جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

جازانە (رىبا) نى تونۇشتۇرۇش ۋە جازانىگە ياردەم بېرىدىغان ئىشلارنى قىلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

جازانە دېگەن نېمە؟ دۇنيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد مەنبىيى جازانە قەرزى بىلەن بولىدۇ، قىلغان خىزمەتلىرىمىز ئۈچۈن ھەق ئالساق شۇ دۆلەتنىڭ جازانە تۈزۈمىگە ياردەم بەرگەنلىك بولامدۇ؟ (يەنى ئاساسلىق ئىقتىسادى جازانە بىلەن بولىدىغان دۆلەتنىڭ پۇلىنى ئىشلىتىش شۇ دۆلەتنىڭ جازانە ئىقتىسادىغا ياردەم بەرگەنلىك ھېسابلىنامدۇ؟)، جازانە بانكىلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان كادىرلار جازانە مۇئامىلىسىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ، بانكىغا قوغدىغۇچى بولغانلارمۇ شۇنداق، ئۇلار باشقا خىزمەت تېپىپ ئىشلىشى كېرەكمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

جازانە: مەلۇم بىر نەرسىدە زىيادە قىلىش بولۇپ، ئۇ ئەرەبچىدىكى ئارتۇق، زىيادە دېگەن مەنادىكى سۆزدىن تۈرلەنگەن بولۇپ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَا آتَيْتُم مِّن رِّبًا لِّيَرْبُوَ فِي أَمْوَالِ النَّاسِ فَلَا يَرْبُو عِندَ اللَّـهِ﴾ تەرجىمىسى: سىلەر كىشىلەرنىڭ پۇل - مېلى ئىچىدە ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بىرەر پۇل - مال بەرسەڭلار، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇ ئۆسمەيدۇ. [سۈرە رۇم 39-ئايەت]. يەنى ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئارتۇق، زىيادە بولمايدۇ، ئايەتتە: كىشىلەرنىڭ پۇل- مېلى ئىچىدە ئۆستۈرۈش ئۈچۈنيەنى كۆپەيتىش ئۈچۈن دەپ بايان قىلىنغان.

جازانىنىڭ ئەسلىسى: جاھىلىيەت دەۋرىدە كىشىلەرگە بېرىلگەن قەرزنىڭ ۋاقتى توشقاندا، قەرزنى قايتۇرۇش تەلەپ قېلىنىدۇ، قەرز ئىگىلىرى: يۈز يۈەن پۇلنى قايتۇرغىن، ئەگەر قايتۇرمىساڭ قەرزنى كېچىكتۈرگەنلىك ئۈچۈن ئەللىك يۈەن زىيادە قىلىمىز دەيدۇ. يەنە ۋاقىت توشقاندا، يۈز ئەللىك يۈئەننى قايتۇرغىن ۋاقىتنى كېچىكتۈرسەڭ قەرزنى ئىككى يۈز يۈەن قىلىمىز دەيدۇ... ئۇلار شۇ شەكىلدە زىيادە قىلىدۇ.

ئىسلام شەرىئىتى يەنە بىر تۈردىكى جازانىنى چەكلىدى، ئۇ بولسىمۇ: ئارتۇق ئىلىش جازانىسى، جىنسى بىر بولغان نەرسىنى شۇ جىنستىكى يەنە بىر نەرسىگە ساتقاندا، ئىككى جىنسنىڭ بىرىنى ئارتۇق قىلىش يەنى ئالتۇننى ئالتۇنغا ساتقاندا نەخمۇ-نەخ ۋە تەڭ-باراۋەر سېتىش كېرەك،. بۇنىڭدا نەخمۇ-نەخ ۋە تەڭ-باراۋەر سېتىش شەرت قىلىنىدۇ. كىمكى زىيادە قىلسا ياكى زىيادىلىكىنى تەلەپ قىلسا، جازانە قىلغان بولىدۇ، ئەگەر بىر كىلو بۇغداينى ئىككى كىلو بۇغدايغا نەخمۇ-نەخ ساتقان بولسىمۇ جازانە قىلغان بولىدۇ.

ئىقتىساد مەنبىيى پرىنسىپى ئىسلام دۆلەتلىرى ياكى غەيرى ئىسلام دۆلەتلىرىدە مەۋجۇت بولۇپ، بۇنىڭدىن زىيادە بولىدىغان ۋە كۆپىيىدىغان ئاساسلىق ئىقتىسادنى ئايلاندۇرۇش مەقسەت قىلىنىدۇ. قەرزىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇلار قەرزنى تاپشۇرىدىغان ۋاقىتتا زىيادە قىلىپ بېرىشنى شەرت قىلىپ قەرز بېرىدۇ، بۇنىڭ ئۆزىمۇ ئوچۇق جازانە ھېسابلىنىدۇ.

ئاساسلىق ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش پرىنسىپى تىجارەت بولسا، پايدا مال ئىگىسى بىلەن تىجارەت قىلغۇچى ئارىسىدا ئوخشاش بولسا، بۇ شېرىك تىجارەت قىلىش دىيىلىدۇ، ئەگەر ئاساسلىق ئىقتىساد پايدىدىن ئايرىم بولغاندا بۇ شەكىلدىكى تىجارەت دۇرۇس بولىدۇ.

ئەگەر بۇ ئىقتىساد جازانە بانكىسىغا قويۇلسا، ئۇنىڭدىن ئۆسۈم ئالسا بۇ ھارام بولىدۇ، بۇنى ئىستىمال قىلىشمۇ توغرا بولمايدۇ. جازانە بانكىسى بىلەن مۇئامىلە قىلىشمۇ توغرا بولمايدۇ. ئۆسۈم بىلەن قەرز ئېلىشمۇ توغرا بولمايدۇ، جازانە ئاساسىغا تۇرغۇزۇلغان پرىنسىپقا ياردەم بېرىدىغانھەرقانداق بىر خىزمەتنى قىلىپ ئۇنىڭ بەدىلىگە ھەق ئېلىشمۇ توغرا بولمايدۇ. ئەمماھاجەت بولغاندا ۋە دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا دوللار ۋە يورۇغا ئوخشىغان چەتئەل پۇللىرىنى ئىشلەتسە بولىدۇ. چۈنكى دۇنيادىكى ئىسلام دۆلەتلىرى ۋە غەيرى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ كۆپچىلىكىدوللارنى ئېتىراپ قىلىدۇ، ئېھتىياجلىق بولغاندا بۇنىڭ بىلەن مۇئامىلە قىلسا دۇرۇس بولىدۇ. ئەگەر دوللار ۋە يورۇنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان ئىسلامى پۇل بىرلىكى مەۋجۇت بولسا ئەلۋەتتە ئۇنى قوللىنىش لازىم.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى جىبرىين رەھىمەھۇللاھ