپ قالسا، ئىككى تەرەپنىڭ بىرى كۈچلانمىسا شۇنىڭ بىلەن نامازدا زىيادىلىك بولسا، سەۋەنلىك سەجدىسى سالامدىن كېيىن قىلىنىدۇ، ياكى شەكلىنىپ، ئۇنىڭ قارىشىدا ئىككى تەرەپنىڭ بىرى كۈچلانغان بولسا يەنە سالامدىن كېيىن قىلىدۇ.

  بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

  -سەھۋەنلىك سەجدىسىنىڭ يولغا قويۇلىشى.

   ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە بولغان رەھمىتىدىن ۋە مۇشۇ دىننىڭ مۇكەممەل گۈزەللىكلىرىدىن ئاللاھ تائالا بەندىلىرى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىبادىتىگە كىرگەن ئۇنىڭدىن تامامەن ساقلىنىشقا قادىر بولالمايدىغان كەمچىللىك ۋە بوشلۇقنى ياكى نەپلە ئىبادەتلەر بىلەن ياكى تەۋبە ئىستىغپار بىلەن ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان ئىبادەتلەر بىلەن مۇكەممەل قىلىپ توشقۇزىدۇ.

   ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ نامازلىرىدا تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن كەمچىلىكنى توشقۇزۇش ئۈچۈن سەھۋەنلىك سەجدىسىنى يولغا قويدى، لېكىن ئۇ خاس ئىشلارنى تولۇقلاش ئۈچۈن يولغا قويۇلدى، بۇنىڭدىن نامازدا يۈز بەرگەن ھەر قانداق ئىشنىڭ سەۋەنلىك سەجدىسى بىلەن تولۇقلانمايدىغانلىقىنى ياكى ئۇنىڭغا سەھۋەنلىك سەجدىسى يولغا قويۇلمىغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز.

   سەھۋەنلىك سەجدىسىنىڭ سەۋەبلىرى:

   شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن سەھۋەنلىك سەجدىسىنىڭ سەۋەبلىرى توغرىسىدا سورالغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: نامازدىكى سەھۋەنلىك سەجدىسىنىڭ سەۋەبى ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ: زىيادە قىلىش، كام قىلىش ۋە شەك قىلىشتىن ئىبارەت.

   زىيادە قىلىش بولسا: ئىنسان نامازدا رۇكۇنى ياكى سەجدىنى ياكى قىيامدا تۇرۇشنى ياكى ئولتۇرۇشنى زىيادە قىلىدۇ.

   كام قىلىش بولسا: شۇنىڭغا ئوخشاش ئىنسان نامازدا بىر پەرزنى كام قىلىدۇ ياكى نامازنىڭ ۋاجىپلىرىدىن بىر ۋاجىپنى كام قىلىدۇ.

   شەك قىلىش بولسا: نامازنى ئۈچ رەكەت ئادا قىلدىمۇ ياكى تۆت رەكەت ئادا قىلدىمۇ بۇنىڭدا شەكلىنىپ قالىدۇ.

    نامازدا زىيادە قىلىشنىڭ شەكىللىرى:

   زىيادە قىلىش دېگەن: ئىنسان نامازدا رۇكۇنى ياكى سەجدىنى ياكى قىيامدا تۇرۇشنى ياكى ئولتۇرۇشنى قەستەن زىيادە قىلسا نامىزى باتىل بولىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى نامازنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ روسۇلى بۇيرىغان يولنىڭ غەيرىدە ئادا قىلدى. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئىبادەت ئىشلىرىدا بىز بۇيرىغان ئىشنىڭ غەيرىنى قىلىدىكەن ئۇنىڭ ئىشى رەت قىلىنىدۇ» [مۇسلىم رىۋايىتى1718-ھەدىس].

   ئەمما زىيادە قىلىش ئۇنتۇپ قىلىش يولى بىلەن بولغان بولسا ئۇ كىشىنىڭ نامىزى باتىل بولمايدۇ، لېكىن ئۇ كىشى نامازدىن سالام بېرىپ بولغاندىن كېيىن سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلىدۇ.

   بۇنىڭ دەلىلى: ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر قېتىم شام ياكى خۇپتەندە ياكى پېشىن ياكى ئەسىردە ئىككى رەكەت ئوقۇپ بولۇپ سالام بېرىۋەتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئىككى رەكەت ئوقۇغانلىقى ئەسلىتىلگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ نامازنىڭ قالغانلىرىنى ئادا قىلىپ بولۇپ سالام بەردى ئاندىن سالام بېرىپ بولغاندىن كېيىن سەھۋەنلىك ئۈچۈن ئىككى سەجدە قىلدى» [بۇخارى رىۋايىتى482-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى573-ھەدىس].

   ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پېشىن نامىزىنى بەش رەكەت ئوقۇدى، سالام بەرگەن ۋاقتىدا، ئۇنىڭغا: ناماز زىيادە قىلىندىمۇ؟ دېيىلگەندە، «نېمە گەپ بۇ؟» دېگەن ئېدى، ساھابىلار: بەش رەكەت ئوقۇلا دېدى، شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككى پۇتىنى جۈپلەپ قىبلىگە يۈزلىنىپ  سەۋەنلىك ئۈچۈن ئىككى سەجدە قىلدى». [بۇخارى رىۋايىتى572-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 404-ھەدىس].

  -نامازدا كەمچىللىك بولۇشنىڭ شەكىللىرى.

   كەمچىللىك دېگەن: ئىنسان نامازدا نامازنىڭ پەرزلىرىدىن بىرەرنى چالا ئادا قىلىدۇ، بۇ تۆۋەندىكى ھالەتلەردىن خالى بولمايدۇ:

    بۇنى چالا قويغانلىقىنى ئىككىنچى رەكەتتىن شۇ ئورۇنغا كېلىشتىن ئىلگىرى ئېسىگە ئالىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا ئۇ كىشى چالا قويغان پەرزگە قايتىپ ئۇنى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلارنى ئادا قىلىدۇ.

   ياكى چالا ئادا قىلغانلىقىنى ئېسىگە ئالمايدۇ، پەقەت ئىككىنچى رەكەت بىرىنچى رەكەتتىن چالا قالغان پەرزنىڭ ئورنىغا كەلگەندە ئېسىگە ئالىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا ئىككىنچى رەكەت بىرىنچى رەكەتتە چالا قويغان پەرزنىڭ ئورنىدا بولىدۇ، ئىككىنچى رەكەتنى قايتىدىن ئادا قىلىدۇ، بۇنداق ئىككى تۈرلۈك ھالەتتە سەھۋەنلىك سەجدىسى سالامدىن كېيىن بولىدۇ.

    بۇنىڭ مىسالى: بىر كىشى بىرىنچى رەكەتتە بىر سەجدە قىلغاندىن كېيىن ئولتۇرماستىن ۋە ئىككىنچى سەجدىنىمۇ قىلماستىن تۇرۇپ كېتىدۇ، قىرائەتنى باشلايدىغان ۋاقىتتا ئىككىنچى سەجدىنى قىلمىغانلىقىنى ۋە ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرمىغانلىقىنى ئېسىگە ئالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قايتىپ ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدىكى ئولتۇرۇشتا ئولتۇرۇپ ئاندىن ئىككىنچى سەجدىنى قىلىدۇ، ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ نامازنىڭ قالغانلىرىنى ئادا قىلىدۇ، سالامدىن كېيىن سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلىدۇ.

   چالا ئادا قىلغانلىقىنى پەقەت ئىككىنچى رەكەتتە بىرىنچى رەكەتتىن چالا قالغان پەرزنىڭ ئورنىغا كەلگەندە ئېسىگە ئالغاننىڭ مىسالى: بىرىنچى رەكەتتە بىرىنچى سەجدىنى قىلىپ ئىككىنچى سەجدىنى قىلماي تۇرۇپ كەتتى، ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدىمۇ ئولتۇرمىدى، لېكىن ئۇ كىشى بۇنى ئىككىنچى رەكەتتە ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرغاندا ئېسىگە ئالدى، بۇنداق ھالەتتە ئىككىنچى رەكەت ناماز بىرىنچى رەكەت نامازنىڭ ئورنىدا بولىدۇ، نامىزىغا بىر رەكەتنى زىيادە قىلىدۇ سالام بېرىپ بولغاندىن كېيىن سەھۋەنلىك سەجدىسىنى قىلىدۇ.

   نامازدا كەمچىللىك بولۇپ قالسا: ۋاجىپنى چالا قويۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى يەنە بىر ۋاجىپقا  يۆتكەلگەن بولسا، بۇنىڭ مىسالى: سۇبھانە رەببىيەل ئەئلا دېيىشنى ئۇنتۇپ قىلىپ بۇنىڭ سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرگەندىن كېيىن ئېسىگە ئالغان بولسا، بۇ ھالەتتە سەھۋەنلىكتىن نامازنىڭ ۋاجىپلىرىدىن بىر ۋاجىپنى تەرك قىلغان بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا نامىزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، سالام بېرىشتىن ئىلگىرى سەھۋەنلىك ئۈچۈن سەجدە قىلىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىرىنچى تەشەھھۇتنى تەرك قىلغان ۋاقىتتا قايتىپ ئولتۇرماي، نامىزىنى داۋاملاشتۇرۇپ سالامدىن ئىلگىرى سەھۋەنلىك ئۈچۈن سەجدە قىلغان.

   نامازدا شەكلىنىپ قالغانلىقنىڭ شەكلى:

   شەكلىنىش دېگەن: زىيادىلىك بىلەن كەمچىللىك ئارىسىدا ئىككىلىنىپ قىلىش. بۇنىڭ مىسالى: نامازنى ئۈچ رەكەت ئوقۇدىمۇ ياكى تۆت رەكەت ئوقۇدىمۇ بۇنىڭدا ئىككىلىنىپ قىلىشتۇر. بۇ مۇنداق ئىككى ھالەتتىن خالى بولمايدۇ:

   ئۇ كىشىنىڭ قارىشىدا ئىككى تەرەپنىڭ بىرى كۈچلىنىدۇ: زىيادىلىك ياكى كەمچىللىك، ئۇ كىشى نامىزىنى ئۆزىنىڭ قارىشىدا كۈچلۈك دېگەن قاراشقا ئاساسەن داۋام قىلىدۇ، سالامدىن كېيىن سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلىدۇ.

    ياكى ئۇ كىشنىڭ قارىشىدا ئىككى تەرەپنىڭ بىرى كۈچلانمايدۇ، ئۇ كىشى ئىشەنچكە ئاساسەن داۋام قىلىدۇ، ئىشەنچ دېگەن ئاز بولغان تەرىپى، شۇ بويۇنچە نامازنى تامام قىلىدۇ، سالامدىن ئىلگىرى سەۋەنلىك سەجدىسىنى قىلىدۇ.

   بۇنىڭ مىسالى: بىر كىشى پېشىن نامىزى ئوقۇپ شەكلىنىپ قالدى: ھازىر ئۈچىنچى رەكەتمۇ ياكى تۆتىنچى رەكەتمۇ؟ ئۇ كىشى ئۈچىنچى رەكەت ئىكەنلىكىنى جەزىم قىلدى، يەنە بىر رەكەت ئوقۇپ نامازنى ئادا قىلىپ سالام بېرىپ ئاندىن سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلىدۇ.

   ئىككى ئىش باراۋەر بولغاننىڭ مىسالى: بىر كىشى پېشىن نامىزى ئوقۇپ بۇ ئۈچىنچى رەكەتمۇ ياكى تۆتىنچى رەكەتمۇ؟ دەپ شەكلىنىپ قالدى، ئۈچ رەكەت ياكى تۆت رەكەت ئىكەنلىكىگە جەزىم قىلالمىدى، ئۇ كىشى نامىزىنى ئۇ ئىككىسىنىڭ ئازراقىغا جەزم قىلىپ ئۈچ رەكەت قىلىدۇ، يەنە بىر رەكەتنى ئوقۇپ بولۇپ سالامدىن بۇرۇن سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلىدۇ .

  سەھۋەنلىك سەجدىسىنىڭ ئورنى:

  بۇنىڭ بىلەن سەھۋەنلىك سەجدىسىنىڭ ئورنى ئېنىق بولدى، نامازنىڭ ۋاجىپلىرىدىن بىرەرنى تەرك قىلسا ياكى نامازنىڭ رەكئەتلىرىنىڭ سانىدا شەك قىلسا، قارىشىدا ئىككىسىنىڭ بىرى كۈچلۈك بولمىسا بۇنداق ھالەتتە سەھۋەنلىك سەجدىسى سالامدىن ئىلگىرى بولىدۇ.

   نامازدا بىرەر ھەرىكەتنى ياكى رەكەتنى زىيادە قىلسا، ياكى شەك قىلىپ، ئىككى ئىشنىڭ بىرى كۈچلۈك بولسا بۇ ۋاقىتتا سەھۋەنلىك سەجدىسى سالامدىن كېيىن بولىدۇ. [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن "پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 14-توم 14-46-بەت].

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى