بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
بىرىنچى: سوئال سورىغۇچى قېرىندىشىمىزنىڭ بىرنىڭ تور بېكىتىمىزدە تارقىتىلغان سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى كۆرۈپ تۇرغانلىقىغا رەھمەت -تەشەككۈر ئېيتىمىز، ئۇنىڭ كۆرۈنىشى بىر-بىرىگە زىت بولغان سوئالنى سورىشىمۇ: ئاللاھنىڭ خالىشى بىلەن مۇشۇ تور بەتتىن ئېرىشىدىغان پايدىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ۋە ئوقۇغان نەرسىلىرىدىن پايدىلىنىشقا تىرىشچانلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئىككىنچى: يۇقىرىدا ئىشارەت قىلىنغان سوئالنىڭ جاۋابىدا كەلگەن ئايەتنىڭ ئىزاھاتى بىلەن شۇ سوئالدا ئىشارەت قىلىنغان ھەدىسنىڭ ئارىسىدا ھېچ قانداق زىتلىق يوق، بۇنىڭ بايانى: ھەقىقەتەن دوزاخ ئەھلى ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:
بىرىنچى قىسم: ئاللاھقا ئىشىنىدىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىشىنىدىغان ئىمانلىق ياخشى ئەمەللەر بىلەن يامان ئەمەللەرنى ئارىلاشتۇرىۋەتكەن مۇسۇلمان بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى سادىر قىلغان گۇناھى سەۋەبىدىن دوزاخقا كىرگۈزىدۇ ۋە ئۇلارنى دوزاختا ئازاپلاشنى خالىدى.
بۇ تۈردىكىلەرنىڭ دوزاختىكى ئازابى مەلۇم بىر مۇددەتكىچە بولىدۇ، بۇ مۇددەتنى ئاللاھ تائالا ئۆزى بېكىتىدۇ، ئاندىن ئۇلارنى دوزاختىن چىقىرىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارغا ئەبەدىي جەننەتتە تۇرۇش پۈتىلىدۇ.
سوئالدا كەلگەن ۋە دوزاختىن چىقىشى بايان قىلىنغانلار بولسا، دىلىدا تەۋھىد ئەقىدىسى بار مۇسۇلمانلاردىن بولغان دوزاخ ئەھلىدۇر، ئۇلارنىڭ ھەدىستە بۇ تۈردىكى كىشىلەر بايان قىلىنىدۇ.
ئىككىنچى قىسىم: كاپىرلار، مۇناپىقلار، ئۇلارنىڭ دىلىدا تەۋھىد-ئىمان يوق، ئۇلار كاپىر، مۇشرىك، دىنسىز ۋە مۇناپىقلىق ھالىتىدە ئۆلگەنلەر.
بۇ تۈردىكى كىشىلەرنىڭ ئازابى ئەبەدىي بولىدۇ، ئەگەر ئۇلار ئاللاھنىڭ بۇيرۇغىنىنى ئىجرا قىلمىسا ئاللاھ تائالا ئۇلارنى دوزاختا ئەبەدىي قويىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى، ئاللاھنىڭ بۇيرۇغىنى بولسا: ئاللاھنى ھېچ شېرىكى يوق يالغۇز دەپ ئىشىنىش-ئېتىقاد قىلىش، دىننى ئاللاھقا خالىس قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن كاپىرلىقنى تاللىدى، دوزاختا دائىملىق ئازابتا بولۇشنى تاللىدى.
بۇ قىسىمدا: سىزنىڭ ئەۋۋەلقى سوئالىڭىزغا بېرىلگەن جاۋاپتا زىكىر قىلىنغان "ھود" سۈرىسىدىكى ئايەتلەرنىڭ ئىزاھاتى مەقسەت قىلىنىدۇ.
ئۈچىنچى: بىز يۇقىرىدا سۆزلىگەن دەلىللەردىن شۇ بىلىنىدۇكى، دوزاخقا كىرىدىغان يالغۇز بىر تۈرلۈك كىشىلەر ئەمەس بەلكى ئىككى تۈرلۈك كىشىلەر بولۇپ، بۇنىڭ بىر تۈرى دوزاختىن چىقىدۇ، ئۇلار بولسا: دىلىدا ئىمان بولغان مۇسۇلمان بولسىمۇ خاتالىق، گۇناھ-مەسىيەت سادىر قىلغانلىقى سەۋەبىدىن دوزاخقا كىرگەنلەر، دوزاختىن ئەبەدىي چىقمايدىغانلار بولسا: كاپىر-مۇشرىكلار ۋە شۇ ھالەتتە ئۆلگەنلەردۇر.
ئەمما جەننەتكە بولسا يالغۇز بىر تۈرلۈك كىشىلەر كېرىدۇ، ئۇلار بولسا: ئاللاھ يەككە-يىگانە دەپ ئېتىقاد قىلغۇچى تەۋھىد ئەھلىدۇر، بەندە جەننەتكە كىرىدىكەن، ئۇنىڭدىن ئەبەدىي چىقمايدۇ، بەلكى جەننەتتە نېمەتلىنىدۇ، بەختسىز-شەقى بولمايدۇ، نېمەتلەردىن ئايرىلىپ قىلىشتىن ئۈمىتسىزلەنمەيدۇ، ئۆلمەيدۇ، كېسەل بولمايدۇ، قېرىمايدۇ، جەننەت نېمەتلىرىنى تېتىغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن مەھرۇم قىلىنمايدۇ. سىز بۇ يەردە بەندىلەردىن ئىمان ئەھلى ۋە كۇپۇر ئەھلى ، بەخت-سائادەت ئەھلى ۋە بەختسىز-شەقىلەر ئەھلى دەپ ئىككى تۈرلۈك كىشىلەرنىڭ بار ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن ۋاقتىڭىزدا، ئاللاھ كىتابىدىكى دوزاخقا كىرگەنلەرنىڭ چىقمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى ھۆكۈمنى چۈشىنىشىڭىز مۇمكىن بولىدۇ، دوزاختىن چىقمايدىغانلاردىن: جەھەننەمدە ئەبەدىي قالىدىغان مۇشرىك-كاپىرلار مەقسەت قىلىنىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: كَذَلِكَ يُرِيهِمُ اللَّهُ أَعْمَالَهُمْ حَسَرَاتٍ عَلَيْهِمْ وَمَا هُمْ بِخَارِجِين مِنَ النَّارِ تەرجىمىسى: «ئاللاھ ئۇلارغا يامان ئىشلىرىنىڭ ھەسرەت بولغانلىقىنى مۇشۇنداق كۆرسىتىدۇ، ئۇلار دوزاختىن چىقمايدۇ» [سۈرە بەقەرە 167 -ئايەت.]
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يُرِيدُونَ أَنْ يَخْرُجُوا مِنَ النَّارِ وَمَا هُمْ بِخَارِجِينَ مِنْهَا وَلَهُمْ عَذَابٌ مُقِيمٌ تەرجىمىسى: «ئۇلار دوزاختىن چىقماقچى بولىدۇ-يۇ، ھەرگىز چىقالمايدۇ، ئۇلار دائىملىق ئازابقا قالىدۇ». [سۈرە مائىدە 37 -ئايەت. ]
ئەمما سائادەتمەن، ئىمان ئەھلى بولسا: ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ جەننەتتىن چىقمايدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلدى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَنَزَعْنَا مَا فِي صُدُورِهِمْ مِنْ غِلٍّ إِخْوَانًا عَلَى سُرُرٍ مُتَقَابِلِينَ لا يَمَسُّهُمْ فِيهَا نَصَبٌ وَمَا هُمْ مِنْهَا بِمُخْرَجِينَ تەرجىمىسى: «ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى دۈشمەنلىكنى چىقىرىپ تاشلايمىز، ئۇلار ئۆزئارا قېرىنداش بولغان ھالدا تەختلەر ئۈستىدە بىر ـ بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ، جەننەتتە ئۇلارغا چارچاش بولمايدۇ، ئۇلار جەننەتتىن چىقىرىۋېتىلمەيدۇ. » [سۈرە ھىجىر سۈرىسى 48 -ئايەت].
بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 31174-، 26792-، 45804 - نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.
تۆتىنچى: يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىشلار ئېنىق بولغاندىن كېيىن، شۇنى بىلىش كېرەككى، كاپىر دۇنيادا ساۋابقا لايىق بولىدىغان ياخشى خىزمەتلەرنى قىلىدىكەن، بۇنىڭ بەدىلىگە دۇنيادا مۇكاپاتلىنىدۇ، ئاخىرەتتە بولسا ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان مۇكاپات بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ كاپىرلىقتىن ئىبارەت ئاخىرەتتە مەنپەئەتى بولىدىغان ياخشى خىزمىتىنىڭ قوبۇل بولىشىنى چەكلەيدىغان ئىشنى قىلدى، قىلغان خىزمىتىنىڭ قوبۇل بولىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولىشى شەرت قىلىنىدۇ.
تەبەرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "تەقۋا بولمىغان، شېرىك ئەھلىدىن بىرسى دۇنيادا: سىلە-رەھىمنى ئۇلاش، قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا ياردەم قىلىش، باشقىلارغا مېھرى-شەپقەت قىلىش دېگەندەك ياخشى خىزمەتلەرنى قىلغان بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ قىلغان خىزمىتىنىڭ ساۋابىنى دۇنيادا بېرىدۇ، ئۇنىڭ تۇرمۇشى باياشات، رىزقى كەڭرىي بولىدۇ، ئائىلىسىدە خۇرسەن ياشايدۇ، دۇنيادا قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىمايدۇ، ئەمما ئاخىرەتتە بولسا ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە بېرىلمەيدۇ". ["تەپسىر تەبەرى" 15 -توم 265 -بەت. ]
ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "قازى ئىياز مۇنداق دېگەن: "گەرچە كاپىرلارنىڭ بەزىسىنىڭ ئازابى بەزىسىدىن قاتتىق بولسىمۇ لېكىن ئۇلار دۇنيادا قىلغان ياخشى ئىشلىرى ئۈچۈن ئاخىرەتتە ھېچ پايدا ۋە ساۋابقا ئېرىشەلمەيدۇ، ئۇلاردىن ئازاپمۇ يەڭگىللىتىلمەيدىغانلىقىغا ئالىملار بىرلىككە كەلگەن". ["پەتھۇل بارى" 9 -توم 48 -بەت].
شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ قىلغان ئىنسانلارغا پايدىسى بولىدىغان ياخشى خىزمەتلىرىنىڭ ئەجىر-مۇكاپىتىنى زايە قىلىۋەتمەيدۇ، لېكىن بۇنىڭ مۇكاپاتى دۇنيا بولىدۇ، ئاخىرەتتە بولسا ئىمان بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئەجىر بېرىلمەيدۇ، ئەمما مۆمىننىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرىنىڭ ئەجىر-ساۋابى بولسا دۇنيادىمۇ ۋە ئاخىرەتتىمۇ بولىدۇ.
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كاپىرلار دۇنيادا ياخشى ئىشلارنى قىلسا، بۇنىڭ بەدىلىگە دۇنيادا نېمەتلەرگە ئېرىشىدۇ، ئەمما مۆمىنلەر بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ ئەجىر-ساۋابىنى ئاخىرەتتە ساقلاپ قويغاندىن باشقا، قىلغان تائەت-ئىبادەتلىرىگە رىزىق-نېمەتلەرنى ئاتا قىلىدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى2808-ھەدىس].
يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق كەلگەن: «ئاللاھ تائالا مۆمىن بەندىسىنىڭ قىلغان ياخشىلىقىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ، ئۇنىڭغا دۇنيادىمۇ نېمەت ئاتا قىلىدۇ ۋە ئاخىرەتتىمۇ ئەجىر -ساۋاپ بېرىدۇ، ئەمما كاپىرغا بولسا، قىلغان ياخشىلىقىغا دۇنيادا ياخشى تۇرمۇش، نېمەتلەرنى ئاتا قىلىدۇ، ئاخىرەتتە بولسا ئۇنىڭدا ئىمان بولمىغانلىقى ئۈچۈن ھېچ ساۋاپ بېرىلمەيدۇ».
شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى: دۇنيادا بېرىلىدىغان مۇكاپات كەسكىن بېكىتىۋېتىلگەن ئەمەس، بەلكى ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ خالىشى بىلەن بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: مَّن كَانَ يُرِيدُ العاجلة عَجَّلْنَا لَهُ فِيهَا مَا نَشَآءُ لِمَن نُّرِيدُ تەرجىمىسى: «بىز دۇنيانى كۆزلىگەنلەر ئىچىدىن خالىغان ئادەمگە (ئۇنىڭ خالىغىنىنى ئەمەس) بىزنىڭ خالىغىنىمىزنى بېرىمىز». [سۈرە ئىسرا 18 -ئايەت].
شەنقىتى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "شۇنى بىلىش كېرەككى، قۇرئان-ھەدىستىن بىز زىكىر قىلغان دەلىللەرگە كۆرە، كاپىر ئۆزىنىڭ دۇنيادا قىلغان: ئاتا-ئانىغا ياخشىلىقى قىلىش، سىلە-رەھىم قىلىش قىلىش، مېھمانلارنى، خوشنىلىرىنى ھۆرمەت قىلىش، باشقىلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش ۋە ئاسانلاشتۇرۇش قاتارلىق ياخشى ئەمەللىرى بىلەن دۇنيادا مەنپەئەتلىنىدۇ، نېمەتلىنىدۇ، بۇنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ خالىشى بىلەن بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: مَّن كَانَ يُرِيدُ العاجلة عَجَّلْنَا لَهُ فِيهَا مَا نَشَآءُ لِمَن نُّرِيدُ تەرجىمىسى: «بىز دۇنيانى كۆزلىگەنلەر ئىچىدىن خالىغان ئادەمگە ئۇنىڭ خالىغىنىنى ئەمەس بىزنىڭ خالىغىنىمىزنى بېرىمىز». [سۈرە ئىسرا 18 -ئايەت].
مۇشۇ ئايەت باشقا ئايەت ۋە ھەدىستە بايان قىلىنغان ھۆكۈملەر بىلەن ئالاقىلىق بولۇپ، ئۇسۇل قائىدىسىدە: بولۇپمۇ بۇ يەردىكىگە ئوخشاش ھۆكۈم بىلەن سەۋەپ بىر بولغان ۋاقىتتا: ئالاقىدار نەرسە ئالاقىدار بولمىغان نەرسىدىن ئۈستۈن بولىدۇ، دەپ بايان قىلىنغان. ["ئەزۋائۇل بايان" 3 -توم 450 -بەت.]
بىز يۇقىرىدا بايان قىلغان ئاللاھ تائالانىڭ كاپىرلاردىن خالىغان كىشىگە ساۋاپ بېرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى دەلىللەر "تەرىزا" دېگەنگە بېرىلمەيدۇ، ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى: "ئەغنىس غونكىزا بوجاكىسۇ" يۇرتى مەقدونىيادىن، بۇ خرىستىيان راھىبى بولۇپ، 1997-يىلى ۋاپات بولغان، ئۇنىڭ يۇرتىدىن قوغلانغان كەمبەغەللەرگە، كېسەللەرگە ياردەم بېرىپ ئۇلارنى ئۆزى ئېتىقاد قىلىدىغان خىرىستىئان دىنىغا كىرگۈزگەن، بۇنداق خىزمەتلەر ياخشى ئىش دەپ قارالمايدۇ، ئۇنىڭغا دۇنيادا بېرىلگەن نېمەتلەر ئۇنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ مۇكاپىتى ھېسابلانمايدۇ، بەلكى كىشىلەرگە يىمەكلىك بېرىش، رىزىق بېرىش ئاللاھنىڭ كىپىللىدىكى ئىش، كاپىر بولغانلارنى بۇ قىلىشىغا كۆرە جازالايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَإِذْ قَالَ إِبْرَاهِيمُ رَبِّ اجْعَلْ هََذَا بَلَدًا آمِنًا وَارْزُقْ أَهْلَهُ مِنَ الثَّمَرَاتِ مَنْ آمَنَ مِنْهُم بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الآخِرِ قَالَ وَمَن كَفَرَ فَأُمَتِّعُهُ قَلِيلاً ثُمَّ أَضْطَرُّهُ إِلَى عَذَابِ النَّارِ وَبِئْسَ الْمَصِيرُ تەرجىمىسى: «ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم: پەرۋەردىگارىم! بۇ يەرنى (مەككىنى) تېنىچ شەھەر قىلىپ بەرگىن، ئاھالىسىدىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقانلارنى تۈرلۈك مېۋىلەر بىلەن رىزىقلاندۇرغىن، دېدى. ئاللاھ كاپىر بولغان ئادەمنىمۇ رىزىقتىن ئازغىنا مۇددەت ھاياتلىقىدا) بەھرىمەن قىلىمەن، ئاندىن كېيىن ئۇنى (ئاخىرەتتە دوزاخقا ھەيدەيمەندېدى. بۇ نېمىدېگەن يامان ئاقىۋەت». [سۈرە بەقەرە 126 -ئايەت.]
سۆزنىڭ خۇلاسىسى: كاپىرلارنىڭ دۇنيادا قىلغان ئىشلىرى ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:
بىرىنچى: كاپىرلارنىڭ دۇنيادا ئاللاھ تائالاغا يىقىنلىشىش شەرت قىلىنماستىن قىلغان سىلە-رەھىم قىلىش، مېھمانلارنى، ھۆرمەت قىلىش دېگەندەك ياخشى ئەمەللىرى بولسا، بۇ ئاللاھ تائالا ئەگەر كاپىرنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىگە ساۋاپ بېرىشنى خالىسا ساۋاپ بېرىدۇ دېگەن ھەدىستىن بولغان مەقسەت مۇشۇنىڭدىن ئىبارەت.
ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " بۇ ھەدىستە: كاپىرلارنىڭ دۇنيادا ئۇنىڭ توغرا بولىشى نىيەتكە ئېھتىياجلىق بولمايدىغان، ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىشى ئۈچۈن قىلغان: سىلە-رەھىم قىلىش، مېھمانلارنى، ھۆرمەت قىلىش، سەدىقە قىلىش، قۇل ئازات قىلىش، ياخشى ئىشلارنى ئاسانلاشتۇرۇش قاتارلىقلار ئەمەللىرىگە كۆرە دۇنيادا نېمەتلەرگە ئېرىشىدۇ". ["مۇسلىمنىڭ شەرھىسى" 17 -توم 150 -بەت.]
ئىككىنچى: دۇنيا ئەمەللىرىدىن ساھىبى بۇنىڭ بىلەن ئۆز ئېتىقادىنى تارقىتىش، مۇسۇلمانلارنى دىندا پىتنىگە چۈشۈرۈش قاتارلىق ئىشلار ھەدىستە بايان قىلىنغان ياخشىلىقنىڭ قاتارىغا كىرمەيدۇ، بەلكى ئۇ ئەمەلنىڭ ساھىبىغا قاتتىق ئازاب ۋەدە قىلىنغان، چۈنكى ئۇ ئىنسان بۇ ئىشى بىلەن ئاللاھنىڭ دىنىنى توسىدۇ، ئۆزىنىڭ رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ كېسەللىك، كەمبەغەللىك، ۋە پېقىرلىق ھالەتلىرىدىن پايدىلىنىدۇ، "تىيرىزا" ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش خرىستىئان بولۇشقا، باتىلغا چاقىرغۇچىلارنىڭ ئىشىمۇ بۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
ئەمما دۇنيادا قىلىنغان ئىشلار ھەج، ئۆمرە، دۇئا، دېگەندەك دىنى ئىشلاردىن بولسا، بۇنىڭدا ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش نىيىتى بولىشى شەرت قىلىنىدۇ، ئەگەر كاپىر ئۆزىنىڭ كاپىرلىق ھالىتىدە بۇنداق ئىشلارنى قىلىدىكەن، ئۇنىڭ بۇ ئىشىغا دۇنيادىمۇ ۋە ئاخىرەتتىمۇ ئەجىر-ساۋاپ بېرىلمەيدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ قىلغان ئىشىدا شۇ ئەمەلنىڭ قوبۇل بولىشى ئۈچۈن شەرت قىلىنغان ئىخلاس ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشتىن ئىبارەت ئىككى شەرت يوق، ئۇنىڭ قىلغان ئىشى باتىل يەنى بىكار، ئاندىن كاپىرنىڭ قىلغان دىنى ئىشلىرى بىكار بولۇپ، قىيامەت كۈنىدە ئۇنىڭغا دۇنيادا قىلغان ئىشىدىن قىلچىلىكمۇ مەنپەئەت بولمايدۇ.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.