چارشەنبە 15 شەۋۋال 1445 - 24 ئاپرىل 2024
Uygur

ئىككى ھېيت-بايرامدا كىچىك بالىلارغا بايراملىق ھەدىيە بېرىش توغرىسىدا

سۇئال

بىز ئۆز ئادىتىمىز بويىچە يۇرتىمىزدا روزا ھېيت-قۇربان ھېيت كۈنلىرىدە ئۇلارنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن مەلۇم مىقداردا ھېيتلىق پۇل بېرىپ ئادەتلەنگەن، بۇ شەكىلدە ھېيتلىق بەرسەك توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بۇنداق قىلىش توغرا بولىدۇ، بەلكى بۇ گۈزەل ئادەت ھېسابلىنىدۇ، چوڭ بولسۇن ياكى كىچىك بولسۇن مۇسۇلمانلارنىڭ كۆڭلىگە خۇرسەنلىك كىرگۈزۈش ئىسلام شەرىئىتى قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن ياخشى ئىشلاردىن ھېسابلىنىدۇ.

     ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن. ["سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلىمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى". شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز، شەيخ ئابدۇلئەزىز ئالى شەيخ، شەيخ سالىھ پەۋزان ۋە شەيخ بەكر ئەبۇ زەيد قاتارلىقلار. "سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلىمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى پەتىۋاسى" 26-توم 247-بەت].

    ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى