سەيشەنبە 5 رەبىئۇل ئەۋۋەل 1440 - 13 نويابىر 2018
Uygur

ھېيت نامىزىدىن بۇرۇن جامائەت بولۇپ تەكبىر ئېيتىشنىڭ ھۆكمى

سۇئال

ھېيت نامىزىدىن ئىلگىرى كىشىلەر جامائەت بولۇپ بىرلىكتە تەكبىر ئېيتىدۇ، بۇ ئىش بىدئەتمۇ ياكى ھېيت نامىزىدا يولغا قويۇلغانمۇ؟، ئەگەر ئۇ ئىش بىدئەت دەپ قارالسا، ئۇلار ناماز ئوقۇيدىغان جايغا كەلگەندىن باشلاپ تاكى ناماز باشلانغىچە نېمە قىلىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ھېيت كۈنلىرىدە تەكبىر ئېيتىش بولسا باشقا ئىبادەتلەرگە ئوخشاش پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ھەدىس بايان قىلىنغان سۈننەت ئەمەللەردىن بولۇپ، بۇ سۈننەتتە بايان قىلىنغان بويىچە ئادا قىلىش كېرەك بولىدۇ، ئۇنىڭ شەكلى ۋە ھالتىنى ئۆزگەرتىۋېتىش توغرا بولمايدۇ. ھەدىستە بايان قىلىنغان بويىچە ئادا قىلىش كېرەك.

    پىقھى ئالىملىرىمىز بۈگۈنكى كۈندە يۈز بېرىۋاتقان جامائەت شەكىلدە تەكبىر ئېيتىش مەسىلىسى توغرىسىدا كۆپ تەتقىقات ئىلىپ بارغان بولسىمۇ لېكىن بۇنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل تىپىلمىغاچقا، بۇنداق قىلىشنى بىدئەت دەپ ھۆكۈم قىلدى، ئىبادەتنىڭ ئەسلى ياكى قانداق ئادا قىلىنىشى ۋە سۈپىتى توغرىسىدا يېڭىدىن قېتىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى دىندا ئەيىبلىنىدىغان بىدئەتلەردىن ھېسابلىنىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: كىمكى بىزنىڭ دىنى ئىشلىرىمىزدا يوق بولغان ئىشلارنى پەيدا قىلىدىكەن، ئۇ ئىش قوبۇل قىلىنمايدۇ. دېگەن سۆزى بۇنىڭ ھەممىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى 1718-ھەدىس].

    شەيخ مۇھەممەد ئىبراھىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىلگىرى ھەرەم مەسچىتىدە تەكبىر ئېيتىلاتتى، بىر ياكى ئىككى كىشى زەمزەمخانىنىڭ ئۈستىگە چېقىپ ئولتۇرۇپ تەكبىر ئېيتاتتى، ھەرەمدە كىشىلەر ئۇلارغا ئەگىشىپ تەكبىر ئېيتاتتى، شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ بۇنداق شەكىلدە تەكبىر ئېيتىشنى چەكلەپ بۇ بىدئەت ئىشلاردىن دېگەن، يەنى شەيخنىڭ مەقسىدى: تەكبىر ئېيتىش بىدئەت ئەمەس ئەمما مۇشۇنداق بىر شەكىلدە ئېيتىشنى بىدئەت دېگەن، بۇ ئىشتىن مەككىدىكى ئاۋام خەلق غۇندرىدى، چۈنكى ئۇلار بۇ شەكىلدە تەكبىر ئېيتىشقا كۆنۈپ قالغان ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇنى شىكايەت قىلىپ يۇقىرىغا سۇندى، بۇ شەكىلدە تەكبىر ئېيتىشنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى مەنمۇ بىلمەيمەن، شەرىئەتنى دەۋا قىلغۇچى بۇنىڭ بىدئەت ئىكەنلىكىگە دەلىل-پاكىت تۇرغۇزدى، شۇنداقتىمۇ بۇ شاخچە مەسىلە بولغانلىقى ئۈچۈن يۇقىرىغا شىكايەت قىلغۇدەك دەرىجىگە يەتمەسلىكى كېرەك ئىدى". ["ئەللامە مۇھەممەد بىن ئىبراھىم پەتىۋالار مەجمۇئەسى"3-توم 127-128-بەت].

    شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     مەن ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد جامال(ئاللاھ تائالا ئۇنى ئۆزى رازى بولىدىغان ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلسۇن)يازغان ماقالىنى ئوقۇدۇم، يەرلىك گىزىتلەردە، بەزى كىشىلەر مەسچىتلەردە ھېيت نامىزىدىن ئىلگىرى جامائەت شەكىلدە تەكبىر ئېيتىشنى چەكلەش زۆرۈر بولغان بىدئەت ئىشلاردىن دېگەن سۆزگە ھەيران قاپتۇ. شەيخ ئەھمەد ئۆزىنىڭ ماقالىسىدا جامائەت شەكىلدە تەكبىر ئېيتىش بىدئەت ئەمەس، ئۇنى چەكلەش توغرا بولمايدۇ دەپ دەلىل كەلتۈرۈپتۇ، بەزى يازغۇچىلارمۇ ئۇنىڭ پىكرىنى قوللاپتۇ، ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى بىلمىگەن كىشىلەرنىڭ بۇ ئىشتا گاڭگىراپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، تەشرىق كۈنلىرى، زۇلھەججىنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنى، روزا ھېيت كۈنى نامازدىن بۇرۇن ۋە كېچىدە تەكبىر ئېيتىشنىڭ ئەسلى ماھىيتىنى ئوچۇق بايان قىلىپ بېرىشنى ياخشى كۆردۇق، يۇقىرىدىكى پەزىلەتلىك ۋاقىتلاردا تەكبىر ئېيتىش يولغا قويۇلغان، ئۇنىڭغا كۆپ پەزىلەت بار، روزا ھېيت كۈنىدە تەكبىر ئېيتىش توغرىسىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: وَلِتُكْمِلُوا الْعِدَّةَ وَلِتُكَبِّرُوا اللَّهَ عَلَى مَا هَدَاكُمْ وَلَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ تەرجىمىسى: (ئاغزىڭلار ئوچۇق يۈرگەن كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلىش بىلەن رامىزان روزىسىنىڭ) سانىنى تولدۇرۇشۇڭلارنى، سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقىغا ئاللاھنى ئۇلۇغلىشىڭلارنى، (ئۇنىڭ ئىنئاملىرىغا) شۈكۈر قىلىشىڭلارنى خالايدۇ. [بەقەرە سۈرىسى 185-ئايەت].

   زۇلھەججىنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنى ۋە تەشرىق كۈنلىرى تەكبىر ئېيتىش توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: لِيَشْهَدُوا مَنَافِعَ لَهُمْ وَيَذْكُرُوا اسْمَ اللَّهِ فِي أَيَّامٍ مَعْلُومَاتٍ عَلَى مَا رَزَقَهُمْ مِنْ بَهِيمَةِ الْأَنْعَامِ تەرجىمىسى: كىشىلەر ئۆزلىرىگە تېگىشلىك بولغان (دىنىي ۋە دۇنياۋى) مەنپەئەتلەرنى كۆرسۇن، بەلگىلەنگەن كۈنلەردە (يەنى قۇربانلىق كۈنلىرىدە) ئاللاھ ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋا ماللارنى (يەنى تۆگە، قوي، ئۆچكىلەرنى ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن) ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ قۇربانلىق قىلسۇن. [سۈرە ھەج 28-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَاذْكُرُوا اللَّهَ فِي أَيَّامٍ مَعْدُودَاتٍ تەرجىمىسى: ساناقلىق كۈنلەردە (تەشرىق كۈنلىرى يەنى قۇربان ھېيتنىڭ 1 – 2 – 3 كۈنلىرىدە) ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار (نامازلىرىڭلارنىڭ ئاخىرىدا تەكبىر ئېيتىڭلار). [سۈرە بەقەرە 203-ئايەت].

    مۇشۇ مەلۇم، ساناقلىق كۈنلەردە يولغا قويۇلغان زىكىرلەردىن مۇتلەق ۋە مۇقەييەد زىكىرلەر بار، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى ۋە ئىلگىرىكى ئالىملارنىڭ ئەمەلى ھەركىتى بۇنى ئىسپاتلايدۇ، يولغا قويۇلغان تەكبىرنىڭ ئالامىتى: ھەر بىر مۇسۇلمان ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ ئۆزى يالغۇز تەكبىر ئېيتىدۇ، كىشىلەر بۇنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ تەكبىر ئېيتىدۇ. ئەمما جامائەت شەكىلدە تەكبىر ئېيتىش بولسا بىدئەت بولۇپ، جامائەت ئىچىدە بىرقانچە كىشى يۇقىرى ئاۋازدا تەكبىر ئېيتىدۇ، باشقىلارمۇ بىر خىل سۈپەتتە بۇلارغا ئەگىشىپ تەكبىرنى تەڭ باشلاپ يەنە تەڭ ئاخىرلاشتۇرىدۇ.

    بۇنداق قىلىشنىڭ ئاساسى يوق ۋە دەلىلىمۇ يوق، بۇ تەكبىرنىڭ سۈپىتىدە يۈز بەرگەن بىدئەت بولۇپ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا دەلىل چۈشۈرمىگەن، كىمكى بۇ شەكىلدىكى تەكبىر ئېيتىشنى ئىنكار قىلىدىكەن ئۇ كىشى توغرا ئىش قىلغان بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىستە: كىمكى بىزنىڭ دىنى ئىشلىرىمىزدا يوق بولغان ئىشلارنى پەيدا قىلىدىكەن، ئۇ ئىش قوبۇل قىلىنمايدۇ، دېگەن. [مۇسلىم رىۋايىتى 1718-ھەدىس].

    يەنە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: دىندا يېڭىلىق پەيدا قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىدئەتتۇر، بىدئەتنىڭ ھەممىسى ئازغۇنلۇقتۇر.

     جامائەت شەكىلدە تەكبىر ئېيىتىش بولسا يېڭىدىن پەيدا بولغان بىدئەت ئىشتۇر، كىشىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىش-ھەرىكىتى مۇقەددەس شەرىئەتنىڭ پىرىنسىپىغا خىلاپ بولىدىكەن بۇنى ئىنكار قىلىش ۋە چەكلەش زۆرۈر بولىدۇ، چۈنكى ئىبادەت دېگەن قۇرئان-ھەدىسنىڭ دەلىللىرى بىلەن توختالغان بولۇپ ئۇ يېڭىدىن يولغا قويۇلمايدۇ، كىشىلەرنىڭ شەرىئەت پىرىنسىپىغا زىت بولغان پىكىر-قاراشلىرى دەلىل بولالمايدۇ، شۇنىڭدەك پايدىلىق يۆلۈنۈش بىلەنمۇ ئىبادەت بىكىتىلمەيدۇ، ئىبادەت دېگەن پەقەت قۇرئاندىن ياكى ھەدىستىن ياكى ئىجمادىن بولغان كەسكىن دەلىل بىلەن بېكىتىلىدۇ.

يولغا قويۇلغان تەكبىر بولسا شەرئى دەلىللەر بىلەن بىكىتىلگەن شەكىلدە يەككە ھالەتتە تەكبىر ئېيتىشتۇر.

    سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مۇپتىسى شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىممۇ جامائەت شەكىلدە تەكبىر ئېيتىشنى ئىنكار قىلدى ۋە چەكلىدى، بۇ توغرىدا پەتىۋا بەردى، مەنمۇ بۇنى چەكلەش توغرىسىدا بىر قانچە پەتىۋا بەردىم، شۇنىڭدەك ئىلىمى تەتقىقات ۋە دىنى پەتۋا كومېتىتىمۇ بۇنى چەكلەش توغرىسىدا پەتىۋا بەردى.

   شەيخ ھەمۇد ئىبنى ئابدۇللاھ تۇۋەيجىرى رەھىمەھۇللاھمۇ جامائەت شەكىلدە تەكبىر ئېيتىشنى ئىنكار قىلىپ، چەكلەش توغرىسىدا ئېسىل بىر ماقالە يازدى، بۇ يازما بېسىپ تارقىتىلدى، ئاللاھغا ھەمدىلەر بولسۇنكى، ئۇنىڭدا جامائەت شەكىلدە تەكبىر ئېيتىشنى چەكلەش توغرىسىدا بايان قىلنغان  دەلىللەر ھەممىگە كۇپايە قىلىدۇ.

     قىرىندىشىمىز شەيخ ئەھمەد، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مىنادا كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە قىلغان ئىشىنى دەلىل كەلتۈرۈپتۇ، بۇ دەلىل بولالمايدۇ، چۈنكى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن كىشىلەرنىڭ مىنادا قىلغان ئىشى جامائەت شەكىلدە تەكبىر ئېتىش بولماستىن بەلكى ئۇ شەرىئەتتە يولغا قويۇلغان تەكبىردۇر، چۈنكى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سۈننەتكە ئەمەل قىلىپ ۋە كىشىلەرگە ئەسلىتىپ يۇقىرى ئاۋازدا تەكبىر ئېيتتى، بۇنىڭ بىلەن كىشىلەرمۇ تەكبىر ئېيتتى، ھەر بىرى ئۆز ھالىتى بويىچە تەكبىر ئېيتتى، بۇ يەردە خۇددى ھازىر كىشىلەر جامائەت شەكىلدە تەكبىر ئېيتقاندەك، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن كىشىلەر ئارىسىدا تەكبىرنى تەڭ باشلاپ يەنە تەڭ ئاخىرلاشتۇرۇش توغرىسىدا بىرلىك بولمىغان ئىدى. شۇنىڭدەك باشقا سەلەپ ئالىملىرىدىنمۇ تەكبىر توغرىسىدا شەرىئەت يولغا قويغان شەكىلدا ئېيتىلىشى رىۋايەت قىلىنغان، بۇنىڭ قارشىسىنى چۈشەنگەن كىشى بۇنىڭغا دەلىل كەلتۈرسۇن، شۇنىڭدەك ھېيت نامىزىغا ياكى تەراۋىھ نامىزىغا ياكى تەھەججۇت نامىزىغا ياكى ۋېتىر نامىزى قاتارلىقلارغا ئەزان ئوقۇشمۇ دىندا ئەسلى بولمىغان بىدئەت ئىشتۇر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىسلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھېيت نامىزىنى ئەزان-تەكبىرسىز ئوقۇغانلىقى بايان قىلىنىدۇ، ئىلىم ئەھلىنىڭ ھېچ بىرى ھەدىستە باشقا لەپزىدە ئەزان ئوقۇلغان دېگەن سۆزنى قىلمىدى، ئەگەر كەلدى دەيدىغانلار بولسا بۇنىڭغا ئىسپات كەلتۈرسۇن، ئەسلىدە ئەزان-تەكبىر ئوقۇلمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھېچقانداق بىر كىشىنىڭ ئاغزاكى ياكى ئەمەلى ئىبادەتلەرنى قۇرئان-ھەدىستىن ياكى ئۆلىمالارنىڭ بىرلىكىدىن دەلىل كەلتۈرمەستىن يولغا قويۇشى توغرا بولمايدۇ، يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك شەرىئەتنىڭ ئومۇمى دەلىللىرى بىدئەتتىن چەكلەيدۇ ۋە ئاگاھلاندۇرىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: أم لَهُمْ شُرَكَاءُ شَرَعُوا لَهُمْ مِنَ الدِّينِ مَا لَمْ يَأْذَنْ بِهِ اللَّهُ تەرجىمىسى: ئۇلارنىڭ ئاللاھ رۇخسەت قىلمىغان نەرسىلەرنى دىن قىلىپ بېكەتكەن مەبۇدلىرى بارمۇ؟ (ئاللاھنىڭ ئۇلارغا بېرىلىدىغان ئازابنى قىيامەتكىچە تەخىر قىلىش توغرىسىدىكى) ھۆكمى بولمىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلۋەتتە (دۇنيادىلا) ھۆكۈم چىقىرىلغان بولاتتى. [سۈرە شۇرا 21-ئايەت].

    بىز ئىلگىرى سۆزىمىزنىڭ ئاۋۋىلىدە ئىككى ھەدىسنى بايان قىلدۇق، بىرى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: كىمكى بىزنىڭ دىنى ئىشلىرىمىزدا يوق بولغان ئىشلارنى پەيدا قىلىدىكەن، ئۇ ئىش قوبۇل قىلىنمايدۇ دېگەن سەھىھلىكى بىرلىككە كەلگەن ھەدىس. يەنە بىرى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ جۈمە خۇتبىسىدە دېگەن: دىندا يېڭىلىق پەيدا قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىدئەتتۇر، بىدئەتنىڭ ھەممىسى ئازغۇنلۇقتۇر دېگەن ھەدىسى بولۇپ بۇ ھەدىسنى مۇسلىم ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابىدا كەلتۈردى. بۇ مەنانى ئىپادىلەيدىغان ئەسەر-ھەدىسلەر ئىنتايىن كۆپ.

    ئاللاھ تائالادىن ھەممەيلەننى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلىشنى، شەيخ ئەھمەد ۋە باشقا قىرىنداشلىرىمىزغا دىننى توغرا چۈشىنىدىغان چۈشەنچە ئاتا قىلىشنى، ھەممەيلەننى كىشىلەرنى ھىدايەتكە چاقىرىدىغان، ھەقىقەتكە ياردەم  بېرىدىغان كىشىلەردىن قىلىشىنى سورايمىز. بىزنى ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارنى شەرىئەتكە زىت كىلىدىغان ئىشلاردىن يېراق قىلىشنى سورايمىز. ئاللاھ تائالا بۇنى ئاتا قىلغۇچىدۇر. بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن. ["ئىبنى باز پەتىۋالار مەجمۇئەسى"13-توم20-23-بەت].

    دائىمى كومىتېتى پەتىۋاسى 8-توم 310-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: ھەر كىشى ئايرىم-ئايرىم ئۈنلۈك ئاۋازدا تەكبىر ئېيتىدۇ، جامائەت شەكىلدە تەكبىر ئېيتىش توغرىسىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ھەدىس بايان قىلىنمىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: كىمكى بىزنىڭ دىنى ئىشلىرىمىزدا يوق بولغان ئىشلارنى پەيدا قىلىدىكەن، ئۇ ئىش قوبۇل قىلىنمايدۇ دېگەن.

يەنە 8-توم 311-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: "بىر خىل ئاۋازدا جامائەت شەكىلدە تەكبىر ئېيتىش شەرىئەتتە يولغا قويۇلمىغان بىدئەت ئىشتۇر، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: كىمكى بىزنىڭ دىنى ئىشلىرىمىزدا يوق بولغان ئىشلارنى پەيدا قىلىدىكەن، ئۇ ئىش قوبۇل قىلىنمايدۇ دېگەن. كىشىلەرگە دىندا ئۆلگە بولىدىغان ساھابىلاردىن، تابىئىنلاردىن ۋە سەلەپ-سالىھلاردىنمۇ ھېچ بىرى بۇنداق قىلمىغان، دىندا بىدئەت پەيدا قىلماستىن ئۇلارغا ئەگىشىش زۆرۈر بولىدۇ".

    يەنە 24-توم 269-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: "جامائەت شەكىلدە تەكبىر ئېيتىش بىدئەت بۇنىڭ دىندا ئاساسى يوق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: كىمكى بىزنىڭ دىنى ئىشلىرىمىزدا يوق بولغان ئىشلارنى پەيدا قىلىدىكەن، ئۇ ئىش قوبۇل قىلىنمايدۇ دېگەن.

    ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مىنادا قىلغان ئىشى جامائەت شەكىلدە تەكبىر ئېيتىشنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە دەلىل بولالمايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزى يالغۇز تەكبىر ئېيتقان، كىشىلەر ئۇنىڭ تەكبىر ئېيتقانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ھەر بىرى ئايرىم-ئايرىم تەكبىر ئېيتىشقا باشلىغان، ئۇلارنىڭ ھەممىسى جامائەت شەكىلدە تەكبىر ئېيتمىغان.

    يەنە 2-توم 236-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: "نامازدىن كېيىن ياكى نامازدىن باشقا ۋاقىتلاردا بىر خىل ئاۋازدا جامائەت شەكىلدە تەكبىر ئېيتىش شەرىئەتتە يولغا قويۇلمىغان بولۇپ، ئۇ دىندا پەيدا بولغان بىدئەت ئىشلاردىن ھېسابلىنىدۇ، ھەقىقەتەن جامائەت شەكىلدە ئەمەس، بەلكى يەككە ھالەتتە ئاللاھ تائالاغا كۆپ زىكىر ئېيتىش، تەسبىھ ئېيتىش، ھەمدە ئېيتىش، تەھلىل ئېيتىش، ئىستىغپار ئېيتىش ۋە قۇرئان كەرىمنى كۆپ ئوقۇش يولغا قويۇلغان.

   بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَاأَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اذْكُرُوا اللَّهَ ذِكْرًا كَثِيرًا وَسَبِّحُوهُ بُكْرَةً وَأَصِيلًا تەرجىمىسى: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنى كۆپ ياد قىلىڭلار ئۇنىڭغا ئەتىگەن ـ ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىڭلار(چۈنكى بۇ ئىككى ۋاقىتتا پەرىشتىلەر چۈشۈپ تۇرغانلىقتىن، ئۇ ۋاقىتلارنىڭ ئەۋزىلى ھېسابلىنىدۇ). [سۈرە ئەھزاب 42-ئايەت.

   ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَاذْكُرُونِي أَذْكُرْكُمْ تەرجىمىسى: مېنى (تائەت ـ ئىبادەت بىلەن)ياد ئېتىڭلار،(مېنى ياد ئەتسەڭلار)مەنمۇ سىلەرنى(ساۋاب بېرىش بىلەن، مەغپىرەت قىلىش بىلەن)ياد ئېتىمەن. ماڭا شۈكۈر قىلىڭلار،ناشۈكۈرلۈك قىلماڭلار بەقەرە سۈرىسى 152-ئايەت.

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بىزنى زىكىرگە رىغبەتلەندۈرگەن كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلىشىمىز ۋە سەلەپلەرنىڭ يولىغا ئەگىشىشىمىز كېرەك، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: سۇبھانەللاھ، ۋەلھەمدۇلىللاھ، ۋە لائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋاللاھۇ ئەكبەر دېيىشىم مەن ئۈچۈن دۇنيادىكى ھەممە نەرسىدىن ياخشىدۇر. [مۇسلىم رىۋايىتى].

   يەنە بىر رىۋايەتتە: كىمكى يۈز قېتىم سۇبھانەللاھى ۋەبىھەمدىھى دېسە ئۇنىڭ دېڭىزنىڭ كۆپۈكىدەك كۆپ گۇناھى بولسىمۇ ئەپۇ قىلىنىدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى، لەپزى تىرمىزىنىڭ].

    سەلەپ ئالىملىرىدىن جامائەت شەكىلدە تەكبىر ئېيتقانلىق توغرىسىدا دەلىل نەقىل قىلىنمىغان، بۇ بىدئەتچى كىشىلەرنىڭ قىلمىشىدۇر، زىكىر ئېيتىش دېگەن ئىبادەت بولۇپ، ئىبادەت دېگەن شەرىئەت كۆرسەتمىسى بويىچە ئادا قىلىنىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دىندا بىدئەت پەيدا قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: كىمكى بىزنىڭ دىنى ئىشلىرىمىزدا يوق بولغان ئىشلارنى پەيدا قىلىدىكەن، ئۇ ئىش قوبۇل قىلىنمايدۇ. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئىلىش ئۈچۈن 105644-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

كۆز قاراش ئەۋەتىش