رامىزان ئېيىنىڭ كىرگەنلىكىنى تەبرىكلىسە دۇرۇس بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ رامىزان ئېيىنىڭ كېلىشى بىلەن ساھابىلارغا خۇشخەۋەر بېرەتتى، ئۇلارنى بۇ ئاينىڭ پەزىلىتىدىن تولۇق پايدىلىنىشقا تەۋسىيە قىلاتتى.
رامىزان كىرگەنلىكىنى تەبرىكلەشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا
سوئال: 12616
رامىزان ئېيىنىڭ كىرگەنلىكىنى تەبرىكلىسە دۇرۇس بولامدۇ ياكى بۇمۇ بىدئەت ھېسابلىنامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
قىسقىچە جاۋاپ
جاۋاپنىڭ تېكىستى
بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
رامىزان ئېيىنىڭ كىرگەنلىكىنى تەبرىكلىسە دۇرۇس بولىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ رامىزان ئېيىنىڭ كېلىشى بىلەن ساھابىلارغا خۇشخەۋەر بېرەتتى، ئۇلارنى بۇ ئايغا كۆڭۈل بۆلۈشكە قىزىقتۇراتتى. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرگە مۇبارەك رامىزان ئېيى يېتىپ كەلدى، ئاللاھ تائالا سىلەرگە ئۇ ئايدا روزا تۇتۇشنى پەرز قىلدى، بۇ ئايدا ئاسماننىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ، جەھەننەمنىڭ ئىشىكلىرى تاقىلىدۇ، ھەددىدىن ئاشقۇچى، سەركەش شەيتانلارغا زەنجىر-كىشەن سېلىنىدۇ، بۇ ئايدا قىلىنغان ئىبادەت پەزىلەتتە مىڭ ئايدىنمۇ ئارتۇق (يەنى پەزىلەتلىك كېچىدۇر)، بۇ كېچىنىڭ ياخشىلىقىدىن مەھرۇم قالغان كىشى كۆپ ياخشىلىقتىن مەھرۇم قالغان بولىدۇ». [نىسائى رىۋايىتى 4/129. بۇ ھەدىس تەرغىبنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرى توپلىمىدا 1/490 كەلتۈرۈلگەن. رامىزانغا ئالاقىدار يەتمىش مەسىلە ناملىق كىتاپچىغا قارالسۇن].
بۇ تېما توغرىسىدا تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن:
215135- 192665- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن].
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.
مەنبە:
شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد