جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ئىقتىسادنى بىكار قويماستىن مەبلەغ سېلىپ كۆپەيتىش توغرىسىدا

سۇئال

بىر كىشىنىڭ نۇرغۇن ئىقتىسادى بولۇپ، بىرەر ئىشقا مەبلەغ سېلىشنى خالايدۇ، لېكىن ئۇ كىشىنىڭ يوللۇق بولغان ھېچ قانداق بىر تىجارەتتىن مەلۇماتى يوق، ئىسلامى قاراشتا بۇنىڭ ئامال-چارىسى بارمۇ؟. مەسىلەن: يېتىم بالىلار ياكى ئىقتىسادى بار بولسىمۇ تىجارەت ئىشلىرىدىن ھېچ خەۋىرى يوق كىشىلەر قانداق قىلىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، ساھابىلىرى ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئىسلام پىرىنسىپى مالنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە ئۇنى زايە بولۇپ كېتىشتىن ساقلاشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

مۇغىرە ئىبنى شۆبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ؛ دەپتىكەن، دېيىلىپتىكەن دېگەندەك سۆزلەرنى كۆپ قىلىشىڭلارنى، ۋەھىي نازىل بولىۋاتقاندا كۆپ سوئال سورىشىڭلارنى ۋە مالنى زايە قىلىۋېتىشىڭلارنى ياقتۇرمايدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى 2408-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 593-ھەدىس].

    ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھەدىستىكى مالنى زايە قىلىۋېتىش" دېگەنلىك، ئىلگىرى بايان قىلىنغاندەك، قالايمىقان سەرپ قىلىپ ئىسراپ قېلىش مەقسەت قىلىنىدۇ، بەزى ئۆلىمالار چەكلەنگەن-ھارام نەرسىلەرگە سەرپ قىلىشنىمۇ مالنى زايە قىلىۋېتىش دەپ قارايدۇ.

    بۇنىڭدىكى ئەڭ كۈچلۈك قاراش: دىنى ياكى دۇنيالىق جەھەتتىن بولسۇن مالنى شەرىئەت رۇخسەت قىلمىغان يوللارغا سەرپ قىلىش دېمەكتۇر. ئىسلام شەرىئىتى بۇنداق قىلىشتىن چەكلەيدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا مالنى بەندىلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن تۇرغۇزدى، بۇنى ھەق يولغا بولسۇن ياكى باشقا يوللارغا بولسۇن قالايمىقان سەرپ قىلىپ بۇزۇپ، چېچىش بولسا بۇ مەنپەئەتنى يوق قىلىۋېتىشتۇر، ئەمما ئەجىر-ساۋابقا ئېرىشىش ئۈچۈن شۇنداقلا ھەق ئىگىلىرىنىڭ ھەققىنى زايە قىلىۋەتمەستىن ياخشى يوللارغا مال سەرپ قىلىش ئىسراپ قىلىش ھېسابلانمايدۇ".

   مالنى ئىشلەتمەستىن قويۇپ قويۇش، ئۇنىڭدىن پايدىلانماسلىق، گەرچە مالنى زايە قىلىۋەتكەنلىك ھېسابلانمىسىمۇ ئەمما مالنى پايدىلانماي بىكار قېلىۋېتىش، مال ساھىبى ۋە باشقىلار ئۈچۈن مۇشۇ مالغا ئاساسەن قولغا كېلىدىغان مەنپەئەتنى زايە قىلىۋېتىش  ھېسابلىنىدۇ، مالنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئومۇمى مەنپەئەتكە ئېلىپ بارىدۇ، مالدىن مەنپەئەتلەنمەي بىكار قويۇش بولسا بۇ ئومۇمى مەنپەئەتنى يوق قىلىش ھېسابلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە كىشىلەرنىڭ سەدىقە ۋە خەيرى-ئېھسانلارنى يېيىشىگە سەۋەپ بولىدۇ.

    شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: "يېتىمنىڭ مېلىغا ئىگە بولغان كىشى، ئەگەر ئۇ يېتىمنىڭ مېلى بولسا ئۇنى بوش قويۇپ تۈگىتىپ يېتىمنى سەدىقە يەيدىغان قىلىپ قويماستىن، تىجارەتكە سېلىپ كۆپەيتىپ قويسۇن". [دارى قۇتنىي رىۋايىتى 2-توم 109-بەت. بەيھەقىي رىۋايىتى 11301-ھەدىس. ئىبنى ئەرەبىينىڭ "ئارىزەتىل ئەھۋەزىي" ناملىق ئەسىرى 2-توم 99-بەتكە قارالسۇن].

   ھەكىم ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، ماڭا ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا تىجارەتچى بارمۇ؟ مېنىڭ يېنىمدا يېتىمنىڭ مېلى بار ئىدى، زاكات ئۇنىڭ ماللىرىنى تۈگىتىشكە ئاز قالدى دېدى، مەن ئۇنىڭغا: ھەئە بار دېدىم، ئۇ ماڭا ئون مىڭ دەرھەم بەردى، مەن مەلۇم مۇددەت تىجارەت ئۈچۈن يىراقلارغا سەپەر قىلدىم، قايتىپ كەلگەن ۋاقتىمدا، ئۆمەر مەندىن؛ مالنى قانداق قىلدىڭ؟دەپ سورىدى، مەن ئۇنىڭغا: مال ھازىر يۈز مىڭ دەرھەمگە يەتتى دېدىم]. [بەيھەقى رىۋايىتى 11301-نومۇرلۇق سوئال].

    قاسىم ئىبنى مۇھەممەد مۇنداق دەيدۇ: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىزنىڭ

 ماللىرىمىزنىڭ زاكىتىنى ئايرىيتتى، ئۇ بىزنىڭ ماللىرىمىزنى بەھرەيندە   تىجارەتكە سالاتتى. [بەيھەقە رىۋايىتى 11304-ھەدىس].

    شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "يېتىمنىڭ مېلىغا پەقەت ئىشەنچىلىك، تەجرىبىلىك، كۈچلۈك كىشى ئىگە بولىشى كېرەك، ئەگەر ئىگە بولىدىغان كىشىدە بۇ سۈپەتلەر تېپىلمىسا، ئۇنى شۇ سۈپەت تېپىلىدىغان كىشىگە ئالماشتۇرۇش كېرەك بولىدۇ، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە باشقا مۆتىۋەر كىشىلەرنىڭ: يېتىمنىڭ مېلىنى تىجارەتكە سېلىڭلار، ئۇلارنى سەدىقە يەيدىغان كىشىلەردىن قىلىپ قويماڭلار دېگەن سۆزى بويىچە، يېتىمنىڭ مېلىنى تىجارەتكە سېلىش كېرەك بولىدۇ". ["پەتىۋا كۇبرا"5-توم 397-بەت].

    مۇشۇنىڭغا ئاساسەن ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ يېنىدا مال بولسا ياكى يېتىمنىڭ مېلىغا ئىگە بولسا، ئۇ مالنى تىجارەتكە سېلىپ كۆپەيتىشى كېرەك. ئۇنداق قىلمىغاندا يېتىمنىڭ مىلىنىڭ زايا بولۇپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولمايدۇ. يېتىمنى سەدىقە ۋە خەيرى-ئېھسان يەيدىغان ھالەتتە قويۇپ قويماسلىقى لازىم.

    ئەگەر مالغا ئىگە بولغان كىشى ئۆزى ئىشنى ياخشى قىلالىسا، ئۆزى قىلىشى، ئەگەر ياخشى قىلالمىسا، ئىشەنچىلىك، تەجرىبىلىك تىجارەتچىلەرنى ئىزدەپ شۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بۇ مالغا شېرىك قىلىپ ھەر ئىككىلىسىنى مەنپەئەتلەندۈرىشى كېرەك.

    شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇ ماللارنى شەرئى پرىنسىپقا ئۇيغۇن بولغان بانكىلارنى تېپىپ ئامانەت قويۇشى، جازانە ۋە باشقا تۈرىدىكى ھارام مۇئامىلىلەردىن يىراق قىلىشى كېرەك بولىدۇ.

    بۇ يەردە بەزى ئورۇنلار بار، ئۇلار تىجارەت ئىشلىرى ۋە باشقا تەرەپلەردىن مەلۇم ھەق ئېلىش بەدىلىگە مال ئىگىلىرىگە يول كۆرسىتىدۇ، پىلان تۈزۈپ بېرىدۇ ۋە پىلاننىڭ قانداق ئەمەلىلەشكەنلىكىنى بىر قانچە ئاي كۈزىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئورۇنلاردىن ياردەم ئالسىمۇ بولىدۇ.

    ھازىرقى ۋاقىتتا ھېيلىگەر-ئالدامچىلار كۆپ بولۇپ، ئۇلار تۈرلۈك يوللار بىلەن كىشىلەرنىڭ مال-مۈلكىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن مالنى بېرىدىغان ئادەمنى  تەكشۈرۈپ، تولۇق ئىشەنچ قىلغاندىن كېيىن بېرىش كېرەك.

    ھۆكۈمەت كىشىلەرنىڭ مال-مۈلكىنى ئېلىپ ئۇنىڭ ئورنىغا ئايلىق، يىللىق مەلۇم مۇددەتلىك بېكىتىلگەن جازانە شەكىلدە قەرز بەرگەندىن كۆرە، مال ئېگىلىرىنىڭ ماللىرىنى ئېلىپ ئۇنى ئىگىلىرىگە گۈللەندۈرۈپ بەرسە ياخشى بولىدۇ، چۈنكى شەخسلەرگە كۆرە ھۆكۈمەت بۇنىڭغا لايىق، بۇ ھەم شەرئى ھۆكۈملەر بىلەن بېكىتىلگەن مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى بولىدۇ.

    ئەگەر ھۆكۈمەت ئۇنداق قىلمىسا ياكى قىلالمىسا، ئامانەتدار ئىنسانلار ئازلاپ كېتىدۇ، يېنىدا مال بار، تىجارەتنى ياخشى قىلالمايدىغان كىشىلەر، ھېيلىگەر، ئالدامچى، ساختىپەزلەرنىڭ ئالداش نىشانى بولۇپ قالىدۇ، ماللار زايە بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئومۇمى خەلقنىڭ مەنپەئەتى زايە بولىدۇ.

    ئاللاھ تائالادىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىسلاھ قىلىشىنى سورايمىز.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى