پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەشكە ئوخشاش بىدئەت ئىشلاردىن بىرىنى ياخشى دەپ قارىغان كىشىگە قانداق رەددىيە بېرىش توغرىسىدا

سوئال 128530

تۆۋەندىكىلەرنى كۆرۈپ بېقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش بىدئەت دەپ قارىغانلار بىلەن بىدئەت ئەمەس دېگەنلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇنازىرىلەر بولۇپ؛ بىدئەت دەپ قارىغانلار بۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە، ساھابىلەر ياكى باشقا ئەگەشكۈچىلەرنىڭ ( يەنى تابىئىنلارنىڭ) دەۋرىدە قىلىنمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويسا،  يەنە بىر تەرەپ جاۋابەن مۇنداق دەيدۇ:  كىم سىزگە بىزنىڭ قىلغان بارلىق ئىشلىرىمىزنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە، ساھابىلەر ياكى ئەگەشكۈچىلەرنىڭ  يەنى تابىئىنلارنىڭ دەۋرىدە مەۋجۇت بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى؟، مەسىلەن: بۈگۈنكى كۈندە بىزدە ئىنسانلار ھاياتىدا (ئىلمى ئىلمۇر رىجال) تەنقىد ۋە ماختاش(جەرھى ۋە تەئدىل) ۋە باشقا پەنلەر بارلىقىنى ھېچكىم ئىنكار قىلمىدى، چۈنكى ئىنكار قىلىشنىڭ ئاساسى يېڭى كىرگۈزۈلگەن بىدئەتنىڭ شەرىئەتنىڭ بىرەر ئاساسى پرىنسىپىغا زىت بولۇشى كېرەك.  تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەشكە كەلسەك، ئۇنىڭ ئەسلى پىرىنسىپقا زىت بولغان تەرىپى نەدە؟ بۇ مەسىلىدە نۇرغۇن ئىختىلاپلار بار.

ئۇلار يەنە ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەشنى تەستىقلىغانلىقىنى دەلىل دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.  ئۇنداقتا، بۇ مەسىلىدە دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن ئىسپاتلانغان ئەڭ توغرا ھۆكۈم نېمە؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى:  ئالدى بىلەن شۇنى  بىلىش كېرەككى، ئالىملار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى تارىخىنى بېكىتىشتە پەرقلىق قاراشلاردا بولدى.  ئىبنى ئابدۇل بەر رەھىمەھۇللاھنىڭ قارىشىغا كۆرە:  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رەبىئۇل ئەۋۋەلنىڭ (ھىجىرىيە 3-ئاينىڭ)  2 -كۈنىدە دۇنياغا كۆز ئاچقان دېيىلىدۇ.

ئىبنى ھەزمى رەھىمەھۇللاھ بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيىنىڭ 8 -كۈنى دۇنيا كەلگەنلىكىنى كۈچلەندۈرىدۇ.

ئەبۇ جەپەر ئەل باقىرغا ئوخشاش بەزى ئالىملار رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيىنىڭ 10 -كۈنى تۇغۇلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

ئىبنى ئىسھاققا ئوخشاش بەزى تارىخچىلار رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيىنىڭ 12 -كۈنى تۇغۇلغانلىقىنى دەيدۇ.

ئىبنى ئابدۇل بەر زۇبەير ئىبنى بەككاردىن نەقىل قىلغاندەك رامىزان ئېيىدا تۇغۇلغان دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.  ئىبنى كەسىرنىڭ "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تارىخى" نامىلق ئەسىرى 199-200 -بەتلەرگە قارالسۇن.

ئالىملار ئوتتۇرىسىدىكى بۇ ئىختىلاپ بىزگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ياخشى كۆرگەن، ئۈممەتنىڭ ئالتۇن دەۋرىدىكى (يەنى ھىجىريىنىڭ 1. 2. 3. ئەسىرلىرىدىكى سەلەپلەر) كىشىلەرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋېتى بىلەن پائالىيەت ئۆتكۈزۈش ئەمەس ھەتتا تۇغۇلغان كۈنىنى ئېنىق بېكىتمىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

ئارىدىن بىر قانچە ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىن، فاتىمىيلار ئۇنى ئىجاد قىلغۇچە، مۇسۇلمانلار بۇ شەكىلدە تەبرىكلەش پائالىيتى ئۆتكۈزمىگەن.

شەيخ ئەلىي مەھپۇز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى پائالىيىتىنى ھىجىريىنىڭ تۆتىنچى ئەسىرىدە پاتىمىيلارنىڭ خەلىپىلىرى قاھىرەدە پەيدا قىلغان، ئۇلار ئالتە تۈرلۈك تۇغۇلغان كۈن پائالىيىتىنى ئىجات قىلغان:  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، ئىمام ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، پاتىمە زەھرا رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ تۇغۇلغان كۈنى، ھەسەن ۋە ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، شۇ ۋاقىتتا ھازىر بولغان خەلىپىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى قاتارلىق بولۇپ، بۇ تۇغۇلغان كۈن پائاليىتى تاكى "قوشۇننىڭ ئەڭ ياخشى قوماندانى" دەپ ئاتالغان كىشى تەرىپىدىن بىر قىلىۋېتىلگەنگە قەدەر داۋام قىلغان، ئاندىن كېيىن بۇنى كىشىلەر ئۇنتۇپ كەتكىلى تۇرغاندا، ھىجىرىيە 524 -يىلى "ئامىر بىئەھكامىللاھ" دېگەن خەلىپىنىڭ دەۋرىدە قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرگەن.

ھىجىرىيەنىڭ يەتتىنچى ئەسىرىدە  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى پائالىيىتىنى تۈنجى قېتىم "ئىربىل" شەھرىدە پەيدا قىلغان كىشى پادىشاھ مۇزەپپەر ئەبۇ سەئىد ئېدى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ پائالىيەت داۋاملىشىپ بىزنىڭ ھازىرقى كۈنىمىزگىچە داۋام قىلدى، كىشىلەر بۇ پائالىيەتنى كېڭەيتتى، ئىنسان ۋە جىنلاردىن بولغان ئىزىتقۇلارنىڭ ئىلھامى بىلەن كۆڭلى خالىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى پەيدا قىلدى". [ئەل ئىبدا پى مەزارىل ئىبتىدا 251-بەت].

ئىككىنچى: ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى پائالىيىتىنى قىلىمىز دېگەن سوئالدا: كىم سىزگە بىزنىڭ قىلغان بارلىق ئىشلىرىمىزنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە، ساھابىلەر ياكى ئەگەشكۈچىلەرنىڭ  يەنى تابىئىنلارنىڭ دەۋرىدە مەۋجۇت بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى؟دەپتۇ، بۇ سۆز ئۇلارنىڭ  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنى نۇرغۇن ھەدىسلەردە ئاگاھلاندۇرغان "بىدئەت" دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى بىلمىگەنلىكىدىندۇر، ئۇ سۆزنى دېگۈچى بولسا، بۇ ئىشلارنى چوقۇم ئاللاھ تائالاغا يېقىنلاشتۇرىدىغان تائەت-ئىبادەتلەردىن دەپ چۈشۈنۈپتۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنى قىلىشقا بۇيرىمىغان ئىشلارنى ئىبادەت دەپ ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىمەن دېيىش توغرا بولمايدۇ، بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىدئەتتىن توسقانلىقىمق ئىپادىلەيدۇ.

بىدئەت دېگەن شەرىئەتتە يولغا قويۇلمىغان ئىشلار بىلەن ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش نىيىتى بىلەن قىلىشتىن ئىبارەتتۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ھۈزەيپە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ئىبادەت دەپ قىلمىغان ئىشلارنى سىلەرمۇ ئىبادەت دەپ قىلماڭلار".  (يەنى ساھابىلار قىلمىغان ئىشلارنى سىلەرمۇ ئىبادەت دەپ قىلماڭلار).

بىدئەت توغرىسىدا ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلارنىڭ دەۋرىدە دىن دەپ بېكىتىلمىگەن ئىشلار بۈگۈنكى كۈندە دىن دەپ ئېتىراپ قىلىنمايدۇ". يەنى:  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە دىن دەپ قارالمىغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىق قىلىنمايدىغان ئىشلار ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ دىن بولمايدۇ.

سوئال سورىغۇچى بايان قىلغان: (جەرھى ۋە تەئدىل) ئىلمى بولسا، بىدئەتچى ياخشى بىدئەت ۋە ناچار-يامان بىدئەت دەپ تۈرگە ئالىدىغانلارنىڭ قارىشىدا، ئەيىپلەنمەيدىغان-سۆكەلمەيدىغان بىدئەتتۇر. ئۇلار بۇنىڭغا قېتىپ بىدئەتنى بەش تۈرلۈك تەكلىپ ئەھكاملىرى بويۇنچە(ۋاجىپ، مۇستەھەپ، مۇباھ، ھارام ۋە مەكرۇھ) دەپ تۈرگە ئايرىيدۇ، بۇ شەكىلدە تۈرگە ئايرىشنى ئىز ئىبنى ئابدۇسسالام بايان قىلغان بولۇپ، بۇ قاراشنى شاگىرتى قۇراپىمۇ كۈچلەندۇرگەن.

ئىمام شاتىبىي قۇراپىينىڭ بۇ تەقسىماتىغا رازى بولۇپ ۋە ئۇنىڭغا رەت قايتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ شەرئى دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلانمىغان، يېڭىدىن كەشىپ قىلىنغان تەقسىماتتۇر، بەلكى بۇ ئۆزىدىلا بىر-بىرىگە زىتتۇر، چۈنكى بىدئەتنىڭ ھەقىقىتى دېگەن:  شەرئى دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلانمىغان ئىشتۇر، بۇنىڭ قۇرئان-ھەدىستىنمۇ ۋە ئۇسۇل-قائىدىلەردىنمۇ دەلىلى يوقتۇر. مۇبادا بۇ يەردە ئۇنىڭ شەرىئەتتە يولغا قويۇلغان ۋاجىپ، مۇستەھەپ ياكى مۇباھ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان دەلىل بولغان بولسا ئېدى، ئۇ، بۇ يەردە بىدئەت بولمايتتى، ئۇ ئەمەل شەرىئەتتە قىلىشقا بۇيرۇلغان ياكى قىلىش ئىخىتىيارلىقى بېرىلگەن ئومۇمى ئەمەللەرنىڭ قاتارىدىن بولاتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن بىدئەت دەپ سانالغان ئاشۇ ئىشلارنىڭ ئارىسى بىلەن شەرىئەتتە ئۇنى قىلىشنىڭ ۋاجىپ ياكى مۇستەھەپ ياكى مۇباھ ئىكەنلىكىگە دەلىل بايان قىلىنغان ئىشلارنىڭ ئارىسىنى جۇغلاش بولسا، ئىككى زىت بولغان نەرسىنىڭ ئارىسىنى جۇغلاشتۇر.

يېڭى كەشىپ قىلىنغان نەرسىلەردىن مەكرۇھ ۋە ھارام بولغانلىرىنى ئۇنىڭ باشقا تەرەپتىن ئەمەس بەلكى بىدئەت بولغانلىقى تەرەپتىن قوبۇل قىلىمىز، چۈنكى مۇبادا ئۇنى چەكلەش ياكى مەكرۇھ دېگەنلىكىگە دەلىل بايان قىلىنغان بولسا ئېدى بۇ بۇيرۇق بولاتتى، بۇ بۇيرۇق ئۇنىڭ  ئادەم ئۆلتۈرۈش، ئوغۇرلۇق قىلىش، ھاراق ئىچىش دېگەندەك ئاسىيلىق بولغانلىقى ئۈچۈن بىدئەت بولغانلىقىنى ئىسپاتلىمايتتى، بۇنداق بولغاندا بۇ تۈرگە ئايرىشتا بۇنىڭ ھەرگىزمۇ بىدئەت بولغانلىقى تەسەۋۋۇر قىلىنمايتتى بەلكى ئۇ ئۆز بابىدا زىكىر قىلىنغان مەكرۇھ ۋە ھارامدىن ئىبارەت بولاتتى.

ئىمام قۇراپىينىڭ  شاگىرتلىرىنىڭ بىدئەتنى ئىنكار قىلغانلىقىنى بايان قىلىشى توغرا، ئەمما بىدئەتنى تۈرلەرگە ئايرىشى توغرا ئەمەس، پىكىر ئىختىلاپلىرى توقۇنۇشىغا قارىماي، ھەمدە ئورتاق قاراشنى بۇزۇشتا ئۇنىڭدىن نېمە تەلەپ قىلىنىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، قانداق قىلىپ بىرلىك ھاسىل قىلغىلى بولىدىغانلىقى ھەيران قالارلىق، گوياكى قۇراپىي بۇ شەكىلدە تۈرگە ئايرىشتا ھېچ ئويلانماستىنلا ئۇستازى شەيخ ئىبنى ئابدۇسالامغا ئەگەشكەن.

ئاندىن ئىبنى ئابدۇسالامنىڭ بىدئەتنى بۇ شەكىلدە تۈرگە ئايرىشتىكى ئۈزۈرسىنى بايان قىلدى، چۈنكى ئۇ" مەسالىھۇل مۇرسەلە"نى (ئورتاق مەنپەئەتلەرنى) بىدئەت دەپ ئاتىغان، ئاندىن مۇنداق دەيدۇ:  قۇراپىينىڭ شەيخىنىڭ نىيىتىگە ۋە كىشىلەرنىڭمۇ نىيىتىگە زىت ھالدا بۇ بۆلەكلەرنى نەقىل قىلىشىغا ھېچقانداق باھانە يوق، چۈنكى ئۇ مۇشۇ تۈرگە ئايرىشتا ھەممەيلەننىڭ قارىشىغا زىت ئىش قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ، ھەممەيلەننىڭ بىرلىككە كەلگەن ئورتاق قارىشىغا قارشى چىقتى. [" شاتىبىينىڭ "ئەل ئىئتىسام"  152- -153 بەت]. مۇمكىن بولسا كىتابنىڭ ئۆزىگە مۇراجىئەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز چۈنكى شاتىبىي رەھىمەھۇللاھ كىتابتا بەك گۈزەل ۋە مۇكەممەل شەكىلدە رەددىيە بەرگەن.

ئىز ئىبنى ئابدۇسالام رەھىمەھۇللاھ ۋاجىپ بولغان بىدئەتنى تەقسىم قىلىشقا مىسال بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:  ۋاجىب بولغان بىدئەتنىڭ مىسالى:

بىرىنچى:  گرامماتىكا ئىلمى بىلەن مەشغۇل بولۇش، بۇ ئارقىلىق ئاللاھنىڭ كالامىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنى چۈشىنىشنى مەقسەت قىلىش ئۈچۈن ۋاجىپتۇر، چۈنكى شەرىئەتنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋاجىپ، بۇنى مۇھاپىزەت قىلىش پەقەت ئۇنى بىلىش بىلەن بولىدۇ، ۋاجىپ ئۇنىڭ بىلەن تامام بولىدىغان نەرسىنى بىلىشمۇ ۋاجىپ بولىدۇ.

ئىككىنچى:  ئەرەب تىلى ئارقىلىق قۇرئان ۋە ھەدىستە لۇغەتتە  كەلگەن، نادىر-كۆپ قوللىنىلمايدىغان سۆزلەرنى مۇھاپىزەت قىلىش.

ئۈچىنچى" ئۇسۇل پىقھى" ئىلام قانۇنشۇناسلىقىنىڭ پىرىنسىپلىرىنى كودلاشتۇرۇش.

تۆتىنچى:  كېسەلدىن ساقنى، ئىللەتلىكتىن ساغلامنى ئايرىش ئۈچۈن "تەنقىد ۋە ماختاش" (جەرھى ۋە تەئدىل) كېرەك بولىدۇ، بۇ توغرىدا ئىسلام قانۇنىنىڭ قائىدىلىرى ئىسلام قانۇنىنى قوغداشنىڭ ھەر بىر شەخستىن تەلەپ قىلىنىدىغاندىن تاشقىرى ئورتاق مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ئىسلام قانۇنىنى قوغداش پەقەت بىز يۇقىرىدا بايان قىلغان نەرسىلەر بىلەن بولىدۇ".  [قەۋائىدۇل ئەھكام پى مەسالىھۇل ئەنام 2 -توم 173 -بەت].

ئىمام شاتىبىي بۇنىڭغىمۇ رەددىيە بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئىز ئىبنى ئابدۇسالامنىڭ دېگەن سۆزى يۇقىرىقىلاردىن ئىباەرت بولۇپ، ئۇنىڭ ۋاجىپ بولغان بىدئەتنىڭ مىساللىرىدىن دەپ كەلتۈرگىنى:  ۋاجىپ ئۇنىڭ بىلەن تامام بولىدىغان نەرسىنىڭ ئۆزى ۋاجىپ بولۇپ، بۇنىڭ ئىلگىرىكى سەلەپلەرنىڭ ئەمەل قىلغان بولىشى شەرت ئېتىلمەيدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۈچۈن شەرىئەتتە مەخسۇس ئەسلى بولۇشمۇ شەرت ئەمەس، چۈنكى ئۇ بىدئەت ئەمەس بەلكى "مەسالىھۇل مۇرسەلە"  (ئورتاق مەنپەئەتلەر) بابىدىن ھېسابلىنىدۇ دېگەندىن ئىبارەتتۇر".  [ئەل ئىئتىسام 157-158 -بەت].

بۇ رەددىيەنىڭ خۇلاسىسى:  بۇ ئىلىملەرنى شەرىئەتتە سۆكەلگەن بىدئەت دەپ سۈپەتلەش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى دىننى مۇھاپىزەت قىلىش، سۈننەتنى مۇھاپىزەت قىلىش، شەرئى ئىلىملەرنى، قۇرئان-ھەدىسنىڭ دەلىللىرىنى ئىنسانلارغا توغرا شەكىلدە نەقىل قىلىشقا بۇيرىغان شەرىئەتنىڭ ئومۇمى دەلىللىرى ۋە قائىدىلىرى بۇ ئىلىملەرنى ئۆگىنىشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

مۇنداق دېيىشكىمۇ بولىدۇ:  بۇ ئىلىملەرنى بىدئەت دېيىش بولسا شەرئى تەرەپتىن ئەمەس بەلكى لۇغەت ئېتىبارى تەرەپتىندۇر، شەرئى تەرەپتىن بولغان بىدئەتلەرنىڭ ھەممىسى سۆكىلىدۇ-ئەيىبلىنىدۇ، ئەمما لۇغەت تەرەپتىن بولغان بىدئەتلەرنىڭ بەزىسى مەدھىيلىنىدۇ، بەزىسى ئەيىبلىنىدۇ.

ھاپىز ئىبنى ھەجەر ئەسقەلانى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىسلام پىرىنسىپىدا بىدئەت ئەيىبلىنىدۇ، لۇغەتتە ئۇنداق ئەمەس، ئىلگىرىكى ئۆرنەكسىز پەيدا بولغان ھەرقانداق نەرسە مەدھىيلەنسۇن ياكى سۆكەلسۇن ئوخشاشلا بىدئەت دېيىلىدۇ". [پەتھۇل بارى 13 -توم 253 -بەت].

يەنە مۇنداق دەيدۇ: "ئىلگىرىكى ئۆرنەكسىز پەيدا بولغان ھەرقانداق نەرسە بىدئەتتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ لۇغەتتە مەدھىيىلىنىدىغان ۋە ئەيىبلىنىدىغان ھەممىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، شۇنداقلا، لۇغەت جەھەتتىن مەدھىيىلىنىدىغان بولسىمۇ شەرىئەت پىرىنسىپىدا سۆكىدىغان نەرسىمۇ بىدئەت دېيىلىدۇ" . [پەتھۇل بارى 13 -توم 340 -بەت].

ھاپىز ئىبنى ھەجەر ئەسقەلانى رەھىمەھۇللاھ"سەھىھۇل بۇخارى" قۇرئان ۋە سۈننەتكە چېڭ ئېسىلىش بۆلىمىنىڭ 2 -بابىدا7277  -ھەدىستە ئىلاۋە قىلغان.

شەيخ ئابدۇراھمان بەراك رەھىمە ھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " بىدئەتلەرنى بۇ شەكىلدە تۈرگە ئايرىش تىل تەتقىقاتى (لۇغەت) تەرەپتىن توغرا، ئەمما شەرىئەت پىرىنسىپىدا بىدئەتلەرنىڭ ھەممىسى ئازغۇنلۇقتۇر. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «دىندا ئىشلارنىڭ ئەڭ يامان-ناچارلىرى يېڭىدىن پەيدا بولغانلىرىدۇر، ھەرقانداق بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر»، بىدئەت توغىرىسدا مۇشۇنداق ئومۇمى ھۆكۈم تۇرماقلىقى بىلەن بىدئەتتىن بۇ ۋاجىپ ياكى مۇستەھەپ ياكى مۇباھ دەپ تۈرگە ئايرىش توغرا بولمايدۇ، بەلكى بىدئەت دېگەن دېندا ياكى ھارام بولىدۇ ياكى مەكرۇھ بولىدۇ. خۇسۇسەن:  بامدات نامىزى ۋە ئەسىر نامىزىدىن كېيىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش بولسا مۇباھ بولغان بىدئەتلەردىن بولۇپ، ئۇمۇ مەكرۇھ بولغان بىدئەتلەردىندۇر".

چۈشىنىش تەلەپ قىلىنىدىغان ئىشلاردىن:  بىر ئىشنى قىلىشنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ تولۇق بولىشى، چەكلىمە بولماسلىقى، ئۇ ئىشنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلارنىڭ دەۋرىدە قىلىنغانلىقى قاتارلىق تەرەپلەرگە نەزەر سېلىش تەلەپ قىلىنىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغانلىقى، ساھابىلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى بەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى سەۋەپ ساھابىلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەپ، پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىنى يولغا قويۇشى ئۈچۈن يېتەرلىك ئېدى، بۇ پائالىيەتنى قىلىشتىن چەكلەيدىغان ھېچ بىر چەكلىمە يوق ئېدى، مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلارنىڭ بۇنى قىلمىغانلىقىدىن بۇ ئىشنىڭ يوللۇق ئەمەس ئىكەنلىكى بىلىنىدۇ، ئەگەر يوللۇق بولغان بولسا ئېدى، ئەلۋەتتە ئۇلار ياخشى ئىشلاردا بارلىق ئىنسانلاردىن ئىلگىرى بولاتتى.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "شۇنىڭدەك بەزى كىشىلەرنىڭ پەيدا قىلغان بۇ ئىشلىرى ياكى خرىستىئانلارنىڭ ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى پائالىيىتىنى تەبرىكلەشكە ئوخشاپ قالىدۇ ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە ئۇنى ئۇلۇغلاش ئۈچۈن قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى توغرىسىدا ئالىملارنىڭ قارىشى ئوخشاش بولماي تۇرۇغلۇق، بىر كۈننى خاس قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش پائالىيتى قىلىۋالغان بىدئەتلىرىگە ئەمەس بەلكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بولغان سۆيگۈسى ۋە تېرىشچانلىقىغا ساۋاپ بېرىدۇ، ئەمما بۇ ئىشنى سەلەپلەر  قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان ئامىللارنىڭ تولۇق بولماقلىقى، ئۇنىڭدىن چەكلەيدىغان چەكلىمىلەرنىڭ بولماسلىقى  بىلەن تۇرۇقلۇق قىلمىغان، مۇبادا بۇ تولۇق ياخشى ئىش ياكى ياخشىلىقى كۈچلاندۇرۇلغان ئىش بولسا ئېدى، ئەلۋەتتە ئۇلار بۇ ئىشنى قىلىشقا بىزدىنمۇ بەك ھەقلىق ئېدى، چۈنكى ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى بىزدىنمۇ بەك ياخشى كۆرەتتى، ۋە ئۇلۇغلايتتى، ھۆرمەتلەيتتى، ئۇلار ياخشى ئىشلارنى ئىلگىرى قىلىشقا بەك ھېرىسمەن ئېدى، ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتى:  دىنى ئىشلاردا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش، ئىتائەت قىلىش، بۇيرۇقىغا بويسۇنۇش، ھېسسى ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن ئۇنىڭ سۈننەتلىرىنى ئەھيا قىلىش، ئۇ ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلىك چاقىرىقىنى تارقىتىش، بۇنىڭ ئۈچۈن مېلى ۋە جېنىنى پىدا قىلىپ  قولى بىلەن، تىلى بىلەن ۋە دىلى بىلەن بولسىمۇ جىھاد قىلىش قاتارلىقلار ئىلگىرىكى مۇھاجىرلار، ئەنسارىلار ۋە ياخشىلىقتا ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرنىڭ تۇتقان يولىدۇر" . [توغرا يول تەقەززاسى(ئىقتىزائۇس سىراتىل مۇستەقىيم)  294-295 -بەت].

بۇ توغرا سۆز شۇنى بايان قىلىپ بېرىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ياخشى كۆرۈش ۋە ھۆرمەت قىلىش دېگەن: ئۇنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىش، ئۆگىنىش، كىشىلەرگە تارقىتىش، ئۇنى مۇداپىئە قىلىش بىلەن بولىدۇ. مانا بۇ ساھابىلارنىڭ -ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن- تۇتقان يولىدۇر.

ئەمما كېيىنكى دەۋرىدە كەلگەنلەر ئۆزلىرىنى ئالدىدى، مۇشۇنداق تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى بىلەن باشقىلارنى قايمۇقتۇردى، ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى ئىپادىلەيمىز دەپ ئويلىدى، ئەمما ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىنى گۈللەندۈرۈش، ئۇنىڭغا ئەگىشىش، كىشىلەرنى ئۇنىڭغا دەۋەت قىلىش، ئىنسانلارغا سۈننەتنى تەلىم بېرىش ۋە ئۇنى مۇداپىئە قىلىش جەھەتلەردە بەك يىراقتا ئېدى.

ئۈچىنچى:  بۇ مۇنازىرىنىڭ ئىبنى كەسىر ( ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) نېمە دەپ قارىغانلىقىغا، يەنى ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەشكە رۇخسەت قىلغانلىقىغا كەلسەك، ئۇ بىزگە ئىبنى كەسىر (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) نىڭ بۇنى قەيەردە دېگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرسۇن، چۈنكى بىز ئۇنىڭ بۇنداق سۆزلەرنى قايسى كىتابتا دېگەنلىكىنى تاپالمىدۇق. بىز ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھنىڭ بۇ بىدئەتنى قوللاش ياكى تەشۋىق قىلىشتىن  مۇستەسنا دەپ قارايمىز ۋە بۇ قاراشنى رەت قىلىمىز.

ھەممىدىن ياخشىنى ئاللاھ بىلىدۇ.

مەرجەلەر

بىدئەتچىلىك

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

Previous
كېيىنكى
at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android