جۈمە 21 جىمادۇل ئەۋۋەل 1446 - 22 نويابىر 2024
Uygur

مالنى مۇددەتكە بۆلۈپ سېتىش توغرىسىدا

سۇئال

مەن توي قىلىش ئۈچۈن ياتاق ئۆيگە كېرەكلىك نەرسىلەرنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن پۇلىسى بار بىر كىشىنىڭ يېنىغا بارىمەن، ئۇ كىشى مەن بىلەن بىرگە شۇ نەرسىلەرنى ساتىدىغان دۇكانغا بېرىپ مەلۇم باھادا نەرسىلەرنى سېتىۋالىدۇ، ئاندىن كېيىن ئۇ نەرسىلەرنى ئەسلىدىكى باھاسىدىن يۇقىرى باھادا ماڭا مۇددەتكە بۆلۈپ بېرىشىمگە ساتىدۇ، بۇنداق مۇئامىلە ئىشلىرى باشقا نۇرغۇن كىشىلەردىمۇ بولىدۇ، ھەر بىر كىشىگە مەقسەت قىلغان نەرسىسىنى شۇ كىشى ئۈچۈن سېتىپ ئالىدۇ، ئاندىن ئۇنى ئۇ كىشىگە مۇددەتكە بۆلۈپ بېرىش ئۈچۈن ئەسلىدىكى باھاسىدىن يۇقىرى باھادا ساتىدۇ، بىلىشىمچە، بۇ كىشى مەلۇم تىجارەت ئىشلىرىدا ئالاھىدە تەربىيىلەنگەن ئەمەس، بۇ جازانىنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلىنامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بۇ سېتىۋالغۇچى مۇددەتكە بۆلۈپ سېتىش ئارقىلىق پايدا ئېلىش دەپ تونۇلىدۇ، دوكتۇر مۇھەممەد ئابدۇلھەلىم ئۆمەر ئۆزىنىڭ "ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسى ژۇرنىلى" ئون بەشىنچى ساندا نەشىر قىلىنغان: "پايدا ئىلىش سودىسىنىڭ ئەمەلىي تەپسىلاتى" ناملىق ماقالىسىدە مۇنداق دېگەن: بۇ سودىدا پايدا ئىلىش بولسا ئىلگىرى پىقھى ئالىملىرى تونۇتقان ئىككى سۈرەتنىڭ بىرى بىلەن تامام بولىشى مۇمكىن بولىدۇ" 1- سۈرەت: بۇنى ئومۇمى ياكى ئەسلى سۈرەت دەپ قوللىنىش مۇمكىن بولىدۇ. ئۇ بولسىمۇ: بىر ئادەم مەلۇم بىر مالنى مۇئەييەن بىر باھادا سېتىۋالىدۇ، ئاندىن ئۇ مالىنى يەنە بىر كىشىگە ئەسلىدە ئالغان باھاغا مەلۇم مىقداردا پايدىنى قېتىپ ساتىدۇ، بۇ يەردە ھېچ كىشى تەلەپ قىلمايدۇ، ئۇ كىشى ئۆزى ئۈچۈن سېتىۋالىدۇ. ئاندىن ئۇنى پايدا ئىلىپ سېتىشقا ئىلان بېرىدۇ.

   2-سۈرەت: ئۇ يېڭى ئاتالغۇدا: سېتىۋېلىشنى تەلەپ قىلغان كىشىگە پايدا ئىلىپ سېتىش دەپ ئاتىلىدۇ، بۇنىڭ شەكلى: بىر كىشى يەنە بىر كىشىگە: ماڭا مۇنداق نەرسە لازىمتى ياكى مانداق سۈپەتتىكى نەرسە لازىمتى دەپ ئالماقچى بولغان نەرسىنىڭ ئۆزىنى ياكى ئۇنىڭ سۈپىتىنى بايان قىلىدۇ ۋە بۇ مالنى سىز سېتىۋالسىڭىز مەن  سىزدىن ئەسلى باھاسى بويۇنچە ياكى مەلۇم مىقداردا پايدا بېرىپ سېتىۋالىمەن ياكى دەسلەپتە بەرگەن پۇل پايدا ھېسابلىنىدۇ قالغىنىنى مۇددەتكە بۆلۈپ ئادا قىلىمەن دېگەن بولسا، گەرچە بۇ خىلدىكى سودىنىڭ شەكلى يېڭى دەۋىردىكى پىقھى ئالىملىرىنىڭ ئاتالغۇسىغا كۆرە: سېتىۋېلىشنى تەلەپ قىلغان كىشىگە پايدا ئىلىپ سېتىش دەپ ئاتالسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ قانداق شەكىلدە بولىدىغانلىقى ئىلگىرىكى پىقھى ئالىملىرىنىڭ كىتابلىرىدا بايان قىلىنغان، ئىمام شافىئى رەھىمەھۇللاھنىڭ "ئەلئۇم" ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق كەلگەن: بىر كىشى يەنە بىر كىشىگە تاۋارنى كۆرسىتىپ: بۇنى سەن سېتىۋالغىن مەن ساڭا مۇنچىلىك پايدا بېرىپ ئالىمەن دېسە. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى تاۋارنى سېتىۋالسا توغرا بولىدۇ. ئاندىن مۇنداق دەيدۇ: شۇنىڭدەك، ماڭا مانى سېتىۋالغىن دەپ سېتىۋالىدىغان نەرسىنىڭ سۈپىتىنى بايان قىلىپ بەرسىمۇ ياكى سەن خالىغان بىر نەرسىنى سېتىۋالغىن مەن ئۇنى ساڭا پايدا بېرىپ سېتىۋالىمەن دېگەن بولسا دۇرۇس بولىدۇ، بۇنىڭ ھەممىسى سودىنىڭ  دۇرۇس بولىشىدا ئوخشاش.

    «سېتىۋېلىشنى تەلەپ قىلغان كىشىگە پايدا ئىلىپ سېتىش» نىڭ دۇرۇس بولىشى ئۈچۈن، سېتىۋېلىشى تەلەپ قىلىنغان كىشى مالنى ئۆزىدىن سېتىۋالىمەن دېگەن كىشىگە سېتىشتىن ئىلگىرى ئالدى بىلەن تاۋارنى ئۆزى ئۈچۈن ھەقىقى سېتىۋېلىشى ۋە تاپشۇرۇپ ئېلىشى كېرەك.

    سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى پەتىۋاسى 13-توم 153-بەتتە مۇنداق كەلگەن: ئىنسان يەنە بىر ئىنساندىن ئۆزىگە مۇئەييەن بىر ماشىنىنى سېتىۋېلىشنى ياكى مۇكەممەل سۈپەتلەنگەن مەلۇم بىر نەرسىنى سېتىۋېلىشنى ۋە ئۇنى ئۆزىنىڭ سېتىۋالىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان بولسا، تەلەپ قىلىنغان كىشى  تەلەپ قىلىنغان نەرسىنى سېتىۋېلىپ تاپشۇرۇپ ئالغان بولسا، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ نەرسىنى تەلەپ قىلغان كىشىگە ساتسا نەخ ساتسىمۇ ياكى مەلۇم مىقداردا پايدا بېرىش بەدىلىگە پۇلنى مۇددەتكە بۆلۈپ ئادا قىلسىمۇ دۇرۇس بولىدۇ. بۇ ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ يېنىدا يوق بولغان نەرسىنى سېتىشنىڭ تۈرىگە كىرمەيدۇ، چۈنكى ئۇ كىشىدىن تاۋار تەلەپ قىلىنىدۇ، ئۇ كىشى تاۋارنى تەلەپ قىلغان كىشى ئۈچۈن سېتىۋېلىپ قولىغا تاپشۇرۇپ ئالدى، ئۇ كىشى تەلەپ قىلغان كىشىگە ئۆزىدە يوق، ئۆزى سېتىۋالمىغان بىر نەرسىنى ياكى سېتىۋالغان بولسىمۇ تاپشۇرۇپ ئالمىغان نەرسىنى ساتمىدى، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىنسان ئۆزى سېتىۋېلىپ تىخى قولىغا تاپشۇرۇپ ئالمىغان نەرسىنى سېتىشتىن چەكلىگەن".

   بۇنىڭدىن شۇ مەلۇم بولىدۇكى، پۇل ئىگىسى ئۆزىدىن بىر نەرسە سېتىۋېلىشنى تەلەپ قىلغان كىشى بىلەن تىجارەتچىنىڭ دۇكىنىغا كېلىدۇ، ئۇنىڭغا ياتاق ئۆيگە لازىملىق نەرسىلەرنىڭ پۇلىنى نەخ بېرىپ سېتىۋالىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىنلا پۇلىنى تۆلىگەن كىشى سېتىۋالغان نەرسىنى ئۆزىنىڭ مۈلكىيەت دائىرىسىگە كىرگۈزمەي تۇرۇپ تەلەپ قىلغان كىشىگە سېتىشى دۇرۇس بولمايدۇ.

   شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن ئۆزىنىڭ نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋاسىدا مۇنداق دەيدۇ: ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر مۇنداق بىر ئىشنى قېلىۋاتىدۇ: قەرز بەرگۈچى ۋە قەرز ئالغۇچى بىرلىكتە مال ساتىدىغان كىشىنىڭ يېنىغا كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قەرز بېرىدىغان كىشى ئۇ مالنى ئۆزى نەخ پۇل بېرىپ سېتىۋالىدۇ لېكىن مالنى ئۆزى تاپشۇرۇپ ئالماستىن، سېتىۋالغان ئورۇندىن يۆتكىمەستىنلا قەرزدار كىشىگە سېتىۋېتىدۇ، ئاندىن ئۇ مالنى قەرزدار كىشى ئورنىدىن يۆتكىمەستىن دۇكاننىڭ ئىگىسىگە ياكى باشقا كىشىگە ساتىدۇ، بىز بۇنداق سودىنى ھارام دەپ بىلىمىز. شەكسىز بۇ شەكىلدە سودا قىلىش دۇرۇس بولمايدۇ، چۈنكى بۇ سېتىۋالغان مالنى ئۆز ئورنىدىن يۆتكىمەي سېتىش بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سېتىۋالغان مالنى ئورنىدىن يۆتكەپ ئۆزىنىڭ دائىرىسىگە ئېلىپ ئاندىن سېتىشقا بۇيرىغان. بۇ شەكىلدىكى سودىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنىڭ جۈملىسىدىن: مالنىڭ ساھىبى بۇ شەكىلدە ئۆزى ئىگە بولمىغان نەرسىنى سېتىپ پايدا ئالغان بولىدۇ. ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۆزى ئىگە بولالمىغان نەرسىنى سېتىپ پايدا ئىلىش ھالال بولمايدۇ» [تىرمىزى  رىۋايىتى1234-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى ھەسەن سەھىھ دېگەن. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 3504-ھەدىس. نىسائى رىۋيىتى 4629-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى 2188،-ھەدىس. ئەھمەد رىۋياىتى 6591-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ، سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

   پايدا ئىلىپ سېتىشنىڭ دۇرۇس بولىشى ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار شەرتلەرنى بىلىش ئۈچۈن 36408-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى