پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

جىن چاپلاشقانلىق ياكى كۆز تەككەنلىك قانداق بىلىنىدۇ دېگەن مەسىلە توغرىسىدا

سۇئال

    ئىنسان ئۆزىگە جىن چاپلاشقانلىقنى ياكى كۆز تەگكەنلىكىنى قانداق بىلىدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

     شەرئى رۇقىيە ئوقۇش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كىشىلەر ئىنسانغا جىن چاپلاشقانلىقى ياكى كۆز تەگكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدىغان بىر قانچە ئىشلارنى بايان قىلىدۇ، بۇنىڭ ھەممىسى گۇمانى قاراش بولۇپ بەزى ھالەتتە بۇ ئىشلار پەرقلىق بولۇپ، بەزىدە ئېھتىماللىق يۇقىرى تۆۋەن بولىدۇ.

    ئەمما جىن چاپلاشقانلىقنىڭ ئالامىتى:

   1- قۇرئان تىلاۋېتى ۋە ئەزان ئاۋازىدىن يىراق بولۇش.

   2-ئۇ كىشىگە قۇرئان ئوقۇلسا ئېسىنى يوقۇتۇش، ھوشىدىن كېتىش، ئايلىنىپ كېتىش قاتارلىق ئىشلار يۈز بېرىدۇ.

  3 -بىئارام بولىدىغان چۈشلەرنى كۆپ كۆرۈش.

  4 - كىشىلەردىن ئايرىلىپ، يالغۇز تۇرۇش ۋە غەيرى ئىشلارنى قىلىش.

  5-ئۇ كىشىگە قۇرئان ئوقۇلسا ئۇنىڭغا ئېگىلىنىۋالغان شەيتان ئۇنىڭغا ماس كېلىدۇ.

    ئەمما كۆز تەككەنلىك توغرىسىدا شەيخ ئابدۇل ئەزىيز سەدھان مۇنداق دەيدۇ: "كۆز تەككەن كىشىنىڭ بەدىنىدە كېسەللىك بولمىسا بۇ كىشى ئاساسەن ئۆزىنىڭ مۇنۇ ھالىتىدە قالىدۇ: يۆتكىلىشچان باش ئاغرىقى، چىرايى ساغىرىپ قىلىش، كۆپ تەرلەش ۋە كىچىك تەرەت كۆپ بولۇش، ئېشتىھاسى تۇتۇلۇپ قىلىش، پۇت-قوللىرى جىمىرلايدىغان ياكى قېزىپ كېتىدىغان، بەدەن ئەتراپى سوۋۇپ كېتىدىغان، دېمى سىقىلىدىغان، ئىككى دولىسى ۋە دۈمبىسىنىڭ ئاستى ئاغرىيدىغان، ئېچى سىقىلىپ بەك بىئارام بولىدىغان، كېچىسى ئۇخلىيالمايدىغان، تەبىئىتىگە ماس كەلمىگەن ھالەتتە بەك قورقۇپ كېتىش، كۆپ كېكىرىش، كۆپ ئەسنەش ۋە كۆپ ئاھ ئۇرۇش، باشقىلاردىن ئايرىلىپ يالغۇزلۇقنى ياقتۇرۇش، چۈشكۈنلۈك، ھورۇنلۇق، ئۇيقۇغا مايىل بولۇش، ئۆزى بىلىدىغان تەبىئىي سەۋەبسىز سالامەتلىكى ياخشى بولماسلىق قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

    بەزى ۋاقىتلاردا  كۆز تەككەنلىك ۋە كۆزى تەككەنلەرنىڭ ئاز-كۆپلۈكى بويىچە بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ياكى بەزىسى تېپىلىدۇ" .  ["شەرئى رۇقىيە"  10 بەت"].

بۇ ھەقتە مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 240 -نومۇرلۇق سوئال جاۋابىغا قارالسۇن.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

ئۇنىڭغا ئالاقىدار تىمىلار