شەنبە 18 شەۋۋال 1445 - 27 ئاپرىل 2024
Uygur

جۈمە نامىزىدا تەشەھھۇتقا ئۈلگۈرگەن كىشى نېمە قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا

سۇئال

  جۈمە نامىزىدا پەقەت تەشەھھۇتقا ئۈلگۈرگەن كىشى قانداق قىلىشى كېرەك؟، مۇسۇلمان كىشى بەزى ھالەتتە نامازغا كېلىشتىن چەكلەنسە ياكى يول قىستاڭچىلىقى ياكى ماشىنىنىڭ بىر يەرلىرى بۇزۇلۇش دېگەندەك، ئۆز ئىرادىسىدىن سىرت مەلۇم سەۋەبلەردىن نامازغا كېلەلمىسە بۇ ئىشتا ئۇ كىشىگە گۇناھ بولامدۇ؟، دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىتتا ئۇ كىشى ئېرىشىدىغان  ئەجىرنىڭ ھەممىسىنى يوقۇتۇپ قويامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    جۈمە نامىزىغا ئۈلگۈرۈش دېگەن ئىمام بىلەن بىر رەكەتكە ئۈلگۈرۈش بىلەن بولىدۇ، بىر رەكەتنى تېپىش دېگەن ئىمام بىلەن بىرگە رۇكۇغا ئۈلگۈرۈش دېمەكتۇر. ئەگەر ئىككىنچى رەكەتتە ئىمام رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرۈشتىن ئىلگىرى نامازغا كېرىپ رۇكۇ قىلىۋالسا جۈمە نامىزىغا ئۈلگۈرگەن بولىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا ئىمام سالام بېرىپ بولغاندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ ئۈلگۈرەلمىگەن بىر رەكەتنى ئادا قىلىپ نامىزىنى تاماملايدۇ.

    ئەمما ئىمام ئىككىنچى رەكەتتە رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن نامازغا كىرگەن بولسا جۈمە نامىزىغا ئۈلگۈرەلمىگەن بولدى، ئۇ ۋاقىتتا ئىمام سالام بېرىپ بولغاندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ تۆت رەكەت پېشىننىڭ پەرزىنى ئادا قىلىدۇ. بۇ ئىمام مالىك ۋە شافىئىي (ئاللاھ ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن) قاتارلىق كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر.  نەۋەۋىينىڭ"ئەلمەجمۇ" 4-توم 558-بەتكە قارالسۇن.

    ئۇلار بۇ سۆزىگە بىر قانچە دەلىللەرنى كەلتۈردى:

   1-پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جۈمە نامىزىدىن بىر رەكەتكە ئۈلگۈرگەن كىشى جۈمە نامىزىغا ئۈلگۈرگەن بولدى». ئىمام بۇخارى رىۋايىتى 580-ھەدىس. ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى607-ھەدىس].

   2-ئابدۇللاھ بىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جۈمە نامىزىدىن ياكى باشقا نامازلاردىن بىر رەكەتكە ئۈلگۈرگەن كىشى ئۇنىڭغا يەنە بىر رەكەتنى قېتىپ ئوقۇپ نامىزىنى تاماملىسۇن». [نەسائى رىۋايىتى، شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ ئىرۋائۇل غەلىل ناملىق ئەسەر 622-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن]. 

    ئىنسان ئۆز ئىرادىسىدىن سىرتقى سەۋەپلەر بىلەن -ماشىنا بۇزۇلۇپ قىلىش، ئۇخلاپ قىلىش ۋە ئۇنتۇپ قىلىش قاتارلىق ئۈزۈرلەر- نامازغا ئۈلگۈرەلمىسە، ئۇ ۋاقىتتا ئۇ كىشىگە گۇناھ بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ فِيمَا أَخْطَأْتُم بِهِ وَلَٰكِن مَّا تَعَمَّدَتْ قُلُوبُكُمْ ۚ وَكَانَ اللَّهُ غَفُورًا رَّحِيمًا تەرجىمىسى: «سىلەر سەۋەنلىكتىن قىلىپ سالغان ئىشلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن قەستەن قىلغان ئىشىڭلاردا (سىلەرگە گۇناھ بولىدۇ)، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر» [سۈرە ئەھزاپ 5-ئايەت].

    بۇنىڭغا ئوخشىغان ئىشلار نامازنى قەستەن زايە قىلىۋەتكەنلىك بولمايدۇ.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ خاتالىقتىن، ئۇنتۇپ قىلىشتىن ۋە مەجبۇرلىنىشتىن سادىر قىلغان خاتالىقلىرىنى ئەپۇ قىلىۋەتتى». [ئىبنى ماجە رىۋايىتى، شەيخ ئەلبانى سەھىس دەپ "ئىرۋائۇل غەلىل" ناملىق ئەسەر 82-نوۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن]. 

    مۇشۇنداق ھالەتتە ئۈزۈر بولمىسىمۇ نامازغا بولغان ئىرادىسىدە سەمىمىي، راستچىل بولىدىكەن ئۇ كىشىگە تولۇق ئەجىر بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئەمەللەر نىيەتكە ئاساسەن بولىدۇ، ھەر بىر كىشى ئۈچۈن نىيەت قىلغان نەرسىسى بولىدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى1-ھەدىس. مۇسلىم رىۋيىتى1907-ھەدىس].

   يەنە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تەبۇك غازىتىدىن قايتىپ كېلىۋېتىپ ساھابىلارغا مۇنداق دېگەن: «مەدىنىدە بىر تۈركۈم كىشىلەر بار، سىلەر بىرەر يول ياكى جىلغىلاردىن ئۆتسەڭلار ئۇلارمۇ ئەجىردە سىلەرگە شېرىك بولىدۇ، ئۇلارنى سىلەر بىلەن بىرگە چېقىشتىن كېسەللىك قاتارلىق ئۈزۈرلەر توختىتىپ قويدى». [مۇسلىم رىۋايىتى1911-ھەدىس].

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد