شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

نامازدا بەدىنىدىن ئازراق ئېچىلىپ قىلىپ ئاندىن دەرھال ئورىۋالغانلىق توغرىسىدا

سۇئال

     خانىم قىزلار ناماز ئوقۇۋاتقاندا كىكىردىكى، چېچى ياكى بوينى قاتارلىق ئەزالىرى مەقسەتسىز ئېچىلىپ قالغان بولسا، ناماز جەريانىدا دەرھال يىپىۋالغان بولسا، ئوقۇغان نامازنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ ئۇ نامازنى قايتىدىن ئادا قىلامدۇ قانداق؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     بىرىنچى: كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا-ئاللاھ ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن- ئەۋرەتنى يېپىش ئەرلەرنىڭ ھەققىدە بولسۇن ياكى ئاياللارنىڭ ھەقىدە بولسۇن نامازنىڭ سەھىھ بولىشىنىڭ شەرتىدىندۇر. نامازدا ئايالنىڭ ئەۋرىتىنىڭ بەلگىلىمىسى توغرىسىدا 1046 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن. 

    بۇنىڭ دەلىلى: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا بالاغەتكە يەتكەن ئايالنىڭ لىچەكسىز ئوقۇغان نامىزىنى قوبۇل قىلمايدۇ». [ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايىتى. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ سۈنەن ئەبۇ داۋۇدتا كەلتۈرگەن].

    ئىبنى ئابدۇلبەر مۇنداق دەيدۇ: "ئەۋرەتنى يېپىش نامازنىڭ پەرىزلىرىدىن دەپ قارىغان كىشى بۇ ھەدىسنى دەلىل قىلدى، ئەۋرىتىنى يېپىشقا قادىر بولۇپ تۇرۇپ كىيىمىنى قويۇپ يالىڭاچ ناماز ئوقۇغان كىشىنىڭ نامىزىنىڭ باتىل ئىكەنلىكىگە ئىجما قىلدى، ۋە بۇ مەسىلىگە ھەممەيلەن بىرلىككە كەلدى دېدى". ["ئەلمۇغنى" 1-توم 337-بەت]. 

    ئىككىنچى: ئەۋرىتىنى يۆگەپ ناماز ئوقۇۋېتىپ مەخسەتسىزلا ئەۋرىتى ئېچىلىپ قالغان بولسا، ئاندىن دەرھال يۆگىگەن بولسا، ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن، ئەۋرىتى ئاز ئېچىلىپ قالغان بولسۇن ياكى كۆپ ئېچىلىپ قالغان بولسۇن، ئەۋرىتى يەڭگىل ئورۇنلار بولسۇن ياكى كۆرۈش بولمايدىغان ئورۇنلار بولسۇن ئوخشاشلا  ئوقۇغان نامىزى توغرا بولىدۇ.

  "كىشاپۇل قىنا" 1-توم 269-بەتتە مۇنداق دېگەن: "مەقسەتسىز ئەۋرىتى ئازراق ئېچىلىپ قالسا ، ئەۋرىتىنىڭ ئازراق ئېچىلىپ قىلىشى ئۈزۈن داۋاملاشقان بولسىمۇ بۇنىڭ بىلەن ئوقۇغان نامىزى باتىل بولمايدۇ، شۇنىڭدەك قىسقا ۋاقىتتا ئەۋرىتىدىن كۆپ جاي ئېچىلىپ قالسىمۇ نامىزى باتىل بولۇپ كەتمەيدۇ، ئەگەر تۇيۇقسىز شامال كېلىپ ئەۋرىتىنى يۆگىگەن نەرسىنى ئېچىۋەتكەن بولسا، ئەۋرىتىدىن ئۇزۇن ۋاقىت ئوچۇق تۇرسا ئەپۇ قىلىنمايدىغان يېرى ئېچىلىپ قالغان بولسا، ھەتتا ئەۋرىتىنىڭ ھەممىسى ئېچىلىپ قالغان بولسىمۇ كۆپ ھەرىكەت قىلماستىن دەرھال يۆگىۋالغان بولسا نامىزى باتىل بولمايدۇ، ئەۋرىتىنىڭ ھەممىسى ئېچىلىپ قالغان قىسقا مۇددەت دېگەن ئەۋرىتىنىڭ ئازراق بىر قىسمى ئېچىلىپ قالغان ئۇزۇن مۇددەتكە ئوخشايدۇ، ئەگەر ئەۋرىتىنى ياپىدىغان نەرسىنى ئېلىش ئۈچۈن كۆپ ھەرىكەت قىلغان بولسا نامىزى باتىل بولىدۇ".

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھمۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر ئەۋرىتى كۆپ ئېچىلىپ قىلىپ ئۇنى قىسقا ۋاقىتتا يۆگىۋالغان بولسا، نامىزى باتىل بولمايدۇ، بۇ ئىش، خۇددى بىر كىشى رۇكۇ قىلىۋاتقاندا، شامال ئۇ كىشىنىڭ كىيىمىنى ئۇچۇرۇپ ئەۋرىتىنى ئېچىۋەتكەن بولسا، شۇ ۋاقىتتا دەرھال يۆگىۋالغان بولسا، مۇئەللىپنىڭ سۆزىگە كۆرە ناماز باتىل بولىدۇ. مېنىڭ قارىشىمدا توغرىسى بۇ ھالەتتە ناماز باتىل بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى ئەڭ يېقىن ۋاقىتتا ئەۋرىتىنى يېپىۋالدى، ئۆزلىگىدىن قەستەن ئېچىشنى مەقسەت قىلمىدى، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَاتَّقُوا اللَّهَ مَا اسْتَطَعْتُمْ‏ تەرجىمىسى: «تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار» [سۈرە تەغابۇن 16-ئايەت].

 "شەرھىل مۇمتىئ" 2-توم 75-بەتكە قارالسۇن. 

  مۇشۇ دەلىللەرگە كۆرە ئەۋرىتىڭىزنى شۇ ۋاقىتتىلا يۆگىۋالغان بولسىڭىز ئوقۇغان نامىزىڭىز توغرا بولاپتۇ، سىزگە ئۇ نامازنى قايتىدىن ئوقۇش كېرەك بولمايدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى