جۈمە 8 رەبىئۇل ئەۋۋەل 1440 - 16 نويابىر 2018
Uygur

رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدىكى ئېتىكاپ ئۈچۈن مەسچىتكە قاچان كېرىدۇ ۋە قاچان قايتىپ چىقىدۇ؟

سۇئال

مەن رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئېتىكاپ قىلىشنى مەقسەت قىلىمەن، مەسچىتكە قاچان كېرىپ ۋە قاچان قايتىپ چىقىش توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

 بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئېتىكاپ قىلىدىغان جايغا كېرىش مەسىلىسىدە، كۆپچىلىك ئۆلىمالار-ئۇلارنىڭ جۈملىسىدىن: ئەبۇ ھەنىپە، مالىك، شافىئى ۋە ئەھمەد ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە رەھمەت قىلسۇن-رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئېتىكاپ قىلىشنى مەقسەت قىلغان كىشى رامزاننىڭ يىگىرمە بىرىنچى كېچىسى كۈن ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى ئېتىكاپ قىلىدىغان ئورۇنغا كېرىدۇ دەپ قارايدۇ، بۇنىڭ دەلىلى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

1-پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رامزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىدە ئېتىكاپ قىلغان. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

    بۇ ھەدىس ئېتىكاپنىڭ كېچىدە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، چۈنكى ئون دېگەن سۆزنىڭ ئايرىمىسى كېچە بىلەن ئايرىلغان. ئاللاھ تائالا پەجىر سۈرىسى 2-ئايەتتە: ئون كېچە دېگەن.

   ئاخىرىقى ئون كېچە دېگەن يىگىرمە بىرىنچى كېچە بىلەن باشلىنىدۇ.

    مۇشۇنىڭغا ئاساسەن، ئېتىكاپ قىلغۇچى مەسچىتكە يىگىرمە بىرىنچى كېچىسى كۈن ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى كېرىدۇ.

   2-ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: ئېتىكاپ قىلىشتىن بولغان ئەڭ زور غايە قەدىر كېچىسىنى تېپىش بولۇپ، يىگىرمە بىرىنچى كېچە دېگەن ئاخىرقى ئون كۈننىڭ تاق كېچىلىرىدىن، بەلكىم بۇ كېچە قەدىر كېچىسى بولۇشى مۇمكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ كېچىدىن باشلاپ ئېتىكاپ قىلىش كېرەك. بۇ سۆزنى سىندى "نەسائىينىڭ ھاشىيىسىدە" بايان قىلغان. ["ئەلمۇغنى"4-توم 489-بەتكە قارالسۇن].

    لېكىن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسىدە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئېتىكاپ قىلىشنى مەقسەت قىلغاندا، بامداتنى ئوقۇپ ئاندىن ئېتىكاپ قىلىدىغان ئورۇنغا كىرەتتى، دېيىلگەن. [بۇخارى رىۋايىتى 2041 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1173-ھەدىس].

     يۇقىرىدىكى ھەدىسنىڭ كۆرۈنىشى بويىچە، بەزى سەلەپ ئالىملىرى، ئېتىكاپ قىلىدىغان ئورۇنغا بامدات نامىزىدىن كېيىن كېرىش كېرەك دەيدۇ. دائىمىي كومىتېتى ئۆلىمالىرىمۇ مۇشۇ قاراشنى تۇتقان. 10-توم 411-بەت. [شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالىرى 15-توم 442-بەت].

     لېكىن جۇمھۇر ئۆلىمالار بۇ ھەدىسكە مۇنداق ئىككى تۈرلۈك جاۋاپ بەردى:   بىرىنچى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئېتىكاپنى كۈن ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن باشلىغان، ئەمما ئېتىكاپ قىلىدىغان خاس ئورۇنغا بولسا بامدات نامىزىدىن كېيىن كېرەتتى.

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئېتىكاپ قىلىشنى مەقسەت قىلسا بامدات نامىزى ئوقۇپ ئاندىن ئېتىكاپ قىلىدىغان جايغا كېرىپ كېتەتتى. ئېتىكاپنى كۈندۈزنىڭ ئەۋۋىلىدە باشلايدۇ دېگەن كىشىلەر بۇ ھەدىسنى دەلىل قىلدى. ئەۋزائى، سەۋرىمۇ شۇنداق دېگەن، لەيس ئىككى قارىشىنىڭ بىرىدە بۇنى دەلىل قىلغان. مالىك، ئەبۇ ھەنىپە، شافىئى ۋە ئىمام ئەھمەد: بىر ئاي ياكى رامزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىدە ئېتىكاپ قىلماقچى بولسا، كۈن ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى ئېتىكاپقا كېرىدۇ دەپ، بۇ ھەدىسنى ئېتىكاپ قىلىدىغان كىشى، باشقا ئىشلىرىدىن پارىغ بولدى، بامدات نامىزىدىن كېيىن خالى جايغا كىردى دەپ چۈشەندۈردى، بۇنىڭدىن ھەرگىزمۇ شۇ ۋاقىت ئېتىكاپنىڭ باشلىنىش ۋاقتى دېگەنلىك مەقسەت قىلىنمايدۇ، بەلكى شامدىن ئىلگىرى مەسچىتنىڭ ئېچىدىكى ئېتىكاپ قىلىدىغان ئورۇننى تەييارلىدى، بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن يالغۇز بولدى دېمەكتۇر.

    ئىككىنچى: ھەنبەلى مەزھەپ ئۆلىمالىرىدىن قازى ئەبۇ يەئلا بۇ ھەدىسنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يىگىرمىنچى كۈنى شۇنداق قىلغان دېگەنگە ئەكەلدى. سىندىي رەھىمەھۇللاھ: بۇ جاۋاپقا قاراپ چېقىش پايدىلىق، بۇ تايىنىشقا بەك لايىق دەيدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: "روزا توغرىسىدىكى پەتىۋالار" 501-بەتتە: ئېتىكاپ قاچان باشلىنىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "كۆپچىلىك ئۆلىمالار ئېتىكاپنىڭ باشلىنىشى يىگىرمە بىرنىچى كۈنى بامدات نامىزىدىن كېيىن ئەمەس بەلكى يىگىرمە بىرىنچى كېچىسى شامدىن بۇرۇن باشلىنىدۇ دەيدۇ. بەزى ئۆلىمالار ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ: يىگىرمە بىرىنچى كۈنى ئەتتىگەندە بامدات نامىزىنى ئوقۇپ ئاندىن ئېتىكاپ قىلىدىغان ئورۇنغا كېرەتتى دېگەن ھەدىسى بويىچە، ئېتىكاپنىڭ باشلىنىشى يىگىرمە بىرىنچى كۈنى بامداتتىن كېيىن بولىدۇ دەيدۇ، لېكىن كۆپچىلىك ئۆلىمالار بۇنىڭغا جاۋاپ بېرىپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بامدات نامىزىنى ئوقۇپ كىشىلەردىن ئايرىلىپ ئېتىكاپ قىلىدىغان جايغا كىردى، ئەمما ئېتىكاپنىڭ نىيىتىنى كېچىنىڭ ئەۋۋىلىدە باشلىغان چۈنكى ئاخىرىقى ئون كۈننىڭ كېچىسى دېگەن يىگىرمىنچى كۈنى كۈن ئولتۇرۇش بىلەن باشلىنىدۇ دەيدۇ.

    يەنە 503-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: رامزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىدە ئېتىكاپ قىلغۇچىنىڭ ئېتىكاپ قىلىدىغان ئورۇنغا كېرىدىغان ۋاقتى يىگىرمە بىرىنچى كۈنى كۈن ئولتۇرۇش بىلەن بولىدۇ، چۈنكى بۇ ئاخىرىقى ئون كۈننىڭ كېرگەن ۋاقتى، بۇ ھەرگىزمۇ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسىگە زىت كەلمەيدۇ، چۈنكى ھەدىسنىڭ لەپزى ئوخشىمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن لەپزىنىڭ لۇغەت مەنىسىگە ئەڭ يېقىن بولغانلىرى ئېلىنىدۇ. ئۇ بولسىمۇ ئىمام بۇخارى 2041-ھەدىستە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىدۇكى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر يىلى رامزاندا ئېتىكاپ قىلاتتى، يىگىرمە بىرىنچى كۈنى بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئېتىكاپ قېلىدىغان ئورۇنغا كېرەتتى.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ: يىگىرمە بىرىنچى كۈنى بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئېتىكاپ قېلىدىغان ئورۇنغا كېرەتتى دېگەن سۆزى ئېتىكاپ قىلىدىغان جايغا ئىلگىرى كېرىپ تۇرغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، چۈنكى ئېتىكاپ قىلدى دېگەن سۆز ئۆتكەن زامان پىلى بولۇپ، ئەسلىدە ئۇنى ئۆز ھەقىقىتىگە ئىشلىتىشتۇر.

    ئىككىنچى: ئېتىكاپتىن چېقىش ۋاقتى بولسا: رامزاننىڭ ئاخىرىقى كۈنى كۈن ئولتۇرغاندا ئېتىكاپتىن چېقىدۇ.

     شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: ئېتىكاپ قىلغۇچى ئېتىكاپ قىلغان ئورنىدىن قاچان چېقىدۇ؟ھېيت كېچىسى كۈن ئولتۇرغاندىن كېيىن چىقامدۇ ياكى ھېيت كۈنى بامدات نامىزىدىن يېنىپ چىقامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ئېتىكاپ قىلغۇچى ئېتىكاپ قىلغان ئورۇندىن رامىزان تۈگىگەندە چىقىدۇ، رامىزان ھېيت كېچىسى كۈن ئولتۇرۇش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ". ["رامىزان پەتىۋالىرى"502-بەت].

    دائىمىي كومىتېتى پەتىۋاسى 10-توم 411-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: "رامزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈندىكى ئېتىكاپنىڭ مۇددىتى، رامزاننىڭ ئاخىرىقى كۈنى كۈن ئولتۇرۇش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ".

    ھېيت كۈنى بامدات نامىزى ئوقۇپ، ئاندىن ئېتىكاپ قىلغان ئورنىدىن ھېيت نامىزىغا چىقىشنى تاللاپ قالسا بۇمۇ بولىدۇ، بەزى سەلەپ ئالىملىرى شۇنداق قىلىشنى ياخشى دەپ قارىغان.

    ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بەزى ئالىملار رامزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىدە ئېتىكاپ قىلغان كىشى ئائىلىسىگە قايتماي كىشىلەر بىلەن بىرگە ھېيت نامىزنى ئوقۇپ قايتىدۇ دەيدۇ، ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ: بۇ خەۋەر ماڭا ئىلگىرى ئۆتكەن ياخشى-پەزىلەتلىك كىشىلەر تەرىپىدىن يەتكۈزۈلدى، بۇ مەن مۇشۇ مەسىلە توغرىسىدا ئاڭلىغان ئەڭ يېقىملىق خەۋەر دەيدۇ.

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ: "ئەلمەجمۇئ" 6-توم 323-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: ئىمام شافىئى ۋە ئۇنىڭ ئەسھابلىرى مۇنداق دەيدۇ: "رامزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىدە ئېتىكاپ قىلىشتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشنى مەقسەت قىلغان كىشى، ئېتىكاپتىن بولغان بىرەر نەرسىنى چالا قويماسلىق ئۈچۈن مەسچىتكە يىگىرمە بىرىنچى كېچىسى كۈن ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى كېرىشى كېرەك، ئاي تولۇق بولسۇن ياكى ناقىس بولسۇن ئېتىكاپتىن ھېيت كېچىسى كۈن ئولتۇرغاندىن كېيىن چېقىشى كېرەك، ھېيت كېچىسى چىقماي مەسچىتتە قالغان بولسا، ئەتتىگەندە بامدات نامىزىنى ۋە ھېيت نامىزىنى ئوقۇپ چېقىشى كېرەك. ئەگەر ھېيت نامىزىنى مۇسەللاھ (مەيداندا)ئوقۇيدىغان بولسا، بامداتتىن يېنىپ ھېيت نامىزىغا چېقىشى كېرەك بولىدۇ.

    ئەگەر ئېتىكاپتىن بىۋاستە ھېيت نامىزىغا چىقىدىغان بولسا، نامازغا چېقىشتىن ئىلگىرى يۇيۇنۇپ، پاكىزلىنىپ چىقىشى ياخشىدۇر، چۈنكى بۇ ھېيتنىڭ سۈننەتلىرىدۇر. بۇنىڭ تەپسىلاتىنى بىلىش ئۈچۈن 36442- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

    ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

ئۇنىڭغا ئالاقىدار تىمىلار

كۆز قاراش ئەۋەتىش