پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

ئەقىقە قىلىنغان قوينىڭ گۆشىنى بوۋاق تۇغۇلغان يۇرتتا تارقىتىش كېرەك بولامدۇ؟

132524

تارقاتقان ۋاقىت : 22-02-2022

كۆرگۈچىلەر : 972

سۇئال

ئەقىقە قىلىنغان قوينىڭ گۆشىنى بوۋاق تۇغۇلۇپ ياشاۋاتقان يۇرتتا ئۈلەشتۈرۈپ بېرىش كېرەك بولامدۇ؟ ياكى ئۇنى باشقا يۇرتتىكى كىشىلەرگە ئۈلەشتۈرۈپ بەرسىمۇ بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە.چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

   ئەقىقە قىلىنغان قوينىڭ گۆشىنى بوۋاق تۇغۇلغان يۇرتتا ئۈلەشتۈرۈپ بەرسىمۇ ياكى باشقا يۇرتتا ئۈلەشتۈرۈپ بەرسىمۇ بولىدۇ بۇنىڭدا چەكلىمە يوق، كەڭرىچىلىك بار.

ئۇنىڭدىن قانچىلىكنى ئۆزى يەيدۇ ۋە قانچىلىكنى ئۈلەشتۈرۈپ بېرىدۇ؟ دېگەن مەسىلىگە، شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:  ئەقىقىنىڭ گۆشىدىن يەيدۇ، ھەدىيە قىلىدۇ ۋە سەدىقە قىلىدۇ، بۇنىڭدا بېكىتىلگەن مەلۇم بىر مىقدار يوق، قانچىلىك يېسە، سەدىقە قىلسا ۋە ھەدىيە قىلسا بولىدۇ، خالىسا ئۇرۇغ-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەرنى چاقىرىپ ئۆيدە ياكى باشقا جايلاردا ئولتۇرۇشۇپ زىياپەت قىلسىمۇ بولىدۇ، لېكىن ئۇ گۆشتىن مەلۇم مىقدار كەمبەغەلگە بېرىش زۆرۈر بولىدۇ، گۆشنى پىشۇرۇپ تارقىتىپ بەرسىمۇ بولىدۇ، خام ھالەتتە تارقىتىپ بەرسىمۇ بولىدۇ، ئەقىقىدە كەڭرىچىلىك بار." "[نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋاسى" 228/5 ].

    ھەقىقەتەن ئالىملار ئەقىقە قىلىنىدىغان قوينى بوۋاق تۇغۇلغان يۇرتتا ئۆلتۈرۈش ياخشىمۇ ياكى بوۋاقنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ يۇرتىدا ئۆلتۈرۈش ياخشىمۇ؟ دېگەن مەسىلىدە ئالىملارنىڭ قارىشى ئوخشىمايدۇ، بۇ ئوخشىماسلىق پەقەت ئەۋزەلنى قىلىشتا، ئەمما قەيەردە زەبىھ قىلسا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ھېچ ئىختىلاپ يوق.

    ئىبنى ھەجەر ھەيتەمى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بەلكىم بۇ مەسىلە پىتىر سەدىقىسى مەسىلىسىگە سىلىش تۇرۇپ، پىتىر سەدىقىسىمۇ شۇ ئىنسان ياشاۋاتقان يۇرتتا بېرىلىدۇ، ئەقىقىمۇ بوۋاق تۇغۇلغان يۇرتتا بولسا ياخشى بولىدۇ، بوۋاق ئۈچۈن ئەقىقە قىلىدىغان كىشى قايسى يۇرتتا بولسا شۇ يۇرتتا قىلسا ياخشى بولىدۇ". "چوڭ پەتىۋالار توپلىمى" 4-توم 257-بەت.

    شەيخ ئىبنى جىبرىين رەھىمەھۇللاھنىڭ قارىشىچە: ئەقىقە قىلىنىدىغان قوينى بوۋاق بار بولغان يۇرتتا قىلىش ياخشى بولىدۇ. شەيختىن: ئەقىقە قىلىنىدىغان قوي بوۋاق تۇغۇلغان يۇرتتا ئۆلتۈرۈلەمدۇ ياكى بوۋاقنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ يۇرتىدا ئۆلتۈرۈلەمدۇ؟ دەلىل بىلەن جاۋاپ بېرىلگەن بولسا دەپ سوئال سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: ياخشىسى قوينى بوۋاق تۇغۇلغان يۇرتتا ئۆلتۈرۈش كېرەك، ئەگەر ئاتىسى باشقا يۇرتتا بولسا، بوۋاق تۇغۇلغان يۇرتقا ئەقىقە قىلىنىدىغان قوينىڭ پۇلىنى ئەۋەتىپ، يېقىنلىرىدىن بىرىنى بۇنىڭغا ۋەكىل قىلسۇن، بۇنداق قىلىش يېڭىدىن تۇغۇلغان بوۋاقنى تەبرىكلەش، ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى تىلەكلەردە بولۇش ۋە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغا يېقىندۇر".

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

   شەيخ ئىبنى جىبرىين تور بىتىدىن.

   شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھدىن: ئەقىقە قىلىنىدىغان قوينى بوۋاق تۇغۇلغان شەھەردە ئۆلتۈرۈش شەرت قىلىنامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ : ياق دەپ جاۋاپ بەرگەن.

    ئۆلىمالار ئەقىقە ۋە قۇربانلىققا ئالاقىدار مۇھىم مەسىلىگە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى، يەنى قۇربانلىق قىلغۇچى ياكى ئەقىقە قىلغۇچى باشقا بىر يۇرتتىكى كىشىلەر كەمبەغەل، بەك ئېھتىياجلىق دەپ شۇ يۇرتقا پۇل ئەۋەتىپ  ئۇ يەردە قوي سېتىۋېلىپ قۇربانلىق ۋە ئەقىقە قىلىشى لايىق بولمايدۇ، بەلكى بۇنى ئۆز قولى بىلەن ئۆلتۈرۈشى ياكى شۇ جايغا ئۆزى كېلىشى ۋە بۇ ئىشنىڭ ئاللاھقا يېقىنلىشىدىن بىر ساۋاپلىق ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشى كېرەك بولىدۇ، بۇ يەردىكى مەسىلە پەقەت مال سەدىقە قىلىش ۋە ئىسلامى شوئار-بەلگىلەرنى بىكار قىلىۋېتىش مەسىلىسى ئەمەس.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن : ئەقىقە قىلغۇچى بوۋاق تۇغۇلغان يۇرتتا ئەقىقە قىلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق ئۇ يۇرتتا قىلماي، ئەقىقىنىڭ گۆشىنى باشقا جايدىكى كىشىلەرگە ئۈلەشتۈرۈپ بەرسە، گەرچە ئۇلارنىڭ بۇنىڭغا ھاجىتى بولمىسىمۇ توغرا بولامدۇ؟دەپ سورالغاندا، مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: سورۇنغا ھازىر بولغان ۋە بۇ دەرىسنى ئاڭلىغۇچى قىرىنداشلىرىمغا مۇشۇ سوئالغا مۇناسىۋەتلىك بىر ئىشنى بايان قىلىپ بېرىشنى ياخشى دەپ قارىدىم، ھەجدە ئۆلتۈرۈلىدىغان، قۇربانلىق ۋە ئەقىقە قىلىنىدىغان ماللاردىن بولغان مەقسەت گۆش ياكى گۆشتىن پايدىلىنىش ئەمەس، گۆشتىن پايدىلىنىش بولسا كېيىنكى ياكى ئىككىنچى ئىش، بۇلاردىن بولغان ئاساسلىق مەقسەت، ئىنسان مۇشۇ قۇربانلىق ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىشتىن ئىبارەتتۇر. گۆش مەسىلىسىدە، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: لَنْ يَنَالَ اللَّهَ لُحُومُهَا وَلا دِمَاؤُهَا وَلَكِنْ يَنَالُهُ التَّقْوَى مِنْكُمْ  تەرجىمىسى: «ئاللاھقا ئۇلارنىڭ گۆشلىرى ۋە قانلىرى يېتىپ بارمايدۇ، ئاللاھقا يېتىدىغىنى پەقەت سىلەرنىڭ تەقۋادارلىقىڭلاردۇر» [سۈرە ھەج  37-ئايەت].

    بىز مۇشۇ مەقسەتنى بىلگەن ۋاقتىمىزدا،  باشقا جايدا قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن پۇل ئەۋەتكەن ۋە باشقا يۇرتتا ئەقىقە قىلىش ئۈچۈن مال ئەۋەتكەن كىشىلەرنىڭ خاتا قىلغانلىقى ئېنىق بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار شۇنداق قىلغان ۋاقىتتا ئاللاھ تائالاغا يىقىنلىشىشتىن ئىبارەت بولغان مۇشۇ ئەمەللەرنىڭ ئەڭ مۇھىم بولغىنىنى يوقۇتۇپ قويىدۇ، ئۇ قۇربانلىقنىڭ پۇلىنى ئەۋەتىدۇ ، ئەمما قۇربانلىقنى كىمنىڭ قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، بەلكىم ناماز ئوقۇمايدىغان ياكى مالنى بوغۇزلىغاندا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاتىمايدىغان كىشى بولۇپ قالسا ياكى قۇربانلىققا لايىق نەرسە سېتىۋالماي، قۇربانلىققا يارىمايدىغان نەرسە سېتىۋالسا بۇنىڭ ھەممىسى توغرا بولمايدۇ.

     شۇنىڭ ئۈچۈن (مەزھەبكە كۆرە) قۇربانلىق ياكى ئەقىقە ئۈچۈن ئۇلاغ سېتىۋېلىشقا پۇلنى باشقا جايغا ئەۋەتىشمۇ خاتالىق ھېسابلىنىدۇ، بىز دەيمىزكى، ئەگەر قادىر بولالىسىڭىز مالنى ئۆزىڭىز بوغۇزلاڭ ياكى سىزگە ۋاكالىتەن ۋەكىل بولغان كىشى بوغۇزلىسۇن، سىز مالنى بوغۇزلاش بىلەن ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش تۇيغۇسىنى ھېس قىلىش ئۈچۈن مالنى بوغۇزلىغان جايغا كېلىڭ، ۋە ئۇنىڭ گۆشىدىن يەڭ، چۈنكى سىزنى ئۇنىڭ گۆشىدىن يېيىشكە بۇيرۇلغان. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  فَكُلُوا مِنْهَا وَأَطْعِمُوا الْبَائِسَ الْفَقِيرَ  تەرجىمىسى: «سىلەر قۇربانلىقىڭلارنىڭ گۆشىدىن يەڭلار، موھتاجقا، پېقىرغا بېرىڭلار.» [سۈرە ھەج  28-ئايەت].

    نۇرغۇن ئۆلىمالار ئاللاھ يېقىنلىشىدىغان قۇربانلىق ۋە ئەقىقىگە ئوخشاش ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرنى ئۆزىنىڭ ئاللاھغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن قىلغان قۇربانلىق، ئەقىقىسىنىڭ گۆشىنى يېيىشنى ياخشى دەپ قارىدى، ئۇ كىشى پۇلنى باشقا جايغا ئەۋەتىپ بېرىپ، يىراقتا تۇرۇپ ئۇنىڭ گۆشىدىن يىيەلەمدۇ؟ ياق، ئەلۋەتتە يىيەلمەيدۇ.

يىراقتىكى قىرىنداشلىڭىزغا ياخشىلىق قىلىپ، پايدا-مەنپەئەت يەتكۈزمەكچى بولسىڭىز ئۇلارغا ياردەمگە پۇل، كېيىم-كېچەك، ئاشلىق-يېمەك قاتارلىق نەرسىلەرنى ئەۋەتىڭ، ئەمما ئىسلامنىڭ شۇئارلىرى، ئالامەتلىرى بولغان ئىشلارنى باشقا يۇرتقا ئەۋەتىش بولسا نادانلىق ۋە جاھىللىقتۇر" . (ھەنبەلى مەزھىبىگە كۆرە). [" ئايلىق ئوچۇق سۆھبەت" 23/11  ].

     شەيخ سالىھ ئەلپەۋزان مۇنداق دەيدۇ: "قۇربانلىقنى ۋە ئەقىقىنى مۇسۇلمان كىشى ئۆزىنىڭ يۇرتىدا ۋە ئۆزىنىڭ ئۆيىدە بوغۇزلىشى ۋە ئۇنىڭ گۆشلىرىدىن يېيىشى ۋە سەدىقە قىلىشى كېرەك بولىدۇ، قۇربانلىق ۋە ئەقىقىنى باشقا يۇرتتا ئۆلتۈرۈپ تارقىتىپ بېرىش ئۈچۈن پۇل ئەۋەتمەسلىكى كېرەك، بۈگۈنكى كۈنلەردە بىر قىسىم يېڭى ئوقۇغۇچىلار ۋە بەزى كىشىلەر باشقا يۇرتتىكى كىشىلەر بەك ئېھتىياجلىق شەھەرگە ئەۋەتىش كېرەك دەيدۇ، بۇ توغرا پىكىر ئەمەس."  [شەيخ پەۋزان پەتىۋالىرىدىن تاللانما50/10.  ].

    بۇنىڭ بىلەن شۇ ئېنىق بولىدۇكى، ئەقىقىدە مۇھىم بولغان ئىش، قوينى ئەقىقە قىلغۇچى ئۆزى بوغۇزلاش ياكى ھازىر بولۇپ تۇرۇش، ئاندىن ئۇنىڭ گۆشىدىن يېيىش ۋە سەدىقە قىلىش كېرەك بولىدۇ، قالغان گۆشنى خالىغان جايغا بەرسە بولىدۇ.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى