بەدەندىن كىيىمىدىن ۋە باشقا ئورۇنلاردىن نىجاسەتنى يۇيۇشنىڭ نىيەتكە ئېھتىياجى بولمايدۇ، بەلكى نىجاسەت شۇ كىشى ئارقىلىق ياكى باشقا يوللار بىلەن پاكىزلانغان بولسا، نىجاسەت يۇقۇپ قالغان ئورۇن پاكىز بولىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن بەدەننى نىجاسەتنى تازىلاش ئۈچۈن بۇنى نىيەت قىلىش شەرت قىلىنمايدۇ، بەلكى نىيەت قىلمىسىمۇ نىجاسەتنى تازىلىۋەتسە بولىدۇ.
"پىقھى توپلاملىرى" 29-توم 95-بەتتە مۇنداق كەلگەن: " پىقھى ئالىملىرى نىجاسەتنى پاكىزلاشنىڭ نىيەتكە ئېھتىياجلىق بولمايدىغانلىقىغا ئىتتىپاق كەلگەن، نىجاسەتنى پاكىزلاشقا نىيەت شەرت قىلىنمايدۇ، نىيەت قىلمىسىمۇ نىجاسەتنى يۇيۇۋەتسە پاكىز بولىدۇ".
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.