چارشەنبە 20 زۇل ھەججە 1445 - 26 ئىيۇن 2024
Uygur

ناماز ئادا قىلىش چەكلەنگەن ئورۇنلار توغرىسىدا

سۇئال

  مۇمكىن بولسا ناماز ئادا قىلىش دۇرۇس بولمايدىغان يەتتە ئورۇندىن خەۋەر بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بەلكىم سىز ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستىكى: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يەتتە تۈرلۈك ئورۇندا ناماز ئادا قىلىشتىن چەكلىدى: تەرەتخانا، قۇشخانا، قەبرىستانلىق، يولنىڭ ئۇتتۇرى، يۇيۇنىدىغان جاي، تۆگە قوتىنى ۋە بەيتىللاھنىڭ ئۆگزىسى» [تىرمىزى رىۋايىتى 346-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى 746-ھەدىس] دېگەن ھەدىسنى مەقسەت قىلغان بولىشىڭىز مۇمكىن، لېكىن بۇ ھەدىس زەئىپ، تىرمىزى بۇ ھەدىستىن كېيىنلا ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىسنىڭ ئىسنادى كۈچلۈك ئەمەس دېگەن.

    شۇنىڭدەك، ئەبۇ ھاتىم رازىمۇ زەئىپ دېگەن، شۇنىڭدەك "ئەلئىلەل" 1-توم 148-بەتتىمۇ زەئىپ دېگەن. ئىبنى جەۋزى "ئىلەل ئەلمۇتەناھىي" 1-توم 399-بەتتە، بۇسەيرى "مىسباھۇز زۇجاجە" 1-توم 95-بەتتە، ھاپىز ئىبنى ھەجەر "ئەتتەلخىس" 1-توم 531-532-بەتتە، شەيخ ئەلبانى "ئەلئىرۋاھ" 1-توم 318-بەتتە زەئىپ دېگەن.

     شۇنىڭغا ئاساسەن، بۇ زەئىپ ھەدىسنى بۇ ئورۇنلاردا ناماز ئادا قىلىشتىن چەكلەنگەنلىكىگە دەلىل قىلىش توغرا بولمايدۇ، لېكىن بۇ ئورۇنلارنىڭ بەزىسىدە ناماز ئادا قىلىش باشقا سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن ئىسپاتلانغان. ئەبى سەئىد ئەلخۇدەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «زېمىننىڭ ھەممىسى ناماز ئادا قىلىدىغان جاي بولۇپ پەقەت قەبرىستانلىق ۋە يۇيۇنىدىغان جايدا ناماز ئادا قىلىنمايدۇ». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 492-ھەدىس. تىرمىزى رىۋايىتى317-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى 745-ھەدىس].  

   شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادى ياخشىدۇر". ["ئىقتىدا سىراتۇل مۇستەقىم" 332-بەت. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "ئىرۋائۇل غەلىيل" 1-توم 320-بەتتە كەلتۈرگەن].

    بۇ ئورۇنلارنىڭ بەزىسى توغرىسىدا تەپسىلى بايان قىلىش كېرەك بولىدۇ:

   1-تەرەتخانا. بۇ ئەخلەت، نىجاسەتلەر تاشلىنىدىغان ئورۇن بولۇپ، نىجاسەت بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئورۇندا ناماز ئادا قىلىش چەكلىنىدۇ.

    ئاندىن بۇ پاسكىنا جاينى پاكىزە دېگەن تەقدىردىمۇ مۇسۇلماننىڭ بۇنداق ئورۇن بىلەن ئاللاھنىڭ ئالدىدا تۇرۇشى لايىق بولمايدۇ.

   2-قۇشخانا. بۇ مال بوغۇزلىنىدىغان جاي بولۇپ، بۇ يەردە قان ۋە باشقا نىجاسەتلەر بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ جاي نىجىس بولىدۇ. ئەگەر مال بوغۇزلانغان ئورۇن تازىلانغان پاكىزە بولسا ئۇ يەردە ناماز ئادا قىلسا بولىدۇ.

   3-قەبرىستانلىق. مېيىتلەر دەپنە قىلىنىدىغان ئورۇن بولۇپ، قەبرىگە چوقۇنغۇچىلارغا ئوخشاپ قالماسلىق ياكى ئاخىرىدا قەبرىگە چوقۇنۇشقا ئېلىپ بارماسلىقى ئۈچۈن بۇ ئورۇندا ناماز ئادا قىلىش چەكلىنىدۇ.

    بۇ جايدا جىنازا نامىزى ئادا قىلسا بولىدۇ، چۈنكى جىنازا نامىزى قەبرىستانلىقتا دۇرۇس بولىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتنى تازلايدىغان ئايال كېچىدە ۋاپات بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ نامىزىنى قەبرىستانلىقتا ئادا قىلغانلىقى ئىسپاتلانغان. [بۇخارى رىۋايىتى460-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى956-ھەدىس].

   قەبرىستانلىقتا ناماز ئادا قىلىشتىن چەكلەنگەنلىك بىلەن بىرگە ئۇ يەردە ناماز ئادا قىلىدىغان مەسچىت بىنا قىلىشتىن چەكلىگەن. مۇتەۋاتىر ھەدىسلەردە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قەبرىستانلىقنى ناماز ئادا قىلىدىغان مەسچىت قىلغانلارغا لەنەت قىلغان ۋە مەسچىت بىنا قىلىشتىن چەكلىگەن.

   شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرلەر ۋە ياخشى-سالىھ كىشىلەر ۋە پادىشاھلار ۋە ئۇلارنىڭ غەيرىنىڭ قەبرىلىرىگە بىنا قىلغان مەسچىتلەرنى ئۆرۈۋېتىش ياكى ئۇنىڭدىن باشقا ۋاسىتىلەر بىلەن يوق قېلىۋېتىش زۆرۈر بولىدۇ. بۇنىڭدا مەن بىلەن ئالىملارنىڭ ئارىسىدا ھېچ ئىختىلاپ يوق. ئۇ يەردە ناماز ئادا قىلىش مەكرۇھ بولىدۇ. بۇ ئورۇنلاردا ناماز ئادا قىلىش چەكلەنگەنلىكى، ئۇنداق قىلغانلارغا لەنەت قىلىنغانلىقى ۋە باشقا ھەدىسلەر بايان قىلىنغانلىقى ئۈچۈن بىزنىڭ مەزھەپنىڭ كۆرۈنۈشىدە ئۇ يەردە ناماز ئادا قىلىشنى توغرا ئەمەس دەپ قارايمىز". ["ئىقتىدا سىراتۇل مۇستەقىم" 330-بەت].

   4-يولنىڭ ئوتتۇرىدا ناماز ئادا قىلىش چەكلەنگەن.

   چۈنكى ئۇ ئىنسانلارنىڭ ماڭىدىغان جايى بولۇپ، ئۇنى توسۇۋېلىش توغرا بولمايدۇ، ئەمما ئادەم ماڭمايدىغان تاشلاندۇق يول ياكى يولنىڭ بىر تەرىپىدە ئادا قىلسا بولىدۇ. 

    يولنىڭ ئوتتۇرىدا ناماز ئادا قىلىشتىن چەكلەشنىڭ سەۋەبى: بۇ كىشىلەرنى يولنى تارلاشتۇرۇپ قويىدۇ، ئۇلارنى مېڭىشتىن توسۇپ قويىدۇ، ئۆزىنى مەشغۇل قىلىپ، نامازنىڭ كامىل بولىشىنى چەكلەپ قويىدۇ.

يولنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا ناماز ئادا قىلىش مەكرۇھ بولۇپ، بەزى ۋاقىتتا ئۇ كىشىنىڭ سەۋەبىدىن كىشىلەر ماڭالماي قىلىپ بىرەر ھادىسە چىقىپ قىلىش ئىھتىماللىقى بولسا ئۇ ۋاقىتتا ھارام بولىدۇ.

   بۇنىڭدىن: ھاجەت بولۇپ قىلىش، جۈمە نامىزى، ئىككى ھېيت نامىزى قاتارلىق نامازلارنى ئادا قىلىدىغانغا مەسچىت تولۇپ كەتكەن بولسا يولدا ئوقۇسا بولىدۇ، مۇسۇلمانلار شۇ بويۇنچە ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

   5- يۇيۇنىدىغان ئورۇن. ئىلگىرى ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن يۇيۇنىدىغان جايدا ناماز ئادا قىلىشتىن چەكلەنگەنلىك توغرىسىدا ھەدىس بايان قىلىنغان. بۇ ئۇ جايدا ناماز ئادا قىلىشنىڭ باتىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

    بۇ جايدا ناماز ئادا قىلىشتىن چەكلەشنىڭ ئىللىتى: ئۇ شەيتان ئورۇنلىشىدىغان ۋە ئەۋرەت ئېچىلىدىغان جايدۇر.

    ھەدىسنىڭ كۆرۈنىشى مۇنچا دائىرىسىگە كېرىدىغان ھەممە جاينى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، مەيلى يۇيۇنىدىغان جاي بولسۇن ياكى كىرخانا بولسۇن ئوخشاش.

   يۇيۇنىدىغان مۇنچىدا ناماز ئادا قىلىشتىن چەكلەنگەن ئىكەن، ئەلۋەتتە ھاجەتخانىدا ناماز ئادا قىلىشمۇ چەكلىنىدۇ. ھەقىقەتەن ھاجەتخانىدا ناماز ئادا قىلىش توغرىسىدا چەكلىمە كەلمىگەن بولسىمۇ لېكىن ھەر قانداق ئەقىللىق كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنچىدا ناماز ئادا قىلىشتىن چەكلىگەنلىكىنى ئاڭلايدىكەن، بۇنىڭ بىلەن ھاجەتخانىدا ناماز ئوقۇشنىڭ ئەلۋەتتە توغرا بولمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ.

    شۇنىڭ ئۈچۈن شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھاجەتخانىدا ناماز ئادا قىلىشتىن چەكلەنگەنلىك توغرىسىدا خاس دەلىل كەلمىگەن، چۈنكى بۇ ئىش مۇسۇلمانلارنىڭ نەزىرىدە دەلىلگە ئېھتىياجلىق بولۇشتىن بەك ئېنىقتۇر". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 25-توم 2430-بەت].

  6- تۆگە قوتىنى. بۇمۇ ھەزەر قىلىنىدىغان نەرسىلەر ئورۇنلىشىدىغان جاي، شۇنىڭدەك تۆگىنىڭ نىجاسەتلىرى جۇغلىشىدىغان ئورۇندۇر. بۇ يەردە ناماز ئادا قىلىشتىن چەكلەشنىڭ سەۋەبى: تۆگە قوتىنى دېگەن شەيتان ئورۇنلىشىدىغان جاي بولۇپ، ئەگەر ناماز ئادا قىلىۋاتقاندا قوتاندا تۆگە بولسا ئۇ ناماز ئادا قىلغۇچىغا تەشۋىش بولىدۇ، ئۇنى مۇكەممەل خۇشۇ بىلەن ناماز ئادا قىلىشتىن چەكلەيدۇ شۇنداقلا ئۇ كىشىگە ئەزىيەت يېتىپ قىلىشتىن ئەنسىرەش بولىدۇ.

   7- بەيتۇللاھنىڭ ئۆگزىسى. ئالىملار ئۇ يەردە ناماز ئادا قىلىشتىن چەكلىگەن، چۈنكى ئۇ يەردە يۈزلىنىدىغان قىبلە بولمايدۇ، ھەقىقەتەن قىبلىنىڭ بەزىسىگە يۈزلىنىش بولىدۇ، چۈنكى قىبلىنىڭ بەزىسى ئۇ كىشىنىڭ كەينىدە بولىدۇ.

بەزى ئالىملار كەبىنىڭ ئۈستىدە ناماز ئادا قىلىشنى دۇرۇس بولىدۇ دېدى، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەككە پەتىھ بولغان يىلى كەبىنىڭ ئېچىگە كېرىپ ناماز ئوقۇغان كەبىنىڭ ئۇستىدە ناماز ئادا قىلىشمۇ كەبىنىڭ ئىچىدە ناماز ئادا قىلغانغا ئوخشاشتۇر. ئەمەلىيەتتە بۈگۈنكى كۈندە كەبىنىڭ ئۆگزىسىدە ناماز ئادا قىلىش ئىمكانىيىتى بولمايدۇ.

   ناماز ئادا قىلىش چەكلەنگەن ئورۇنلاردىن:

   8- ھەقسىز ئېگەللىۋىلىنغان زېمىن.

    كىمكى باشقىلارنىڭ زېمىنىنى ھەقسىز ئىگەللىۋالىدىكەن ئالىملارنىڭ بىرلىكى بىلەن بۇ زېمىندا ناماز ئادا قىلىش ھارام بولىدۇ.

   ئىمام نەۋەۋي "ئەل مەجمۇ" 3-توم 169-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئالىملارنىڭ بىرلىكى بىلەن ھەقسىز ئېگەللىۋېلىنغان زېمىندا ناماز ئادا قىلىش ھارام بولىدۇ. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 105529- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن. ["شەرھىل مۇمتىئ" 2-توم 237-260-بەت، ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ "شەرھى بۇلۇغۇل مارام" 1-توم 518-522-بەت، "ھاشىيەتى ئىبنى قاسىم" 1-توم 537-547-بەت].

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى