جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

سودا بىلەن قەرزنىڭ ئارىسىدىكى پەرق توغرىسىدا

سۇئال

   بەزى ھەمشىرىلىرىمدىن مەلۇم مىقداردا ئالتۇن قەرز ئالدىم، مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ئوخشاش مىقداردا ئالتۇن قايتۇرىدىغانغا ۋەدە بەردىم، بۇ جازانىنىڭ بابىغا كىرەمدۇ؟، بۇ توغرىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن، ئاللاھ سىلەرگە ياخشى مۇكاپات ئاتا قىلسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: جازانىنىڭ جىنسى ۋە تۈرلىرى توغرىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كۆپ دەلىللەر كەلگەن بولۇپ، ئۇبادە ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئالتۇن ئالتۇن بىلەن، كۈمۈش كۈمۈش بىلەن، بۇغداي بۇغداي بىلەن، ئارپا ئارپا بىلەن، خورما خورما بىلەن ۋە تۇز تۇز بىلەن ئالماشتۇرۇلغاندا ۋەزنى ئوخشاش بولۇش ۋە نەخمۇ-نەخ يەنى قولمۇ-قول بولۇش كېرەك، ئەگەر تۈرى ئوخشىمىسا نەخمۇ-نەخ بولسا قانداق ساتساڭلار بولىدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى 1587-ھەدىس].

    ئىككىنچى: قەرز بېرىش توغرا بولىدۇ، جازانە بولىدىغان ماللاردا بولسۇن ياكى باشقا ماللاردا بولسۇن قەرز بېرىشنىڭ ياخشى ئىش ئىكەنلىكىگە بارلىق مۇسۇلمانلار بىرلىككە كەلگەن.

    ئىبنى قەتتان "ئەلئىقنا پى مەسائىلىل ئىجما" ناملىق ئەسەر 197-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "بىز ئىلىم ئۈگەنگەن ئالىملارنىڭ ھەممىسى ئالتۇن، كۈمۈش، بۇغداي، ئارپا، خورما ۋە تۈز قاتارلىق ئۆلچىنىدىغان ۋە كىلولىنىدىغان نەرسىلەرنى قەرز بېرىشسە توغرابولىدىغانلىققا بىرلىككە كەلدى".  

    ئۈچىنچى: سوئال سورىغۇچى ئالتۇننى قەرز ئېلىپ ئالتۇن قايتۇرۇشتا، ئۆز تۈرى بىلەن ئالماشتۇرۇپ كېچىكتۈرۈپ بەرسە جازانە بولۇپ قالامدىغاندۇ دەپ چۈشۈنۈپ قالغان. بۇنىڭ جاۋابى بىر قانچە يولدىن بولىدۇ:

    بىرىنچى: ھەدىستە قولمۇ قول بولۇش دېگەندىن تاپشۇرۇپ ئېلىش، جىنسى ئوخشىمىسا قانداق ساتساڭلار بولىدۇ دېگەندىن  سودا مەقسەت قىلىنىدۇ، بۇنىڭدا قەرزنىڭ گېپى يوق.

    ئىككىنچى: قەرز دېگەن ئىئانە قىلىش، كۆيۈنۈش، ياخشىلىق قىلىش دېمەكتۇر، سودا بۇنىڭغا  ئوخشىمايدۇ، سودا دېگەن يېنىۋالماستىن مالنىڭ ئەسلىنى ئالماشتۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.

     ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ "ئىئلامۇل مۇقىئىين ئەن رەببىل ئالىمىين" ناملىق ئەسەر 2-توم 11-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "قەرىزنى قىياسنىڭ قارشىسىدا ئۆزىنىڭ جىنسى بىلەن سودا قىلىپ تاپشۇرۇش كېچىكتۈرۈلگەن سودىغا ئوخشاتقان كىشى خاتالاش بولدى، چۈنكى قەرز دېگەن ياخشىلىق قىلىش ۋە ئىئانە قىلىش ئارىيەت بېرىش قاتارلىق يوللار بىلەن مەنپەئەتلەندۈرۈش دېمەكتۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام باشقىلارغا ياردەم قىلىشنى:«ئالتۇندەك ياكى كۈمۈشتەك ياردەم »دەپ ئاتىغان، بۇ كۆيۈنۈش ياردەم قىلىش بولۇپ مال ئالماشتۇرۇش بابىدىن ئەمەس، مال ئالماشتۇرۇش بابى بولسا، ھەر بىرى مالنىڭ ئەسلىنى قايتماسلىق يولىغا ئاساسەن بېرىدۇ، قەرزنىڭ جىنسى بولسا ئارىيەت ۋە ياردەم بېرىشنىڭ بابىدىن ھەرگىزمۇ بىر نەرسىنى سېتىشنىڭ بابىدىن ئەمەس،بەلكى كۆيۈنۈش، ئىئانە قىلىش ۋە سەدىقە قىلىشنىڭ بابىدىندۇر".

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ  "شەرھىل مۇمتىئ ئەلا زادىل مۇستەقنىئ" 9-توم 93-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "قەرز دېگەن قەرز بەرگەن كىشىنى بەرگەن قەرىزگە ئىگە قىلىش مەقسەت قىلىنىدىغان كۆيۈنۈشنىڭ قاتارىدىن بولۇپ، بۇ مال ئالماشتۇرۇش ۋە پايدا ئېلىش مەقسەت قىلىنمايدىغان كۆيۈنۈش كېلىشىمىدۇر، بۇ خاسلا ياخشىلىق قىلىشتۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن جازانە شەكلىگە ئوخشاپ قالىدىغان شەكىلدە قەرز بەرسىمۇ توغرا بولىدۇ، بىر كىشى بىر دىرھەم كۈمۈش پۇلنى يەنە بىر دىرھەم كۈمۈش پۇلغا ساتقان بولسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تاپشۇرۇپ ئېلىش ھاسىل بولمىسا، بۇ جازانە بولىدۇ، ئەگەر بىر دىرھەم كۈمۈش پۇلنى يەنە بىر ئايدىن قايتۇرۇپ بېرىدىغان بىر دىرھەم كۈمۈش پۇل ئۈچۈن قەرز بەرسە گەرچە جازانىنىڭ شەكلىدە بولسىمۇ لېكىن ئۇ جازانە بولمايدۇ، بۇ پەقەت مەقسەت ئوخشىمايدۇ،  ئەگەر مەقسەت باشقىلارغا كۆيۈنۈش، ياردەم قىلىش ۋە ياخشىلىق قىلىش مەقسەت قىلىنغان قەرز بولسا توغرا بولىدۇ".

    ئۈچىنچى: ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، كىشىلەر  بىر-بىرىدىن نەخ پۇل، ئالتۇن، كۈمۈش، ئارپا، بۇغداي، تۆگە، كالا دېگەن تۈرلۈك مال-مۈلۈكلەرنى قەرز ئېلىشىدۇ، قايتۇرغاندا ئۇنىڭ ئوخشىشىنى قايتۇرىدۇ، بۇ ئىش پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىن باشلاپ تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ، بۇ جازانە دېيىلمەيدۇ. بۇ توغرىدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يەھۇدىيدىن نېسىگە يىمەكلىك سېتىۋالدى، ئۇنىڭ بەدىلىگە ئۆزىنىڭ تۆمۈر كىيىمىنى گۆرۈگە قويدى.» [بۇخارى رىۋايىتى2251-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1603-ھەدىس].

    ئەگەر قەرىزدىمۇ نەخ تاپشۇرۇپ ئېلىشنى زۆرۈر دەپ قارىساق، جازانە ماللىرىنىڭ ھەممىسىدە قەرز يوق بولىدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇ.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى