چارشەنبە 15 شەۋۋال 1445 - 24 ئاپرىل 2024
Uygur

«سىلەر زېرىكمىگۈچە ئاللاھ تائالا زېرىكمەيدۇ» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى

136566

تارقاتقان ۋاقىت : 06-05-2015

كۆرگۈچىلەر : 6377

سۇئال

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: سىلەر زېرىكمىگۈچە ئاللاھ تائالا زېرىكمەيدۇ دېگەن ھەدىسنىڭ مەنىسى نېمە؟ بۇ ھەدىستە ئاللاھ تائالاغا زېرىكىش دېگەن سۈپەتنى ئىسپاتلاش ئىپادىلىنەمدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆيگە كىرگەندە ئۆيدە مېنىڭ يېنىمدا بىر ئايال بار ئىدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: بۇ ئايال كىم؟ دەپ سورىدى، مەن: بۇ كېچىسى ئۇخلىماي ناماز ئوقۇيدىغان ئايال دېدىم. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ كۈچى يېتىدىغان ئەمەللەرنى قىلىڭلار، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەر زېرىكمىگۈچە ئاللاھ تائالا زېرىكمەيدۇ. دىندا ئاللاھ تائالا ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئەمەل، ئاز بولسىمۇ ساھىبى داۋاملاشتۇرىۋاتقان ئىبادەت، دېدى. [بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى43 -ھەدىستە، ئىمام مۇسلىم785-نومۇرلۇق ھەدىستە رىۋايەت قىلغان].

ھەدىسنىڭ زاھىرىي مەنىسىدىن ئاللاھ تائالانىڭ شەنىگە لايىق ھالەتتىكى «زېرىكىش» سۈپىتىنى ئىسپاتلاشقا دالالەت قىلىدۇ.

شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم ئال-شەيخ رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "شۈبھىسىزكى، سىلەر زېرىكمىگۈچە ئاللاھ تائالا زېرىكمەيدۇ، دېگەن سۆز ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرى ئىپادىلىنىدىغان جۈملىلەردىن بولۇپ، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز شانۇ-شەۋكىتىگە لايىق بولغان رەۋىشتىكى سۈپەت بولۇپ، بۇ تىزدىن ئىنساننىڭ زېھنىگە كىلىدىغان "زاڭلىق قىلىش ۋە ئالداش" دېگەندەك ئاللاھ تائالاغا لايىق بولمايدىغان كەمچىللىك سۈپەتلەردىن ئەمەس. ئاللاھ تائالا بارلىق ئەيىب-نۇقسانلاردىن پاكدۇر." [مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم ئال-شەيخ پەتىۋالىرى1-توم 179-بەت].

سەئۇدى ئەرەبىستان دائىمىي كومىتېتى ئالىملىرىدىن يۇقىرىدا بايان قىلىغان ھەدىس توغرىسىدا سورالغاندا، ئۇلار جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "بۇ ھەدىسنى بايان قىلىنغان شەكىلدەچۈشىنىش بىلەن بىرگە، ھەدىستە بايان قىلىنغان ئاللاھ تائالانىڭ سۈپىتىگە ئىمان كەلتۈرۈش زۆرۈر بولىدۇ، چۈنكى ئۇمۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىگە لايىق بولغان رەۋىشتىكى سۈپىتى بولۇپ، بۇنى باشقا مەخلۇقاتلارنىڭ سۈپىتىگە ئوخشاتماستىن ۋە قانداقلىقىنى سۈرۈشتۈرمەستىن ئىمان ئېيتىش كېرەك. بۇ خۇددى قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنغان: ھىيلە ئىشلىتىش، ئالداش ۋە ھىيلە-مىكىرگە تاقابىل تۇرۇش دېگەن سۈپەتلەرگە ئوخشاشتۇر. ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز زاتىغا لايىق رەۋىشتىدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: لَيْسَ كَمِثْلِهِ شَيْءٌ وَهُوَ السَّمِيعُ الْبَصِيرُ تەرجىمىسى: ھېچ شەيئى ئاللاھقا ئوخشاش ئەمەستۇر، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر [سۈرە شۇرا 11-ئايەت].

ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن". [پەتىۋا بەرگۈچىلەر: شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز، شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان، شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئال-شەيخ ۋە شەيخ سالىھ ئەلپەۋزان قاتارلىقلار. دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى2-توم 402-بەت].

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھدىن: ئاللاھ تائالاغا "زېرىكىش" دېگەن سۈپەتنى ئىسپاتلايمىزمۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: سىلەر زېرىكمىگۈچە ئاللاھ تائالا زېرىكمەيدۇ دەپ بايان قىلىنغان، بىر قىسىم ئۆلىمالار بۇ ھەدىسنى ئاللاھ تائالاغا زېرىكىش دېگەن سۈپەتنى ئىسپاتلاشقا دەلىل قىلغان، لېكىن ئاللاھ تائالانىڭ زېرىكىشى باشقا مەخلۇقاتلارنىڭ زېرىكىشىگە ئوخشىمايدۇ، چۈنكى مەخلۇقاتلارنىڭ زېرىكىشى كەمچىللىك بولۇپ، ئۇ بىر ئىشتىن ئىچى پۇشۇش ۋە تىتىلداشنى ئىپادىلەيدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ زېرىكىشى ئۇ زاتنىڭ ئۆزىگە لايىق سۈپەت بولۇپ ئۇنىڭدا كەمچىللىك يوق، بۇ سۈپەت باشقا مەخلۇقاتلار ئۈچۈن كەمچىللىك بولسىمۇ، ئەمما ئاللاھ تائالاغا نىسبەتەن ئاللاھ تائالانىڭ باشقا سۈپەتلىرىگە ئوخشاشلا كامىللىقنى ئىپادىلەيدۇ.

يەنە بىر قىسىم ئۆلىمالار يۇقىرىدا بايان قىلىنغان سىلەر زېرىكمىگۈچە ئاللاھ تائالا زېرىكمەيدۇ دېگەن ھەدىس توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىستىن سىز قانچىلىق ئەمەل-ئىبادەت قىلىڭ، ئاللاھ تائالا سىزنىڭ قىلغان ئەمەللىرىڭىز ئۈچۈن مۇكاپاتلايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن سىز قىلالايدىغان ئەمەللەرنىڭ ھەممىسىنى قىلىڭ، سىز ئەمەل قىلىشتىن زېرىكىپ قالمىسىڭىز، ئاللاھ تائالا سىزنىڭ قىلغان ئەمەللىرىڭىزگە ساۋاپ بېرىشتىن زېرىكىپ قالمايدۇ، مۇشۇنىڭغا ئاساسەن ھەدىستە بايان قىلىنغان زېرىكىش بولسا بەندىنىڭ زېرىكىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر".

يەنە بىر قىسىم ئۆلىمالار مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىس ئاللاھ تائالا ئۈچۈن مۇتلەق زېرىكىش دېگەن سۈپەتنى ئىسپاتلاشقا دالالەت قىلمايدۇ، بۇ خۇددى بىر كىشىنىڭ يەنە بىر كىشىگە: سەن ئورنۇڭدىن تۇرمىغۈچە مەنمۇ تۇرمايمەن دېگەن سۆزىگە ئوخشاش بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىككىنچى بىر كىشىنىڭ تۇرۇشى لازىم كەلمەيدۇ، بۇ ھەدىستىكى: «سىلەر زېرىكمىگۈچە ئاللاھ تائالا زېرىكمەيدۇ» دېگەن سۆزدىن ئاللاھ تائالا ئۈچۈن زېرىكىش دېگەن سۈپەتنى ئىسپاتلاشنىڭ لازىملىقىنى ئىپادىلىمەيدۇ.

ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ئاللاھ تائالانى زېرىكىش ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان كەمچىلىكنى ئىپادىلەيدىغان بارلىق ناقىس سۈپەتلەردىن پاك دەپ ئىتىقاد قىلىشىمىز ۋاجىپ بولىدۇ. ئەگەر بۇ ھەدىسنىڭ زېرىكىش دېگەن سۈپەتكە دەلىل بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانسا، بۇنىڭدىن بولغان مەقسەت بۇ مەخلۇقاتلارنىڭ زېرىكىشىگە ھەرگىزمۇ ئوخشىمايدۇ". [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالار توپلىمى 1-توم 174-بەت].

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى