پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

دەرسلىكلەرنى ئىخچاملاشتۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارغا سېتىپ بېرىپ، ئۇلارنى باشقىلارغا كۆپەيتىپ بېرىشتىن چەكلەش توغرىسىدا

سۇئال

   بىزنىڭ مەكتەپتە پاكۇلتۇتىنىنىڭ سىرتىدا  بىر دۇكان بولۇپ، ئۇ يەردە مەكتەپ دەرىسلىكلىرىنى ئىخچاملاشتۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارغا نورمال باھادا سېتىپ بېرىدۇ، بۇنى سېتىۋالالمايدىغان بەزى ئوقۇغۇچىلارمۇ بار، لېكىن بۇنى ساتقۇچى، مېنىڭ رۇخسىتىمسىز بۇنى باشقىلارغا كۆپەيتىپ بېرىشكە ياكى كۆچۈرۈپ بېرىشكە بولمايدۇ دەپ شەرت قىلىدۇ، يەنى ھەممە ئوقۇچىلارنى سېتىۋالسۇن دەپ شۇنداق قىلىدۇ، مېنىڭ سوئالىم: بۇنداق شەرت قىلسا توغرا بولامدۇ؟ بىر قانچە ئوقۇغۇچى بىرلىشىپ پۇل توپلاپ بىرنى سېتىۋېلىپ تەڭ ئوقۇسا توغرا بولامدۇ؟ بۇنىڭغىمۇ ئۇ كىشىدىن رۇخسەت ئىلىش كېرەك بولامدۇ؟ ياكى ئۇ كىشى قىسقارتىلما دەرىسلىكنى ئوقۇغۇچىلارغا ساتقاندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلار قايسى شەكىلدە بولسا ئۆز-ئارا پايدىلانسا بولامدۇ؟ سېتىۋالغۇچىنىڭ سېتىۋالغان نەرسىنى خالىغانچە ئىشلىتىش ھوقۇقى يوقمۇ؟ ئەگەر مەن كىتابنىڭ پۇلىنى يەنە بىر ساۋاقدىشىم بىلەن تەڭ بۆلۈشۈپ سېتىۋېلىپ ئورتاق پايدىلانساق چوقۇم توغرا بولىدۇ دەپ قارايمەن؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

  بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    بۇ مەسىلىدە يېزىش ۋە كەشىپ قىلىش ھەققىنى بىلىشكە قاراش كېرەك، چۈنكى بۇ شەرىئەتتە ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان ھەق-ھوقۇقلاردىن بولۇپ، باشقىلارنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلىش توغرا بولمايدۇ، بۇ يېزىش ھەققىنى تۇرغۇزۇش ۋە داۋاملاشتۇرۇشقا ئوخشاش ئومۇمى مەنپەئەتىدىن بولغان ھەقنى مۇھاپىزەت قىلىشقا، باشقىلارنىڭ خىزمىتى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن كەسىپ قىلىشتىن چەكلەشكە  ئىلىپ بارىدۇ، شەرت قىلغان ۋە كېلىشىم قىلىنغان ئىشلارغا ۋاپا قىلىش زۆرۈر بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا أَوْفُوا بِالْعُقُودِ﴾ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! ئەھدىلەرگە يەنى ئاللاھ بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ۋە سىلەرنىڭ ئۆز ئاراڭلاردىكى ئەھدىلەرگە ۋاپا قىلىڭلار. »

[سۈرە مائىدە  1-ئايەت].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمانلار قىلغان شەرتلىرىگە ۋاپا قىلىدۇ». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان3594-ھەدس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ،  ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

    ئەگەر دەرىسلىكنى يازغۇچى ياكى نەشىر قىلغۇچى ساتقاندا ئۆزىڭىز پايدىلىنىسىز، باشقىلارغا كۆچۈرۈپ بەرمەيسىز ياكى كۆپەيتىپ بەرمەيسىز دەپ شەرت قىلغان بولسا، بۇنىڭغا رائىيە قىلىش كېرەك بولىدۇ، ئەگەر بۇنىڭغا رائىيە قىلمىغاندا نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار بىر-بىرىگە كۆچۈرۈپ ۋە كۆپەيتىپ بېرىپ كىتاپنى سىتىۋېلىشتىن بىھاجەت بولىدۇ شۇنىڭ بىلەن كىتاپنى تۈزگۈچىگە زەرەر بولىدۇ.

    يېزىش ھەققى ۋە كەشىپ قىلىش ھەققى توغرىسىدىكى ئالىملارنىڭ سۆزلىرىنى ئىلگىرى بايان قىلدۇق.

    ئەمما بىر گۇرۇپا ئوقۇغۇچىلارنىڭ شېرىكلىشىپ بىر نۇسخا سېتىۋېلىپ ئۆز-ئارا پايدىلىنىشى توغرا بولىدۇ، بۇنىڭدىن چەكلىنىدىغان بىر چەكلىمە يوق.

  ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى