سەيشەنبە 17 مۇھەررەم 1446 - 23 ئىيۇل 2024
Uygur

نامازلارنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن كىيىمىدە مەزىينىڭ يوقىنى تاپقان كىشى توغرىسىدا

سۇئال

   مەن بامدات، پېشىن ۋە ئەسىر نامىزىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئېچ كىيىمىمدە مەزىينىڭ يوقىنى تاپتىم، شام نامىزى ئوقۇشتىن ئىلگىرى كىيىمىمنى ئالماشتۇردۇم، مېنىڭ ئوقۇغان نامازلىرىم توغرا بولامدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: مەزىي دېگەن شەھۋەت قوزغالغاندا چېقىدىغان شىلىمشىق سۇ  بولۇپ، ئۇ نىجىس ۋە تەرەتنى بۇزىدۇ، لېكىن ئۇ يەڭگىل نىجاسەت ھېسابلىنىدۇ، ئۇنى پاكىزلاشتا ئەۋرەتنى يۇيۇۋېتىش ۋە كىيىمگە سۇ چېچىۋېتىش كۇپايە قىلىدۇ.  بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن2458  - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

   ئىككىنچى: ئاللاھ خالىسا سىزنىڭ ئوقۇغان بامدات، پېشىن ۋە ئەسىر نامازلىرىڭ  توغرا، ئۇ نامازلارنى قايتىدىن ئوقۇش كېرەك بولمايدۇ.  بۇنداق بولىشى ئىككى تۈرلۈك سەۋەپتىن:

    1-سىز مەزىينىڭ چىققان ۋاقتىنى ئېنىق بىلمەيسىز، بەلكىم ئەسىردىن كېيىن چىققانلىقنىڭ ئېھتىماللىقىمۇ بار، مۇشۇ ئېھتىماللىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئەسلى قائىدە بويىنچى ئىلگىرى ئوقۇغان نامازلىرىڭىز توغرا بولىدۇ، ئالىملارنىڭ قائىدىسى:  ئىبادەتنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، بۇ ئىبادەت توغرا بولغاندىمۇ ياكى توغرا بولمىغاندىمۇ؟ دەپ شەك پەيدا بولۇپ قالسا، بۇنداق شەككە پەرۋا قىلىنمايدۇ، ئەسلى قائىدە بويىچە ئىبادەتنى داۋاملاشتۇرىدۇ، يەنى ئىبادەتنى بىكار قىلىۋېتىدىغان نەرسە ئېنىق بولمىغۇچە ئىبادەت توغرا بولىدۇ.

    2- بىر كىشى نىجاسەتنىڭ بارلىقىنى بىلمەي نامازنى ئادا قىلغان بولسا ياكى بىلسىمۇ ئۇنتۇپ قالغان بولسا، كۈچلۈك قاراشتا ئۇ كىشىنىڭ ئادا قىلغان نامىزى توغرا بولىدۇ، ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى دەپ ئۆزىمۇ بۇ قاراشنى تاللىغان.  ["ئەل مەجمۇئ"  3 -توم 163 -بەت.]

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " ئۇنتۇپ قالسا دېگەنلىك، نىجاسەتنىڭ يۇققانلىقىنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا، ئۇنى نامازدىن سالام بېرىپ بولغاندىن كېيىن ئېسىگە ئالغان بولسا، ئاپتۇرنىڭ سۆزىگە ئاساسەن نىجاسەتتىن ساقلىنىشتىن ئىبارەت نامازنىڭ بىر شەرتى تولۇق بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇ كىشى نامازنى قايتىدىن ئادا قىلىدۇ، بۇ خۇددى ئۆزىنىڭ تاھارىتى يوق ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قىلىپ نامازنى ئادا قىلغان كىشىگە ئوخشاش.

    نىجاسەتنى يۇيۇشنى ئۇنتۇپ قالغاننىڭ مىسالىمۇ بۇنىڭغا ئوخشايدۇ.

    بۇ مەسىلىنىڭ ھەممىسىدىكى كۈچلۈك قاراش، ئۇ كىشى نىجاسەتنى ئۇنتۇپ قالسۇن ياكى نىجاسەت يۇققانلىقىنى ئۇنتۇپ قالسۇن ياكى نىجاسەت يۇققانلىقىنى بىلمىسۇن ياكى يۇققان نەرسىنىڭ نىجاسەت ئىكەنلىكىنى بىلمىسۇن ياكى ئۇنىڭ ھۆكمىنى بىلمىسۇن ياكى نامازدىن ئىلگىرىمۇ ياكى كېيىنمۇ بۇنى بىلمىسۇن ئوخشاشلا نامازنى قايتىدىن ئادا قىلىش كېرەك بولمايدۇ.

    بۇنىڭ دەلىلى: ئاللاھ تائالا بەندىلىرى ئۈچۈن يولغا قويغان ئەڭ كاتتا قائىدە-پىرىنسىپ مۇنۇ ئايەتتۇر: لا يُكَلِّفُ اللَّهُ نَفْساً إِلَّا وُسْعَهَا لَهَا مَا كَسَبَتْ وَعَلَيْهَا مَا اكْتَسَبَتْ رَبَّنَا لا تُؤَاخِذْنَا إِنْ نَسِينَا أَوْ أَخْطَأْنَا‏ تەرجىمىسى: «ئاللاھ ھېچكىمنى قۇربى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ. كىشىنىڭ قىلغان ياخشىلىقىنىڭ ساۋابى)ئۆزىگىدۇر، يامانلىقى (نىڭ جازاسىمۇ ئۆزىگىدۇر.  ئۇلار  پەرۋەردىگارىمىز! (ئەگەر بىز ئۇنۇتساق ياكى خاتالاشساق (بىز ئۇنتۇش ياكى سەۋەنلىكتىن ئەمرىڭنى تولۇق ئورۇنلىيالمىساق، بىزنى جازاغا تارتمىغىن. » [سۈرە بەقەرە 286 -ئايەت.]

     بۇ چەكلەنگەن ئىشنى قىلغان ئادەم بۇنى بىلمەيتتى ياكى ئۇنتۇپ قالغان، ئاللاھ تائالا بۇنداق كىشىلەردىن ئازابنى كۆتۈرۋەتتى، ئۇ كىشىدىن تەلەپ قىلىنىدىغان بىر نەرسە قالمىدى.

    بۇ مەسىلىگە خاس بولغان يەنە بىر دەلىل بار، ئۇ بولسىمۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام  نىجاسەت يۇقۇپ قالغان ئاياغ بىلەن ناماز ئوقۇۋاتقاندا، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام بۇ ئىشتىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى خەۋەردار قىلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نامازنى يېڭىدىن باشلىمىدى پەقەت ئايىغىنى سېلىۋەتتى، نامازنىڭ ئەۋۋىلىدە بۇزۇلمىسا نامازنىڭ ئاخىردىمۇ بۇزۇلمايدۇ.  

   "شەرھىل مۇمتىئ" 2 توم- 232 - بەت. ]

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى