پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

چىشى ھايۋاننى قۇربانلىق قىلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

چىشى ھايۋاننى قۇربانلىق قىلسا دۇرۇس بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

قۇربانلىق قىلىنىدىغان ھايۋانلار: قوي ۋە ئۆچكە، كالا ۋە تۆگە قاتارلىق ھايۋانلاردىن بولىشى، ئەيىب-نۇقساندىن سالامەت بولىشى، شەرىئەتتە ئېتىبارغا ئىلىنىدىغان ياشقا يەتكەن بولىشى كېرەك. يۇقىرىقى شەرتلەر تولۇق بولىدىكەن، قۇربانلىق قىلىنىدىغان ھايۋان چىشى ياكى ئەركەك بولسۇن ئوخشاش، قايسىسىنى قۇربانلىق قىلسا بولىۋېرىدۇ.

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ: "ئەل مەجمۇئ" ناملىق ئەسەرنىڭ 8-تومى 364-بېتىدە مۇنداق دەيدۇ: "قۇربانلىق قىلسا دۇرۇس بولىدىغان چارۋىلار تۆگە، كالا، ئۆچكە ۋە قوي قاتارلىق ھايۋانلاردىن بولىشى كېرەك، تۆگىنىڭ ئەركەك-چىشى ھەممە تۈرى ئوخشاش، كالىنىڭمۇ ئەركەك-چىشى ھەممە تۈرى ئوخشاش، قوي-ئۆچكىنىڭمۇ ئەركەك-چىشى ھەممە تۈرى ئوخشاش. ئەمما بۇ چارۋىلاردىن باشقا ياۋا كالا (ۋەھشى كالا) ۋە ياۋا ئېشەك (قولان) ۋە باشقا ھايۋانلارنى قۇربانلىق قىلسا دۇرۇس بولمايدۇ مەيلى ئۇ ھايۋانلارنىڭ ئەركەكلىرى ياكى چىشىلىرى بولسۇن ئوخشاشلا دۇرۇس بولمايدۇ، بىزنىڭ قارىشىمىزدا بۇ مەسىلىدە ھېچ ئىختىلاپ يوق". تۈگىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان پەتىۋا كومىتېتى ئالىملىرىدىن: ئالتە ئايلىق بولغان چىشى قوينى قۇربانلىق قىلسا دۇرۇس بولامدۇ؟ بەزىلەر ساغلىق ياكى قوچقار بولسۇن تولۇق بىر ياشقا تولغان بولىشى كېرەك دەيدىكەن؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بەرگەن بولساڭلار دەپ سورالغاندا، پەتىۋا كومىتېتى ئالىملىرى جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "قۇربانلىق قىلىدىغان قوي ئالتە ئاي توشقان ۋە يەتتىنچى ئايغا قەدەم قويغان ياكى بىر ياشلىق بولغان بولسا ئەركەك ياكى چىشى بولسۇن دۇرۇس بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئەبۇ داۋۇد ۋە نەسائىي نەقىل قىلغان ھەدىستە، مەجاشىئ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ :ئالتە ئايلىقتىن ئاشقان قوينى قۇربانلىق قىلىش، چوڭ ياشلىق قوينى قۇربانلىق قىلغانغا ئوخشاش، دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم. ئەمما ئۆچكىدىن، كالىدىن ۋە تۆگىدىن ئەركەك ياكى چىشى بولسۇن ياشقا تولغان بولىشى كېرەك. ئۆچكىدىن تولۇق بىر ياشقا كىرگىنى، كالىدىن ئىككى ياشنى تولۇقلاپ ئۈچىنچى ياشقا قەدەم قويغىنى، تۆگىدىن بەش ياشنى تولۇقلاپ ئالتە ياشقا قەدەم قويغىنى بولسا دۇرۇس بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: چارۋىلاردىن ياشقا تولغانلىرىنى قۇربانلىق قىلىڭلار، ئەگەر ئۇنداق قىلىش سىلەرگە قىيىنچىلىق تۇغدۇرسا، ئالتە ئايلىقتىن ئاشقان قوينى قۇربانلىق قىلىڭلار. [مۇسلىم رىۋايىتى]. تۈگىدى. "دائىمىي كومىتېت پەتىۋالىرى"(11/414).

قۇربانلىقنىڭ شەرتلىرى توغرىسىدىكى 36755- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى