شەنبە 18 شەۋۋال 1445 - 27 ئاپرىل 2024
Uygur

ساپا-مەرۋىنى تاھارەتسىز سەئيى قىلىش توغرىسىدا

سۇئال

    ساپا-مەرۋە ئارىسىدا سەئيى قىلىۋاتسام تاھارىتىم بۇزۇلدى، تاھارەت يېڭىلاش ئۈچۈن سىرتقا چىقىشقا قادىر بولالمىدىم، ۋىدا تاۋاپى قىلىۋاتقاندىمۇ شۇنداق ئىش يۈز بەردى، تاھارەت

بۇزۇلغان ھالەتتە تاۋاپ قىلغان ۋە سەئيى قىلغان كىشىنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟. ئاللاھ ياخشى مۇكاپات بەرسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    تاھارەتسىز بولسىمۇ ساپا-مەرۋە ئارىسىدا قىلغان سەئىيىڭىز توغرا بولىدۇ، چۈنكى سەئيى قىلىش ئۈچۈن تاھارەتنىڭ بولىشى شەرت ئەمەس، ئەمما ۋىدا تاۋاپىغا كەلسەك، قىلغان ۋىدا تاۋاپىڭىز توغرا بولماپتۇ، چۈنكى تاۋاپنىڭ سەھىھ بولىشىدا تاھارەت شەرتدۇر. ئەگەر سىز مەككىدە بولسىڭىز ۋىدا تاۋاپىنى قايتىدىن قىلىڭ، ئەگەر يۇرتىڭىزغا سەپەر قىلغان بولسىڭىز سىزگە بىر قوي جازا كېلىدۇ. بۇنى مەككىدە ئۆلتۈرۈپ كەمبەغەللەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىشىڭىز كېرەك بولىدۇ. ئاللاھ ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلسۇن. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتىلىرىغا ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

مەنبە: سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى پەتىۋاسى 11-توم 264-بەت