چارشەنبە 15 شەۋۋال 1445 - 24 ئاپرىل 2024
Uygur

ھېيت-بايراملاردا ھەدىيە-سوۋغات بېرىش بىدئەت بولامدۇ؟

سۇئال

روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت بايراملىرىدا ئائىلىدىكى بەزىلەرگە ھەدىيە-سوۋغات بەرسەم، بۇنى ھەر يىلى داۋاملاشتۇرسام توغرا بولامدۇ ياكى بىدئەت بولامدۇ؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت بايراملىرىدا ئائىلىسىدىكىلەر ۋە ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىغا ھەدىيە-سوۋغات بەرسە توغرا بولىدۇ، چۈنكى بۇ خۇرسەنلىك كۈنلىرىدۇر، بۇ كۈنلەردە ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۇلاش، ياخشىلىق قىلىش، يېمەك-ئىچمەكنى كەڭرى قىلىش بىدئەت بولماستىن بەلكى دۇرۇس بولغان ياخشى ئىش گۈزەل ئادەتتۇر، دىننىڭ شۇئارىدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن يېڭى يىل بايرىمى، تۇغۇلغان كۈن بايرىمى، شەئباننىڭ يېرىمى قاتارلىق بايرام بولمىغان بىدئەت كۈنلەردە خۇرسەنلىك ۋە خوشاللىقنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ھەدىيە-سوۋغات تەقدىم قىلىش چەكلىنىدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "كىشىلەرنىڭ ھېيت-بايرام كۈنلىرىدە بىر-بىرىگە ھەدىيە-سوۋغات تەقدىم قىلىشى، بىر-بىرىنى يېمەككە چاقىرىشى، بىر يەرگە توپلىشىپ خۇرسەنلىكنى ئىپادىلىشى توغرا بولغان ئادەت ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى بۇ بايرام كۈنلىرىدۇر. ھەتتا ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھېيت-بايرام كۈنلىرىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئىككى دېدەك نەغمە قىلىۋاتاتتى، ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇئەنھۇ ئۇ ئىككىسىنى سىلكىۋەتكەن ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: بۇلارنى سىلكىۋەتمىگىن ئۇلار دېدەك دېمەستىن بەلكى ئۇلارنى سىلكىۋەتمىگىن بۇ بايرام كۈنلىرى دېدى

    ئاللاھ تائالاغا ھەمدىلەر بولسۇنكى، مانا بۇ ئىسلام دىنىنىڭ كىشىلەرگە ئاسانلىق –كەڭىرچىلىك قىلىپ بېرىشىدۇر، بولۇپمۇ بايرام كۈنلىرىدە خۇرسەنلىك-خوشاللىق ئېشىكىنى ئېچىپ بېرىشىدۇر". ["ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 16-توم 276-بەت].

     يەنە مۇنداق دەيدۇ: "ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ئىسلام شەرىئىتىدە پەقەت ئىسلام دىنىدا بېكىتىلگەن روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيتتىن ئىبارەت يىللىق بايرام، جۈمە كۈنىدىن ئىبارەت ھەپتىلىك بايرام بار، ئەمما شەباننىڭ يېرىمىدا بايرام قىلىپ پائالىيەت قىلىش شەرىئەتتە بېكىتىلمىگەن، ئەگەر بۇ كۈندە خولۇم-خوشنىلىرى ۋە يېقىنلىرىغا خەيرى-ئېھسان، ھەدىيە-سوۋغاتلارنى قىلىش بۇ كۈننى بايرام قىلىۋالغانلىق ھېسابلىنىدۇ". [نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋالىرىدىن].

     ئانىلار بايرىمى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: "سوئالدا بايان قىلىنغاندەك ئانىلار بايرىمى دەپ ئاتالغان كۈندە خۇرسەنلىك-خوشاللىقنى ئىپادىلەش، ھەدىيە-سوۋغات تەقدىم قىلىش قاتارلىق ھېيت-بايراملارنىڭ ئالامەت-شۇئارلىرىنى پەيدا قىلىش توغرا بولمايدۇ". ["شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى"2-توم 301-بەت].

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى