قەبرە ئۈستىگە گۈمبەز-قۇببىلەرنى ياساش ھارام بولىدۇ، بۇنداق قىلىش قەبرە ئەھلىنى ئۇلۇغلاش، قەبرە ساھىبىغا چوقۇنۇش ۋە ئۇنى ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈشكە ئېلىپ بارىدىغان ۋاسىتە بولۇپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنىڭدىن چەكلىگەن، رېئاللىققا نەزەر سالغاندىمۇ قەبرە ئۈستىگە كاتتا گۈمبەز ۋە قۇببىلەرنى بىنا قىلغان ئورۇنلاردا كىشىلەر بۇ قەبرە ساھىبلىرىنى ئاللاھقا شېرىك قىلىپ ئىلتىجا قىلغان ۋە دۇئا قىلغان.
قەبرە ساھىبلىرىگە دۇئا قىلىپ يېلىنىش، قىيىنچىلىقلارنى ئېچىپ بېرىش ئۈچۈن ئۇلاردىن ياردەم تەلەپ قىلىش ئىنساننى ئىسلامدىن چىقىرىۋېتىدىغان چوڭ شېرىكتۇر. ئاللاھدىن ياردەم سورايمىز".
ھۆرمەتلىك ئۇستاز مۇھەممەد بىن ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ "ئەقىدە پەتىۋاسى" 26 -بەت.
بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 83133 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.