ئەرەپات كۈنى ۋە ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتسا توغرا بولىدۇ، ئەگەر بۇ كۈنلەرنىڭ روزىسى بىلەن رامزاننىڭ قازا روزىسىنى نىيەت قىلسا، ئۇ كىشىگە قوش ئەجىر بولىدۇ، ئەرەپات كۈنى ۋە ئاشۇرا كۇنى روزا تۇتقاننىڭ ئەجىر-ساۋابى بىلەن قازا روزىنىڭ ئەجىر-ساۋابى ھاسىل بولىدۇ.
ئاشۇرا كۈنى ۋە ئەرەپات كۈنىدە قازا نىيىتى بىلەن روزا تۇتسا بولامدۇ؟
سوئال: 128256
ئەرەپات كۈنى ۋە ئاشۇرا كۈنىگە ئوخشاش سۈننەت روزا تۇتىلىدىغان كۈنلەردە، رامىزاندا قالغان قازا روزىلىرىمنى نىيەت قىلىپ تۇتسام بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
قىسقىچە جاۋاپ
جاۋاپنىڭ تېكىستى
بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
بۇ مەسىلە ئالىم-ئۆلىمالارنىڭ نەزىرىدە ئىبادەتلەرنىڭ ئارىسىنى بىر-بىرىگە كىرىشتۈرۈش ياكى شېرىك قىلىش دەپ تونۇلغان بولۇپ، بۇنىڭ نۇرغۇن شەكىللىرى بولىدۇ، سوئالدا بايان قىلىنغىنىمۇ ئۇنىڭ بىر شەكلى، ئۇ بولسىمۇ، ۋاجىپ بىلەن مۇستەھەبنىڭ ئارىسىنى بىر نىيەتتە جۇغلاشتۇر. كىمكى مۇستەھەپ روزىنى نىيەت قىلسا، بۇ روزا ۋاجىپ-پەرز بولغان روزىغا كۇپايە قىلمايدۇ، كىمكى ئاشۇرا كۈنى ياكى ئەرەپات كۈنىدە روزا تۇتۇش نىيىتىدە روزا تۇتقان بولسا، بۇ رامزاننىڭ قازا روزىسىغا كۇپايە قىلمايدۇ، ئەمما ئۇ كىشىنىڭ قازا روزا تۇتقان كۈنى ئاشۇرا ياكى ئەرەپات كۈنىگە توغا كېلىپ قالغان بولسا، تۇتقان قازا روزىسى توغرا بولىدۇ، بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا، ئاشۇرا ياكى ئەرەپات كۈنىدە روزا تۇتقاننىڭمۇ ساۋابىغا ئېرىشىش ئۈمىد قىلىنىدۇ.
رەملىي رەھىمەھۇللاھ "نىھايەتۇل مۇھتاج" 3-توم 208-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "مۇبادا بىرسى شەۋۋال ئېيىدا ياكى ئاشۇرا كۈنىدە قازا روزا تۇتسا ياكى نەزىر قىلغان روزىسىنى ياكى ئۇنىڭدىن باشقا نەپلە روزىلارنى تۇتسا، ئۇ كىشىگە شۇ كۈنلەردە نەپلە روزا تۇتقاننىڭ ئەجىر-ساۋابى ھاسىل بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاتام (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) بارىزى، ئەسپوۋنى، ناشىرى ۋە پەقىھ ئەلى بىن سالىھ ھەزرەمى قاتارلىق ئۆلىمالارنىڭ پەتىۋاسىغا كۆرە پەتىۋا بەرگەن، لېكىن ئۇ كىشىگە تەلەپ قىلىنغان شەكىلدىكىدەك مۇكەممەل ساۋاپ ھاسىل بولمايدۇ، بولۇپمۇ رامىزاندا روزا تۇتالماي ئۇنىڭ ئورنىغا شەۋۋالدا روزا تۇتقان كىشىگە شۇنداق بولىدۇ". "مۇغنى مۇھتاج" 2-توم 184-بەت ۋە "ھاۋاشى تەھپەتۇل مۇھتاج 3-توم 457-بەتتىمۇ بۇنىڭ ئوخشىشى بايان قىلىنغان.
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ "رامىزان پەتىۋاسى" 438-بەتتە مۇنداق دەيدۇ:" رامزاننىڭ قازا روزىسى بولغان كىشى ئەرەپات كۈنىدە ياكى ئاشۇرا كۈنىدە نەپلە روزا تۇتسا بۇنىڭ بىلەن بىرگە رامزاننىڭ قازا روزىسىنىمۇ بىرگە نىيەت قىلغان بولسا، ئۇ كىشىگە قوش ئەجىر-ساۋاپ ھاسىل بولىدۇ: ئەرەپات ۋە ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتقاننىڭ ئەجىر-ساۋابى بىلەن رامزاننىڭ قازا روزىسىنى تۇتقاننىڭ ئەجىر-ساۋابى بولىدۇ، بۇ رامىزان روزىسى بىلەن ئالاقىسى بولمىغان مۇتلەق روزىغا نىسبەتەن شۇنداق بولىدۇ، ئەمما شەۋۋالنىڭ ئالتە كۈن روزىسىغا ئوخشاش رامىزان روزىسىغا ئالاقىدار بولغان روزا بولسا، رامزاننىڭ قازا روزىسىنى تۇتماي تۇرۇپ ئالتە كۈننىڭ شەۋۋالنىڭ نەپلە روزىسىنى تۇتۇش توغرا بولمايدۇ، مۇبادا تۇتۇپ قالسا ئۇنىڭ ساۋابىغا ئېرىشەلمەيدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «رامىزاندا تولۇق روزا تۇتۇپ، ئاندىن ئۇنىڭغا ئەگەشتۈرۈپ شەۋۋالدا ئالتە كۈن روزا تۇتقان كىشى گوياكى يىل بويى روزا تۇتقاندەك بولىدۇ». بۇنىڭدىن مەلۇم بولدىكى، ئۈستىدە رامزاننىڭ قازا روزىسى بولغان كىشى قازا روزىسىنى تولۇق ئادا قىلمىغۇچە رامىزاندا تولۇق روزا تۇتقان ھېسابلانمايدۇ.
ئىنسان ئۆز ئۈستىدىكى قازا روزىنى تىزدىن ئادا قىلىشقا ئالدىراش كېرەك، بۇ نەپلە روزا تۇتقاندىن ياخشىدۇر، لېكىن ئۇ كىشىگە ۋاقىت قىستىلىپ ئۆز ئۈستىدىكى قازا روزىلارنىڭ ھەممىسىنى ئادا قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان ۋە ئاشۇرا ياكى ئەرەپات كۈنىدەك پەزىلەتلىك كۈنلەرنىڭ ئۆتۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرىسە، ئۇ كۈنلەردىمۇ قازا روزا نىيىتى بىلەن روزا تۇتسا بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قازا روزىنىڭ ۋە ئەرەپات ياكى ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتقاننىڭ ئەجىر-ساۋابىغا ئېرىشىدۇ. ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى-رەھمىتى كەڭىردۇر.
بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 21775- 4015-21787- 26865 - نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.
مەنبە:
ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى